سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
تۈندىكى يورۇقلۇق
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ھەممىگە ئايانكى، رۇسىيە بايلىق چوڭ دۆلىتى، بولۇپمۇ تاشقاتما ئېنېرگىيە بايلىقى كۆپ دۆلەت. «نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ژۇرنىلى» (OGJ)نىڭ 2022-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت زاپاس مىقدارى 10 مىليارد 960 مىليون توننا بولۇپ، يەر شارى نېفىت زاپاس مىقدارى رەت تەرتىپىدە 8-ئورۇندا تۇرىدىكەن، مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
رۇسىيەنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، جەمئىي 3 تىرىليون 740 مىليارد كۇب مېتىر، دۇنيادىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. 2023-يىلىدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 701 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
زاپاس مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت، لېكىن ئاساسى شۇنچە چوڭقۇر بولسىمۇ، ئۇدا زور مىقداردا قېزىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. رۇسىيە ئاكادېمىكى خالىموفنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە قېزىلغان ئومۇمىي مىقدارنىڭ %80ىدىن ئېشىپ كەتكەن.
كاساتكىن مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ تەھلىلچىلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2024-يىلى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 525 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %0.9 تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيەنىڭ كونا نېفىتلىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ھەقىقەتەن تۆۋەنلەپ كەتكەن. باكۇ نېفىتلىكى چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق نېفىت مەنبەسى بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى بىر مەھەل پۈتۈن يەر شارىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن، كېيىن تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئۇرال نېفىتلىكى بىلەن تۇرمىن نېفىتلىكى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلغان بولسىمۇ، مەھسۇلات مىقدارى ئازىيىپ كەتكەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپتىكى يامال يېرىم ئارىلىدا يېڭى تەبىئىي گازلىقنى بايقاپ، ئېنېرگىيە ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، لېكىن ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئېچىش تەننەرخى خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى نوۋاكنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى قېزىش شارائىتى ۋە سەۋىيەسىدە، رۇسىيەنىڭ نېفىت زاپىسىنى 30 يىل ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى، تەبىئىي گاز زاپىسىنى 50 يىل ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
ئۇنداقتا 30 ۋە 50 يىلدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسى تەدرىجىي تۈگەمدۇ؟ رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قانداق ساقلاپ قالىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ «مۇز دېڭىزدىكى تاجى» ئوخوت دېڭىزىدىن پايدىلىنىش كېرەك.
بەزى تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 12 مىليون 900 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 5 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرى چەت جايلار ۋە ئىچكى دېڭىز قۇرۇقلۇق بوسۇغىسى رايونىدا ئىكەن. بۇ يەرگە كەلگەندە ئوخوت دېڭىزىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ.
ئوخوت دېڭىزىنىڭ يۈزى ھەر يىلى 10-ئايدىن كېلەر يىلى 6-ئايغىچە مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، مۇزنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىرغا يېتىدۇ، خۇددى تەبىئەت بۇ دېڭىز تەۋەلىكىگە «مۇز تاج» تاقىغاندەك كۆرۈنىدۇ. رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق دېڭىز تەۋەلىكىگە جايلاشقان بۇ دېڭىز رايونى بېلىقچىلىق بايلىقى مول گۆھەر زېمىن بولۇپلا قالماستىن، يەنە نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ خەزىنىسى.
ئوخوت دېڭىزى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چەت دېڭىز بولۇپ، كۇرىل تاقىم ئاراللىرى ۋە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ شەرق، غەرب ۋە شىمال تەرىپى رۇسىيە زېمىنى بىلەن، جەنۇب تەرىپى ياپونىيەنىڭ خوككايدو بىلەن تۇتىشىدۇ.
لېكىن بۇ دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى ئىلگىرى تالاش-تارتىش بولۇپ كەلگەن، رۇسىيە تەرەپ ئوخوت دېڭىزىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك رۇسىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى، كامچاتكا يېرىم ئارىلى، كۇرىل تاقىم ئاراللىرى قورشىۋالغان، ئەگەر جەنۇبتا ياپونىيەنىڭ خوككايدو بولمىغان بولسا، بۇرۇنلا رۇسىيەنىڭ ئىچكى دېڭىزى بولغان بولاتتى، دېگەن. بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىزچىل بۇ يەردە ئىقتىسادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
2001-يىلى رۇسىيە تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئوخوت دېڭىزىنىڭ رۇسىيەنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى دەلىل-ئىسپاتنى قايىل قىلارلىق ئەمەس دەپ قارىغان، ياپونىيەمۇ رۇسىيەنىڭ ئىلتىماسىغا قارشى تۇرغان.
رۇسىيە كۆپ يىللىق تەتقىقات ئارقىلىق نۇرغۇن ئىسپات توپلىغان، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەنە ياپونىيەنى توسقۇنلۇق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىپ، ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخوت دېڭىز مەركىزىنىڭ 52 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ماتېرىك سۇپىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىسپاتنى تاپشۇرغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماتېرىك بوسۇغىسى چېگرا كومىتېتى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوخوتسك دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى 52 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنىڭ رۇسىيە ماتېرىك بوسۇغىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان.
رۇسىيە قۇرۇقلۇق بوسۇغىسى بەلبېغىغا كىرگۈزۈلگەن 52 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر يەر ئىلگىرى ھېچقانداق دۆلەتكە تەۋە ئەمەس ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ بارلىق بايلىقى پۈتۈنلەي رۇسىيەگە تەۋە بولغان. رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ھازىر ئوخوت دېڭىزى ئاستىدىكى بارلىق بايلىقلارغا پۈتۈنلەي يېتىدۇ، بۇ رايوندا بايقالغان بارلىق بايلىقلار رۇسىيەنىڭ قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئېچىلىدۇ.
بۇ رۇسىيەنىڭ ئوخوت دېڭىزىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل مول بايلىقلارنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. گېئولوگلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يەردىكى نېفىت بايلىقى تەخمىنەن 3 مىليارد باكقا يېتىدىكەن. ھازىرقى مەھسۇلات مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ ئاساسىي جەھەتتىن رۇسىيەنىڭ ئۈچ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يەردىكى ئومۇمىي نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى مىقدارى 15 مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ.
ئوخوت دېڭىزى خۇددى يىراق شىمالدا ئېغىر قار-مۇز دۇنياسىدا ئۇخلاۋاتقان پادىشاھقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ تاجى ئاستىدا سان-ساناقسىز بايلىقلار بار. لېكىن ئۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، تەبىئىي مۇھىت ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى غايەت زور خىرىسلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، بۇ «مۇز بىلەن قاپلانغان خەزىنە» رۇسىيەگە غايەت زور ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ كوزىرغا ئايلىنىدۇ.
گەرچە ئېچىش ئىنتايىن قىيىن بولسىمۇ، ئوخوت دېڭىزىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى رۇسىيەگە نىسبەتەن يەنىلا جەلپ قىلارلىق بايلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئالدى بىلەن كىلىمات شارائىتىغا يۈزلىنىش كېرەك. بۇ يەردىكى دېڭىز سۈيىنىڭ مۇز تۇتۇش مەزگىلى يەتتە ئاي، مۇز قېلىنلىقى 0.8 مېتىردىن 1 مېتىرغىچە بولۇپ، دېڭىز مەشغۇلاتىغا نىسبەتەن غايەت زور رىقابەت ھېسابلىنىدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 24 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان تېمپېراتۇرا ئاستىدىمۇ، دېڭىزدا قۇدۇق قېزىشقا توغرا كەلسە، قىيىنلىق دەرىجىسى «مارسقا كۆكتات تېرىغاندىنمۇ يۇقىرى».
كىلىماتتىن باشقا، تېخنىكا جەھەتتىكى خىرىسلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئوخوت دېڭىزىدىكى نېفىت-گاز بايلىقىنىڭ كۆپىنچىسى چوڭقۇر دېڭىز رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى چارلاش تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قېزىش ئۈسكۈنىسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چوڭقۇر دېڭىزدا بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ھەر قانداق كىچىك مەسىلە چوڭ ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى پۈتۈن دۇنيانى ۋەھىمىگە سالغان. بۇ ۋەقە دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مۇھىت ئاپىتىنىڭ بىرى دەپ قارالغان:
ئەمەلىي چارلاش-ئېچىش جەريانىدا، غايەت زور مەبلەغ ۋە زور قېزىش تەننەرخى رۇسىيە ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا ئورەك كولاشتەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.
ئەڭ مۇھىم قىيىن مەسىلە تېخنىكا ۋە مەبلەغ چەكلىمىسى. يىراق شەرق رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخى قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان ياۋروپا قىسمى ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن يىراق. شۇڭا، ئۇزاقتىن بۇيان تېخنىكا، مەبلەغ ۋە دۆلەت يىرىك پىلانىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلار ئۇزاقتىن بۇيان دېڭىز ئاستى ۋە يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىپ، ئۇنى ئىقتىسادىي ئوبوروتقا سېلىش مۇمكىن بولماي كەلگەن.
يەنە بىر مۇھىم توسالغۇ بولسا ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى. رۇسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش سالمىقى بىر قەدەر كىچىك، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يېتەرلىك ئەمەس.
پورت قۇرۇلۇشى جەھەتتە، رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ سۇ يولىدا پورت ئەڭ كۆپ، لېكىن كۆپىنچىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سېلىنغان، پورت قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولغاچقا، پورت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغىقىدا نوپۇس ئاز، تەبىئىي مۇھىتى ناچار، پورت يىل بويى مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرغاچقا، يېڭى پورت قۇرۇش تەس.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ رايوننىڭ تەكشۈرۈش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن. رۇسىيە نېفىت-تەبىئىي گاز مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ رايوننىڭ نېفىت، تەبىئىي گازنى تەكشۈرۈش دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %5 ۋە %6.5 ئىكەن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باھالاش سانى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئاران %4 ۋە %6 ئىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە نېفىت، تەبىئىي گاز ئېلىنغاندىن كېيىنكى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش يەنە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. يىراق شەرق رايونىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز قېزىش كەسپى يەنىلا دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرغاچقا، ئېچىش دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن، مەيلى نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش كۆلىمى بولسۇن ياكى مەھسۇلات مىقدارى بولسۇن ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، بۇنىڭغا يانداش پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساسى ۋە ئىقتىدارى خېلىلا ئاجىز.
يۇقىرىقى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە چەتئەل مەبلىغىنى پائال كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئوخوت دېڭىزىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش ۋە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقتىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دولقۇنىنى قوزغىغان.
«2001-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان رۇسىيە ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى» ۋە «1996-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان يىراق شەرق ۋە تاشقى بايقال چېگرا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات فېدېراتسىيە مەخسۇس تېزىسى»غا ئاساسەن رۇسىيە شەرقىي سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن.
رۇسىيەنىڭ ئوخوت دېڭىزىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز تەكشۈرۈش خىزمىتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، كونكرېت چارلاش پائالىيىتى باشلانغان ھەمدە ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ بۇرغىلاشنى پىلانلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇل ئەسلىھەلەرگە ئەگىشىپ قۇرۇلۇش قىلىش پىلانلانغان.
ئوخوت دېڭىزىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز تەكشۈرۈش تۈرىدە، رۇسىيە نېفىت شىركىتى ۋە ئۇنىڭ شۆبە شىركىتى 5300 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستى نېفىت قۇدۇقىنى بۇرغىلاشقا ھەمدە ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق نېفىت ساقلاش قاتلىمىنىڭ خەرىتىسىنى تەكشۈرۈپ، بۇرغىلاش ئۈنۈمى ۋە توغرىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان.
بۇ تۈردە 5000 مېتىردىن 7000 مېتىرغىچە چوڭقۇرلۇقتىكى ئۈچ قۇدۇق بۇرغىلىنىپ، پات ئارىدا نېفىت ئېلىش مۆلچەرلەنمەكتە؛ ھەمدە ئالاقىدار ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەملەشتۈرۈپ، ئىككى چارلاپ تەكشۈرۈش قۇدۇقى بۇرغىلىنىپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرسنى سىناق تەرىقىسىدە قېزىش باشلانغان. ئۆلچەش ئارقىلىق، لېبېكىنسك نېفىت-گازلىقىنىڭ نېفىتىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى مەلۇم بولغان.
ئوخوت دېڭىزىدىكى نېفىت-گاز چارلاش تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرغاچقا، چارلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن زور مىقداردىكى چەتئەل مەبلىغى ۋە تېخنىكىسى كېتىدۇ. شۇڭا چەتئەل مەبلىغى كىرگۈزۈش جەھەتتە، رۇسىيە «مەھسۇلات بۆلۈپ بېرىش كېلىشىمى قانۇنى» ئارقىلىق چەتئەل مەبلىغىنى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىشقا قاتناشتۇرغان.
مەسىلەن، ساخالىن 1-ۋە 2-نومۇرلۇق تۈرلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئامېرىكا ئېكسون شىركىتى ۋە ياپونىيە جېكسو شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل مەبلەغلىرىنى جەلپ قىلغان، بۇ تۈرلەرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 15 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ خىل ھەمكارلىق ئەندىزىسى رۇسىيەگە مەبلەغ ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى كىرگۈزگەن.
رۇسىيە نېفىت شىركىتى بىلەن ياپونىيە خەلقئارا نېفىت ئېچىش شىركىتى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئورتاق ئېچىشنى پىلانلىغان ھەمدە ئەسلەتمە ئىمزالىغان. ياپونىيە دۆلەتلىك نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە مېتال قېزىش گۇرۇھى %50تىن %75كىچە چىقىمنى ئۈستىگە ئالىدىغان ھەمدە چارلاش باسقۇچىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە خەلقئارا ھەمكارلىق بانكىسىمۇ قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان. رۇسىيە نېفىت شىركىتىنىڭ لېدىرى ئىگور سېچىنمۇ ياپونىيە، كورېيە ۋە چاۋشيەندىن كەلگەن ھەمراھلارنى ئوخوت دېڭىزىدىكى ماگادان 2-نومۇر ۋە ماگادان 3-نومۇرلۇق يېڭى تۈرگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلماقچى بولغان.
بىراق كېلىشىم ئىمزالاش 2013-يىلىدىكى ئىش بولۇپ قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە يەنە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش ۋە باج قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلغان. بۇ سىياسەتلەر چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مەبلەغنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىدى.
قىسقىسى، ئوخوت دېڭىزىنىڭ نېفىت-گاز بايلىقى ئىنتايىن قىممەتلىك، ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشىش تەس. مۇھىت، تېخنىكا، مەبلەغ، ئۇل ئەسلىھە ۋە چارلاش دەرىجىسى قاتارلىق نۇرغۇن چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى قېزىش خېلى قىيىن. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى گۆھەرنىڭ سىرلىق پەردىسى ئېچىلىشىدىن ئۈمىد بار.