سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
پۇشپا 2
رۇپېرت گىرىنت (Rupert Grint) «خاررىي پوتتېر»دىكى رون ۋاسلېينىڭ رولى بىلەن داڭق چىقارغان. يېقىندا ئۇ باج مەسىلىسى سەۋەبىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. ئەنگلىيەلىك بىر سودىيە ئۇنى باج ئورگىنىغا 1 مىليون 800 مىڭ فوندستېرلىڭ تاپشۇرۇشى كېرەك دەپ ھۆكۈم قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇ «خاررىي پوتتېر» ئارقىلىق ئېرىشكەن قوشۇمچە پۇلنىڭ نامۇۋاپىق قىسمىنى شەخسىي كىرىم ئەمەس، بەلكى كاپىتال مۈلكى دەپ قارىغان. 2019-يىلى ئالاقىدار تارماقلار ئۇنىڭ 2012-يىللىق باج تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ھەمدە رۇپېرت گىرىنتنى «خاررى پوتتېر» DVD پىلاستىنكىسى سېتىش، تېلېۋىزىيەدە ئۇلاپ تارقىتىش، ئاقما تاراتقۇدا تارقىتىش قاتارلىقلار ۋە باشقا يوللاردىن ئېرىشكەن پۇلىنىڭ 4 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭغا يەتكەنلىكىنى، ھەمدە بۇ پۇلنى خاتا تۈرگە ئايرىپ، بىر قەدەر تۆۋەن باج نىسبىتى بىلەن باج تاپشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بايقىغان. يەنە كېلىپ ئۇ بۇ خىل كىرىمنى شەخسىي كىرىمىگە ئەمەس، بەلكى ئەڭ تۆۋەن باج نىسبىتى بولغان كاپىتال كىرىمىگە ھېسابلاپ، 1 مىليون 800 مىڭ فوندستېرلىڭلىق باجدىن قاچقان.
«خاررىي پوتتېر»نى تۆۋەندىكى ئادرېسنى چېكىپ كۆرۈڭ: