سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
تۈندىكى يورۇقلۇق
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان ياپونىيەلىك پۇشتىدىن بولغان قىزچاق خەننا كوباياشىنىڭ يوقاپ كېتىش دېلوسىنىڭ نەتىجىسى بۈگۈن ئاخىرى چىققان.
بىر ئايدىن ئارتۇق يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، خەننانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بايانات ئېلان قىلىپ: «خەننا ئاخىرى بىخەتەر قۇتقۇزۇۋېلىندى، بىز چەكسىز خۇشال بولدۇق ۋە مىننەتدار بولدۇق» دېگەن.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن بىر ئاي ئائىلىمىز ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەتلىك بولدى، بىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ئازابلىرىمىزنى ئۇنتۇشىمىز، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بىزگە شەخسىيەت بوشلۇقى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
گەرچە بۇ ۋەقە قارىماققا مۇكەممەل ئاخىرلاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن پۈتۈن توردا ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلغان بۇ يوقاپ كېتىش دېلوسىدا يەنىلا نۇرغۇن چۈشەنگىلى بولمايدىغان تەپسىلاتلار بار.
مەسىلەن، خەننانىڭ دادىسى قىزىنى ئىزدەش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈۋالغان، خەننا لوس ئانژېلېستا يوقاپ كەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدا پەيدا بولغان، خەننانىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ سىرلىق تەشكىلاتقا چېتىلىپ قالغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان... خەننا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ گۇمانلىق نۇقتىلار ئەكسىچە تېخىمۇ سىرلىق بولۇپ قالغان.
بىز ئالدى بىلەن ئالدىنقى ئىشلارنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتەيلى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىزمۇ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر بەرگەنىدۇق:
مېنى چېكىپ كۆرۈڭ
11-ئاينىڭ 8-كۈنى خەننا ھاۋايدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ لوس ئانژېلېستا ئالمىشىپ، نيۇيوركقا بارماقچى بولغان، ئەمما لوس ئانژېلېستىكى ئايرودۇرۇمغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن يەنە شەھەر رايونىغا بارغان، ئۇزاق ئۆتمەي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئۇ ئىلگىرى شەھەر رايونىدىكى كىتابخانا ۋە داڭلىق ماركىلار پائالىيەت مەيدانىدا پەيدا بولغان، ھەمدە 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئايرودۇرۇمغا كەلگەن. ئۇنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىدا قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى سۈرىتى بىر ناتونۇش ئادەم بىلەن بىللە پىكو مېترو بېكىتىدە ئاپتوبۇستىن چۈشكەنلىكى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان.
ئۆيدىكىلەر ئىلگىرى ئۇ ئەۋەتكەن غەلىتە خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغان، سۆز-ئىبارىلەر ئۇنىڭ ئۇسلۇبىدا ئەمەس بولۇپ، خۇددى باشقىلار ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئىشلىتىپ يوللىغانغا ئوخشايتتى.
دوستى تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇر تېخىمۇ غەلىتە بولۇپ، خەننانىڭ دوستىنىڭ دېيىشىچە، خەننا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنىڭ قورقۇۋاتقانلىقىنى، ئۆيگە قايتالمايۋاتقانلىقىنى دېگەن: «قەستكار سالاھىيىتىمنى ئوغۇرلاپ بارلىق پۇلۇمنى ئوغرىلاپ كەتتى. ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بەشىدىن باشلاپ مەن بۇ ئىش ئۈچۈن بىئارام بولدۇم. مەن ئالدىنىپ قېلىپ، ھەممە پۇلنى دېگۈدەك مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە بەردىم.»
ئۆيدىكىلىرى يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئادەم ئىزدەش ئېلانى لوس ئانژېلېسنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا چاپلانغان، تاراتقۇلار داۋاملىق ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلغان، تورداشلارمۇ توردا بىر قىسىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن.
خەننانىڭ دادىسى ۋە بىر نەچچە تۇغقىنى لوس ئانژېلېسقا بېرىپ ئادەم ئىزدىگەن، يەنە يىغىلىش تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ياردەم قولىنى سۇنۇشقا مۇراجىئەت قىلغان. نۇرغۇن كىشىلەر تور ۋە تور سىرتىدىكى پۇل ئىئانە قىلىشقا قاتنىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائالىيەت قوزغاپ، ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ خەننانى بالدۇرراق قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، خەننانىڭ دادىسى ئۆزى يالغۇز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، لوس ئانژېلېس ئايرودۇرۇمى ئەتراپىغا بېرىپ ئۆلۈۋالغان.
چۈنكى ئىش بەك تۇيۇقسىز بولۇپ قالغان، لوگىكا جەھەتتىمۇ بىر دادىنىڭ شۇنچە يىراقتىن كېلىپ، قىزىنى ئىزدەپ، ئارقىدىن ئۆلۈۋالغانلىقىنى ھېچكىم چۈشىنەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن توردا نۇرغۇن سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
تورداشلار خەننانىڭ ئالاقە تورى ئاكونتىنى تېپىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن «سىرلىق تەشكىلاتلار»غا ئەگەشكەنلىكىنى بايقىغان، شۇڭا خەننانىڭ يوقاپ كېتىشى ۋە دادىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىشىنى «زەھەرلەنگەنلىك» كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ پەرەز قىلغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە خەننانىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيدا بولغان ۋاقتى مېترو بېكىتىدە ناتونۇش بىرەيلەن بىلەن بېكەتتىن چۈشكەنلىكى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە يوللىغان غەلىتە قىسقا ئۇچۇر بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى خاتا يولغا كىرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
ئويلىمىغان يەردىن قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ۋەقەدە ئۆزگىرىش بولغان، لوس ئانژېلېس ساقچىلىرى بىر ۋىدېيونى تاپقان، ۋىدېيودا كۆرسىتىلىشىچە، خەننا 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سان دىيېگو قۇرۇقلۇق يولى پورتى ئارقىلىق مېكسىكىغا كىرگەن.
كېيىنكى كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن ئۇنىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە مېكسىكىنىڭ تىخۇانا شەھىرىگە پىيادە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خەننانى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا قەستەن كېچىككەن ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چېگرادىن ئۆتۈپ مېكسىكىغا كىرگەن، دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئادەم ئېلىپ-سېتىش ياكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق بولغاچقا، بۇ ۋەقە ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئالغان «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يوقاپ كېتىش» ۋەقەسى ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن لوس ئانژېلېس ساقچىلىرى خەننانىڭ ئىز-دېرىكىنى تەكشۈرۈشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
لېكىن ساقچىلارنىڭ بۇ ئۇسۇلى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئائىلىسىدىكىلەر ساقچىلارنىڭ بۇ ئىشنى قالايمىقان بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، خەننانىڭ مېكسىكىغا بېرىشىنىڭمۇ ئاساسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار خەننانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قەستەن بۇنچە كۆپ ئازاب ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەنمەيدىكەن، بۇنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر مەسىلە بار ئىكەن.
ساقچىلار تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەر تاراتقۇلارغا خەننانى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنى چوقۇم بىخەتەر ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ساقچىلار ئىزدەشنى توختاتقاندىن كېيىن، خەننانىڭ ئاچىسى سىدنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالدىدا ھاممىسى پىكىننى قاتتىق تەنقىدلەپ، گەرچە ھاممىسى خەننانى ئىزدەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ خەننانى ئىزدەۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ۋەكىل بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھاممىسىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىشكە باشلىغان، ئۇ جىيەن قىزىنىڭ «زىيانكەشلىك قىلغانلىقى»نى، قىزچاقنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەزى خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، خەننانىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىشى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆلەڭگە ئېلىپ كەلگەن، ئەمما بىر ئائىلە كىشىلىرى ئامما ئىئانە قىلغان پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا يەنىلا ئىختىلاپ بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر «خەۋەردار كىشى» ئىككى كۈن ئىلگىرى تاراتقۇلارغا خەننانىڭمۇ ئالدامچىلىققا چېتىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ بىر قىسىم كوچا خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، خەننا ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇرۇنچە مىراندا ئىسىملىك ئارگېنتىنالىق بىر ئەر بىلەن توي قىلغان.
مىراندانىڭ ساختا سالاھىيەت بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاتىرىسى بار بولۇپ، ئۇ خەنناغا يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۇنى ئالداپ چېگرادىن چىقىرىشقا ۋەدە بېرىپ، يېڭى ھاياتىنى باشلىشىنى ئېيتقان.
بۇمۇ خەننانىڭ قىسقا ئۇچۇرىدا تىلغا ئېلىنغان «مەن ئالدىنىپ قېلىپ، ھەممە پۇلنى دېگۈدەك مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە بەردىم» دېگەن گېپى بىلەن باغلىشىدۇ.
بۇ بىر قىسىم خەۋەر تېخى دەلىللەنمەي تۇرۇپلا، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خەننانىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن تۇيۇقسىز بىر مۇھىم خەۋەرنى ئاشكارىلىغان، يەنى خەننا تېپىلغان. گەرچە خەننا تېپىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ سۈرىتى، ئەڭ ئاخىرقى ئورنى، ۋاقتى، سەۋەبى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلمىغان، پەقەت باياناتتا ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىنى قوغدىماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.
تورداشلار خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاساسەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن:
-بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بۇ خىل كۆز بويامچىلىق قىلىشى كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ، تېپىلغانلىقىنى دەپلا قويۇپ، ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتنى چىقارماپتۇ. ئۇلار بىر ئاي ئاۋارە بولغان قىزغىن تورداشلار، پىدائىيلارغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىشى كېرەك. خەننانىڭ ساق-سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، لېكىن ئۇ بارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىسراپ قىلغان ۋاقتى، زېھنى ۋە پۇلىنى قايتۇرۇشى كېرەك.
-بۇ ئىشتا ھازىر راستتىنلا بىر مۇنچە مەسىلە بار، ئۇ يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، دادىسى ئۆلۈۋالدى، ھازىر يەنە ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي ھېچقانداق چاتاق يوقلۇقى ئېيتىلدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟
-ئائىلىسىدىكىلەرگە شۇنچە كۆپ زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قالغان ئۆمرىدە خاتىرجەم ئۇخلىيالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-بۇ كىشىگە پۇل ئىئانە قىلغان ئامما تۆلەمگە ئېرىشىشى كېرەك.
-ئەمدى بولغاندا شەخسىيەتنى سۆرەپ ئەچىقىپ باھانە تاپتىڭىزمۇ؟ پۈتۈن دۇنيانى بۇ ئىشقا چېتىۋالغاندا نېمىشقا شەخسىيەتنى تىلغا ئالمىغان؟
-توختىماي ئاممىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، نەق پۇل ئىئانە قىلغۇزۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان ئۇلارغا ئەمدىلىكتە شەخسىيەت مەسىلىسى مۇھىم بولۇپ قاپتىمۇ؟
تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ كەسكىنلىكىدىن ئاغرىنغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ مەزگىلدە ھەر كۈنى دېگۈدەك بۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ تۇرغان-دە.
بۇ ۋەقەنى مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: خەننا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي يوقاپ كېتىپ، دادىسىنىڭ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇدا بىر ئاي تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، يەنە كۆپچىلىكنىڭ پۇل ئىئانە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. ئاخىرىدا خەننا تېپىلغان، ئەمما خەننانىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق يازما بەرمىگەن بولۇپ، خەننانىڭ يوقاپ كېتىش سەۋەبى توغرىسىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.