ھىندىستانلىق ئارتىس ئاللۇ ئارجۇننىڭ يېڭى كىنوسىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى دەسسىلىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنداقلا بىر ئايال ئۆلگەن، بۇ ئىش سەۋەبلىك ئاللۇ ئارجۇنمۇ كەچۈرۈم سورىغان ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىشتا توققۇز ياشلىق بىر بالىمۇ ئېغىر يارىلانغان، ئەمما «پۇشپا 2: قائىدە» ناملىق كىنونىڭ بېلەت كىرىمى يۇقىرى بولغان.
ئاللۇ ئارجۇن (Allu Arjun) ھىندىستاندىكى تەسىر كۈچى زور كىنو ئارتىسى، شۇنداقلا ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئارتىسلارنىڭ بىرى. شۇ يەر ۋاقتى 7-نويابىردىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئاللۇ ئارجۇن دەسسىلىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن شۇ جايدىكى ساقچىلار سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان، ئارقىدىن ئاللۇ ئارجۇن ئاشكارا كەچۈرۈم سوراپ، قازا قىلغانغا تەزىيە بىلدۈرگەن ھەمدە كەچۈرۈم سورىغان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئاللۇ ئارجۇن ئۆزىنىڭ يېڭى كىنوسى «پۇشپا 2: قائىدە»نىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھەيدەرئابات شەھىرىدىكى ساندىيا تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
بۇ نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈش، گەرچە ئانچە ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئەينى چاغدىكى ئادەم سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ قورقۇنچلۇقى قالايمىقانچىلىق چىقىش بولۇشى مۇمكىن. ئاللۇ ئارجۇن پەيدا بولغاندا ئۇنىڭ قىياپىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن بىر كۆرۈش ئۈچۈن، كەينىدىكى كىشىلەر توختىماي ئالدىغا سەنتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئالدىدىكى ئادەمنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئارقىدىنلا دەسسىلىش تىراگېدىيەسى كېلىپ چىققان.
بۇ دەسسىلىپ ئۆلگەن ئايالنىڭ ئىسمى رېۋاتى بولۇپ، ئىككى پەرزەنتلىك ئانا، شۇنداقلا ئاللۇ ئارجۇننىڭ سادىق مەستانىسى، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يولدىشى بىلەن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ساندىيا تىياتىرخانىسىغا بارغان، لېكىن ئۇ بەختكە قارشى ۋەقەدە قازا قىلغان، بايقالغاندا ھوشىدىن كەتكەن، نەق مەيداندىكى ساقچىلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك-ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغان، ئاندىن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان، لېكىن يەنىلا ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن.
يولدىشى باسكارنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە ئۇ ئايالى بىلەن بىللە بالىلارنى ئېلىپ بېرىشنى خالىمىغان، لېكىن توققۇز ياشلىق ئوغلىنىڭ قاتتىق يالۋۇرۇشى بىلەن بىر ئائىلىدىكى تۆت جان بىللە تىياتىرخانىغا بارغان. ئوغلى «پۇشپا 1: قەد كۆتۈرۈش»نى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ قويۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، كۆڭلى يايراپ كەتكەن.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ توققۇز ياشلىق بۇ ئوغۇل بالا ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆپكىسى ئېغىر يارىلانغان، ھازىرقى ئەھۋال كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ھايات-ماماتنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
يولدىشى باسكا بىلەن قىزى يارىلانمىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار دەسسىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان. باسكانىڭ ئېيتىشىچە، نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، قىزى يىغلاشقا باشلىغان، ئارقىدىن ئۇ بالىنى تىياتىرخانىغا ئانچە يىراق بولمىغان قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىشنى قارار قىلىپ ئايالى ۋە ئوغلىنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتكەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن جايىمغا قايتىپ كەلگەندە، ئايالىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ خەتەردە قالغانلىقىنى كۆردۈم.»
گەرچە كىچىك قىزچاق تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلاپ بۇ خىل ئىشلاردىن دادىسىنى ھەم ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئانىسىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان. باسكا ھازىر ئىنتايىن ئازابلانغان ۋە قايغۇرغان بولۇپ، ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئايالىنىمۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «تۇرمۇش جاپالىق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا بالىلارغا ئازادىلىك ۋە خۇشاللىق ھېس قىلدۇراتتى.» ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئايالى بۇلتۇر ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، جىگىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغانىكەن.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاللۇ ئارجۇن ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى «ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تۇيۇقسىز زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرمىغانلىقى، ھەمدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلمىغانلىقى» ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئاللۇ ئارجۇنمۇ ئەرز قىلىنغان.
بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ئاللۇ ئارجۇن ئەرز قىلىنغانلىقىغا تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن، لېكىن ئۇ ۋىدېيودا پەيدا بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كەچۈرۈم سورىغان، ئۇ بارلىق داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رېۋاتىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا 2 مىليون 500 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 220 مىڭ يۈەن) ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئىشلار بىلەن ئۆلگەن ھاياتلىقنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشلاردىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە تىراگېدىيە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن «پۇشپا 2: قائىدە» ناملىق كىنو قويۇلۇپ ئىككى كۈندىلا تۆت مىليارد رۇپىيە (تەخمىنەن 340 مىليون يۈەن)دىن ئارتۇق يەر شارى بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن. بۇ كىنونىڭ بېلەت كىرىمى، ئەمەلىي كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاللۇ ئارجۇن بەلكىم خۇشال بولۇشنى ياكى قايغۇرۇشنى بىلەلمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن.
كىنولار