سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
تۈندىكى يورۇقلۇق
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ياپونىيەدە، ئېيىقنىڭ ئادەمگە ھۇجۇم قىلىشى دائىم يۈز بېرىدىغان ۋەقە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە ناگانو ناھىيەسىدىكى بىر ھايۋانات تەتقىقات مەركىزى ئىت ئارقىلىق ئېيىقنى قوغلىۋەتمەكچى بولغان. خىزمەتچى خادىملار ئىتنى ئېلىپ تاغقا چىقىپ، ئېيىقنىڭ ئىزىنى بايقىغان ھامان ئىتنى ئېيىقنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇشقا بۇيرۇغان.
خىزمەتچىلەر يەنە تاغقا چېلەكسىمان قىلتاق قويۇپ، ئىچىگە ھەسەل قاچىلاپ، ئېيىقنى ئالداپ تۇتقان. تۇتۇلغان ئېيىقنى ئىنسانلار ئولتۇراق رايونىدىن يىراق جايغا ئېلىپ بېرىپ قويۇپ بەرگەن ھەمدە ئۇلارغا سىمسىز تېلېگراف بويۇن چەمبىرىكى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە قولايلىق ياراتقان. ئېيىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ياپونىيەدىكى كۈنىمۇ تەس، ھەر يىلى نۇرغۇن ئېيىقلار ئۆلتۈرۈلىدۇ، شۇڭا ئېيىق بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە.
سۈرەتتە: 2015 - يىلى ياپونىيەدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 400 كىلوگىراملىق چوڭ قوڭۇر ئېيىق
بەزىلەر ئېيىق شۇنچە ياۋۇز تۇرسا، راستىنلا ئىتتىن قورقامدۇ؟ دەپ قىزىقىپ قېلىشى مۇمكىن. بىز گەرچە ئېيىقنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمىسەكمۇ، لېكىن ياپونىيەدە ھەقىقەتەن ئىتنىڭ ئېيىقنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋەتكەنلىكىگە دائىر مىساللار بار. ياپونىيىنىڭ چوڭ ساراي شەھىرىدە ئىلگىرى بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى قارا ئېيىق بەش ياشلىق بىر ئوغۇل بالىغا ھۇجۇم قىلغان، شۇ چاغدا مېگو ئىسىملىك ئالتە ياشلىق بىر ئىت بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال قاۋاپ، قارا ئېيىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قورقۇتۇپ قاچۇرۋەتكەن. ئوغۇل بالا بەختكە يارىشا ھاياتىنى ساقلاپ قالغان، پەقەت كىيىمى يىرتىلىپ كەتكەن، دۈمبىسى ۋە ساغرىسى تاتىلاپ يارىلانغان بولۇپ، يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەس.
بۇ ياپونىيەلىك ئوغۇل بالىغا ھۇجۇم قىلغان قارا ئېيىق ئاسىيا قارا ئېيىقىنىڭ كەنجى تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ خىل قارا ئېيىقنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 1.2-1.9 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 100-250 كىلوگىرام كېلىدۇ، ئەركەك ئېيىقنىڭ تەن شەكلى ئانا ئېيىقتىن چوڭراق بولىدۇ. بۇ خىل قارا ئېيىقنىڭ دۈمبىسىدە ئۇزۇن تۈكلەر بولىدۇ، كۆكرىكىدىكى تۈكلىرى قىسقا بولۇپ، ئاق ياكى سارغۇچ ئاق رەڭلىك يېڭى ئاي شەكىللىك سىزىقچىلىرى بار. بېشى كەڭ ھەم يۇمىلاق، ئېغىز-بۇرنى تار ھەم ئۇزۇن، ئېغىزىنىڭ ئاستى تەرىپى ئاق رەڭلىك.
قارا ئېيىق يەنە «ئاي ئېيىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە قارا ئېيىقى ئاساسەن يوپۇرماق تاشلايدىغان ئورمان ۋە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بىلەن كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ئارىلاش ئورمان ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇ تىپىك ئورماندا ياشايدىغان ھايۋان بولۇپ، ۋېرتىكال كۆچۈش ئادىتى بار، ياز پەسلىدە ئېگىز تاغلاردا ياشايدۇ، قىش كىرگەندىن كېيىن دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن جايلارغا كۆچىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن كۆرگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يەيدۇ، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى تاللىماي يەۋېرىدۇ. يەنە چۈمۈلە ئۇۋىسى ۋە ھەرە كۆنىكىنى كولاپ يەيدۇ، كۈزدە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلىنىپ، ماينى ساقلاپ قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ.
ياپونىيەدە ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزىدىغىنى قارا ئېيىقلا ئەمەس، يەنە تېخىمۇ خەتەرلىك قوڭۇر ئېيىقمۇ بار. ياپونىيە قوڭۇر ئېيىقى قوڭۇر ئېيىقنىڭ ياپونىيە كەنجى تۈرى بولۇپ، خوككايدو قوڭۇر ئېيىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋا خوككايدو قوڭۇر ئېيىقىنىڭ بەدەن شەكلى ناھايىتى ئاز خەۋەر قىلىنىدۇ، 1989-يىلى ياپونىيەنىڭ دېنبې شەھىرىدىكى ھايۋانات باغچىسىدىكى قوڭۇر ئېيىقنى ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، تۆت ياشتىن يۇقىرى ئەركەك قوڭۇر ئېيىقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 257 كىلوگىرام، چىشىسىنىڭ 151 كىلوگىرام، يەتتە ياشتىن يۇقىرى ئەركىكىنىڭ 299 كىلوگىرام، چىشىسىنىڭ 162 كىلوگىرام بولۇپ، قارا ئېيىقتىن چوڭراق ئىكەن.
خوككايدودىكى قوڭۇر ئېيىقنىڭ بېشى چوڭ ھەم يۇمىلاق، تېنى قاۋۇل، دۈمبىسىدە تومپىيىپ چىققان بىر پارچە مۇسكۇلى بار، بۇ ئۇلار ئورەك كولىغاندا ئالدى پۇتىنى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئېيىق تاپىنىنىڭ كۈچىمۇ ناھايىتى زور بولۇپ، بىر شاپىلاق بىلەن بىر بۇغىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەلەيدۇ، قولىدىكى ئۆتكۈر تىرناقمۇ جاننى ئالىدىغان ئۆلتۈرۈش قورالى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇلارنىڭ يەنە سائىتىگە 56 كىلومېتىرلىق يۈگۈرۈش سۈرئىتى بار، تېز يۈگۈرۈپلا قالماي، چىدامچانلىقىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە نەچچە ئون مىنۇت يۈگۈرەلەيدۇ. خوككايدو قوڭۇر ئېيىقى يالغۇز ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ياشاش دائىرىسى كەڭ، ئوزۇقلىنىش ئادىتىمۇ كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز غولى، تۈگۈنەك غولى، يەم-خەشەك، دانلىق زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گۆشلىرىدىن ھاشارات، غاجىغۇچىلار، تۇياقلىقلار، بېلىق ۋە چىرىگەن گۆشلەر بار.
ياپونىيەدە ئېيىقنىڭ ئادەمنى يارىلاندۇرۇش ئەھۋالى ھازىرمۇ تېخى تۈگىمىدى، ئالدىنقى يىل ياپونىيەدە يۈز بەرگەن ئېيىققا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئومۇمىي سانى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان بولۇپ، 158 قېتىمغا يېتىپ 2020-يىلىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. 2006-يىلىدىن باشلاپ خاتىرىلەنگەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم 200 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. ياپونىيە مۇھىت ۋازارىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى يىلى ياپونىيەدە ئېيىقنىڭ ھۇجۇم قىلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولۇپ، ھازىرغىچە ئالتە ئادەم قازا قىلغان، 212 ئادەم ھۇجۇمدىن كېيىن ھايات قالغان.
ياپونىيەدىكى ئېيىقنىڭ ئادەمگە ھۇجۇم قىلىشى تىلغا ئېلىنسا، كىشىنىڭ ئەڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى سەنماۋبى ۋەقەسى. سەنماۋبى ياپونىيەدىكى بىر كەنتنىڭ ئىسمى بولۇپ، 1915-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، بۇ كەنتتىكى ئىككى ئەر، يەنى ئوتا سابۇرو بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان يوكىچى سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىپ، ئوتا سابۇرونىڭ ئايالى ۋە ئوغلىنى ئۆيدە قالدۇرۇپ قويغان. چۈش بولغاندا، يوكىچى ئاۋۋال ئۆيگە قايتىپ تاماق يېمەكچى بولغان. لېكىن ئۇ ئوتا سابۇرونىڭ ئوغلىنىڭ مەش يېنىدا مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، سەل بىنورمال ھېس قىلىپ، دەرھال ئالدىغا بېرىپ قاراپ باققان. نەتىجىدە بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنى يارىلانغان بولۇپ، ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن.
سەنماۋبى ۋەقەسى خاتىرە ھەيكىلى
يوكىچى دەرھال ئوتا سابۇرو ئايالىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنكاس قايتۇرمىغان، ئۇ چوڭ ئىش چىققانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال سىرتقا چىقىپ كەنت ئاھالىلىرىنى ياردەمگە چاقىرغان. كەنت ئاھالىلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ ئولىشىۋالغان، ئاياغ ئىزى ئارقىلىق بۇنى بىر ئېيىقنىڭ قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان. ئېيىق سىرتتا ئاپتاپقا سېلىنغان كۆممىقوناقنى ئوغرىلاپ يېمەكچى بولغاندا، ئوتا سابۇرونىڭ ئايالى بىلەن ئوغلى بايقاپ قېلىپ، ئېيىقنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ئاخىرىدا ئېيىق ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ، ئايالىنى ئېلىپ كەتكەن.
قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە، كىشىلەر ئېيىقنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئامالسىز قالغان. ئەتىسى كەنت ئاھالىلىرى 30 كىشىلىك كىچىك ئەترەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، تاغ ئىچىگە كىرىپ تەيتيەننىڭ ئايالىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن. ئۇلار تاغقا كىرىپلا ھېلىقى ئېيىققا ئۇچراپ قالغان، ھېلىمۇ ياخشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىدا قورال بولغاچقا، ئۇ ئېيىق ھۇجۇم قىلمايلا قورقۇپ قېچىپ كەتكەن. ئوتانىڭ ئايالىنىڭ سۈڭەك قالدۇقلىرى بىر دەرەخ ئاستىدىن تېپىلغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ پەقەت يېرىم باش سۆڭىكى ۋە ئىككى پۇتىلا قالغان. ئوتا ئايالىنىڭ جەسسەت قالدۇقلىرىنى يىغىشتۇرغان، شۇ كۈنى كەچتە، ئوتا ۋە تەزىيە بىلدۈرگىلى كەلگەن سەككىز ئادەم ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئايالى ۋە ئوغلى ئۈچۈن تەزىيە مۇراسىمى قىلىۋاتقاندا، ئۇ ئېيىق يەنە كېلىپ ئايالىنىڭ سۈڭەك قالدۇقلىرىنى بۇلىماقچى بولغان.
ئېيىق ئۇدۇل تامنى يېرىپ كىرگەن، ئۆيدىكى كىشىلەر قورققىنىدىن تەرەپ-تەرەپكە قاچقان، ھېلىمۇ ياخشى بىرەيلەن ماي باكىنى كۈچەپ ئۇرغان، ئېيىق ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن. قېچىپ كەتكەن ئېيىق بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، كەنتنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى مىڭجىڭ تەيلاڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تاللاپ قول سالغان، ئەينى چاغدا مىڭجىڭنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ خوتۇن-بالىلىرى، پاناھلانغۇچىلار ۋە ئۇلارنى قوغداشقا كەلگەن مۇھىم ئەربابلار بولۇپ جەمئىي 10 ئادەم بار ئىدى. ئەينى چاغدا پەقەت قاراڭغۇ جايغا يوشۇرۇنۇۋالغان مىڭجىڭنىڭ ئىككى پەرزەنتى ئامان قالغان، ياۋجى ئېيىق تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىشتىن كېيىن ئېغىر يارىلىنىپ قازا قىلغان. ئۆلگۈچىنىڭ ئىچىدە يەنە بىر ھامىلدار ئايالمۇ بار.
12-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان بېيخەيداۋ ناھىيەلىك نازارەت بۆلۈمى جازا يۈرۈشى قىلىش كىچىك ئەترىتىنى باشلاپ تاغقا چىقىپ ئېيىقنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان، كىچىك ئەترەت ئوت ئۆچۈرۈش ئۆمىكى، ياشلار ئۇيۇشمىسى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بولۇپ جەمئىي 270 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورال-ياراغلىرىنى ئېلىۋالغان، لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدىگەن بولسىمۇ ئېيىقنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىغان. بەزىلەر ئېيىقنى بۇرۇن ئۆلتۈرگەن جەسەت ئارقىلىق ئازدۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇ پىلان قوبۇل قىلىنغان، شۇ كۈنى كەچتە كۆپچىلىك جەسەتنى ئوتا سابۇرونىڭ ئۆيىگە قويۇپ، قوراللىق ئالتە ئەترەت ئەزاسىنى ئۆينىڭ لىمىغا يوشۇرۇپ ساقلىغان.
شۇ كۈنى كەچتە ئېيىق دەرۋەقە پەيدا بولغان، ئەپسۇسكى، قوراللىق ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قورقۇپ ئالاقىزادە بولۇشۇپ، ئوق چىقىرىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان، ئېيىق لىم ئۈستىدە پىستىرما بارلىقىنى كۆرۈپ، بۇرۇلۇپلا قېچىپ كەتكەن. ئېيىق ئوۋلاش پىلانىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنە قوشۇن ئەۋەتىپ ياردەملەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ياپونىيەدىكى داڭلىق ئېيىق ئوۋچىسى بار بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بىر پىچاق بىلەن بىر قوڭۇر ئېيىقنى ئۆلتۈرگەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كونا ئەسكەر ياماموتو بىڭجى ئىدى.
ياماموتو بىڭجى كەنت ئاھالىسىنىڭ تەسۋىرلەشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ئېيىقنى چوقۇم ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا، ياماموتو بىڭجى ئۆزى يالغۇز سىرتقا تەكشۈرۈشكە چىقىپ، دەريا بويىدا بىر غەلىتە كۆلەڭگىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىر ئېيىق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال بىر پاي ئوق ئاتقان، ئېيىققا ئوق تەگكەندىن كېيىن ئورمانلىققا قېچىپ كەتكەن. ئەتىسى بىڭجى ئەترەتنى باشلاپ قان ئىزىغا ئەگىشىپ ئېيىقنىڭ ئىزىنى ئىزدەپ، ئاخىرى ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
كېيىنكى مەزگىلدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سۈرەت ئىسخېمىسى
ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئېيىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.7 مېتىر، ئېغىرلىقى 340 كىلوگىرام بولۇپ، ئۇسسۇرى قوڭۇر ئېيىقىغا تەۋە ئىكەن. بۇ ئېيىققا «جازا يۈرۈشى» قىلىش ئۈچۈن، جەمئىي 600 ئادەم، يۈزدىن ئارتۇق ئىت سەپەرۋەر قىلىنغان، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ سانى، يوقۇتۇش ئەترىتىنىڭ كۆلىمى ياپونىيە ھايۋان زىيانداشلىقى تارىخىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن. ئېيىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆلتۈرگەن ياماموتو بىڭجى ئېيىقنىڭ ئەسلىدە ئادەم يېمەيدىغانلىقىنى، ئادەم يېيىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ چەك-چېگرا تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى بولۇپ، ئېيىقنىڭ ئادەمنى خاتا يەۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئېيىق ئادەمنى يېگەن ھامان، ئادەمنى ناھايىتى تەملىك ھەم ئاسان تۇتقىلى بولىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، كېيىن ئىختىيارسىز ئوۋ ئوۋلاش يۆنىلىشىنى ئادەمگە بۇرايدۇ. ياماموتو بىڭجىمۇ ئادەمخۇر ئېيىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئادەمگە ھۇجۇم قىلىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ چىققان. كىشىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، نۇرغۇن يەرلەرنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئېيىقنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئايرىلىپ تۇرغان ئېيىق بىلەن ئادەم ئارىلىشىپ كەتكەن.
ئىككىنچىدىن، بۇ ئېيىقنىڭ تېنى بەك چوڭ بولۇپ، قىشلىق ئۇيقۇغا تەييارلىق قىلىدىغان يېتەرلىك يېمەكلىك ۋە ئورۇن تاپالمىغاچقا، قاتتىق قىشتا كەلگەن ئىنسانلارنىڭ تۇرالغۇسىدىن يەيدىغان نەرسە ئىزدىگەن. ئېيىق يېمەكلىكنى ئىنتايىن ئاسرايدۇ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ تاماق يېيىشىگە دەخلى قىلىشىغا يول قويمايدۇ، دەل كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ يېمەكلىكىنى تارتىۋالغاچقا، ئۇ غەزەپلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ياشاش ماكانىنى ئىنسانلارنىڭ ئىگىلىۋېلىشى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇلارنىڭ تاغدىن چۈشۈپ ئادەم يارىلاندۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.
ياپونىيەنىڭ ئېيىققا قوللانغان تەدبىرى
ياپونىيە تاقىم ئاراللىرىدىكى چوڭ تىپتىكى مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ تارىختىن بۇرۇنلا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن، پەقەت خونشۇ بۆرىسى بىلەن خوككايدو بۆرىسىلا 100 نەچچە يىل ئىلگىرى يوقالغان، بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيەگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى ھايۋانلاردىن پەقەت ياپونىيە قارا ئېيىقى بىلەن خوككايدو قوڭۇر ئېيىقىلا بار. بۇ ئېيىقلار ئادەم يارىلاندۇرۇشتىن باشقا يەنە زىرائەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ياپونىيەنىڭ چەت-ياقا رايونلىرىدا بەزى قارا ئېيىقلار ئەتىيازدا بامبۇك نوتىسى، يازدا تاۋۇز، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى، كۈزدە ئەبنۇس، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلارنى ئوغۇرلاپ يەيدۇ. ئۇلار مېۋىسىنى يېگەندە ئۇرۇقىنىمۇ يەۋېتىدۇ، يەنە دەرەخ قوۋزىقىنى سويۇپ يەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن دەل-دەرەخلەر قۇرۇپ، شۇ جايدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئىنتايىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
ياپونىيە قارا ئېيىقى يەنە كىشىلەر باققان ھەسەلنى ئېلىپ كېتىدۇ، ھەر يىلى 3000 ھەرە كۆنىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بىراق، ياپونىيە زېمىنىدا بۇ ئېيىقلارنىڭ كۈنىمۇ تەس، ئۇلارنىڭ ھەر يىلى نۇرغۇن ھەمراھلىرى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ياپونىيەنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا،2020-يىلى خوككايدودا جەمئىي 822 قوڭۇر ئېيىق، نەچچە مىڭ قارا ئېيىق ئۆلتۈرۈلگەن، ئاھالىلەر رايونىغا كىرىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئېيىق 5667 گە يەتكەن. دۇنيا تەبىئەت ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان تورىدا كۆرسىتىلىشچە، قارا ئېيىقنى ئوۋلاش پەقەت ياپونىيە ۋە روسىيەدىلا قانۇنلۇق بولۇپ، روسىيە ھەر يىلى 75-100 قارا ئېيىقنى قانۇنلۇق ئوۋلايدىكەن، 500 قارا ئېيىقنى قانۇنسىز ئوۋلايدىكەن. ياپونىيەدە قارا ئېيىق ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500ى ئوۋلىنىدىكەن.
ئوۋ ئوۋلاش قىزىقىشى ئازلاپ كەتكەچكە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن قارا ئېيىقنىڭ ئوۋ ئوۋلاش مىقدارى ئازايغان، ئەمما شەھەر-بازار ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىرگەن قارا ئېيىقلار ھەر يىلى 1000 دىن 2000 غىچە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ياپونىيەنىڭ ئېكولوگىيەسى تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ئېيىقنىڭ ئوتخور ھايۋانلارنى كونترول قىلىش رولى ئاجىزلاپ، ئەكسىچە ئىنسانلارغا بولغان زىيىنى زور بولغان. ياپونىيەنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، خوككايدودىكى قوڭۇر ئېيىقنىڭ سانى 3900-17 مىڭ 300 گىچە، قارا ئېيىقنىڭ سانى 12 مىڭ-19 مىڭ گىچە بولۇپ، ھەر يىلى ئۇلارنى نەچچە مىڭ تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۇلارنىڭ سانىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق ئىكەن.
دەسلەپتە ئېيتىلغان ئىت ئارقىلىق ئېيىقنى قوغلاش ۋە ئوۋلاشتىن باشقا، ياپونىيەمۇ پەن-تېخنىكا ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئادەم بىلەن ئېيىقنىڭ توقۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئېيىقتىن مۇداپىئەلىنىش پۈركۈمىسى سېتىلىپ يېتىشمەي قالغان، يەنە بىر خىل ماشىنا بۆرە دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئېيىق قوغلاشقا ئىشلەتكەن. بۇ نەرسە قارىماققا بۆرىگە ئوخشايدۇ، بەدىنى ۋە چاقىدىن تۈزۈلگەن، قوزغالغاندا كۆزىدىن قىزىل نۇر چاقناپ تۇرىدۇ، يەنە بۆرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى چىقىرالايدۇ ھەمدە گاز پۈركۈپ، ئېيىقنى چۆچۈتىدۇ. مەيلى ئىت ياكى ماشىنا بۆرە ئارقىلىق بۆرىنى قوغلاش بولسۇن، گەرچە بەلگىلىك رولى بولسىمۇ، لېكىن ئېيىق بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئادەم بىلەن ئېيىق ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئېيىق بىلەن ئادەمنىڭ توقۇنۇشىنى كۆپىنچە يېمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نۇرغۇن ئېيىقلار ئىنسانلارنىڭ تۇرالغۇسىغا يېمەكلىك ئىزدەش ئۈچۈن كىرىدۇ. شۇڭا، يېمەكلىكنى سىرتقا خالىغانچە قويۇپ ئېيىقنىڭ دىققىتىنى قوزغىماسلىق، ئۇرۇپ ئۆلتۈرمەسلىك، ئېيىقنىڭ سانىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشلا ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئادەم گۆشىنى تېتىپ باققان ئېيىقلار چوقۇم ھايات قالماسلىقى كېرەك، بولمىسا بۈگۈن بىر ئېيىقنى قويۇپ بەرسە، كەلگۈسىدە ئادەم يەيدىغان ئېيىق تۈر توپى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.