خەتەرلىك ھاۋا يولى
توۋتىياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتداشلار بىلەن كۆرۈشكەندە، سىز چىداپ تۇرۇپ ئېغىزىڭىزدىن چىقارمىغىنىڭىز قايسى گەپ بولدى؟
توغرا، دەل ــــ سىز سەمىرىپ قاپسىز.
بىراق سىز خاتىرجەم بولۇڭ، خىزمەتدىشىڭىز سىزگە بۇ گەپنى دېمەسلىك ئۈچۈن، ئىچى سىقىلىپ خېلى بىئارام بولدى. قارىغاندا ئۆيدە شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئارام ئېلىپ، كۆپ يەپ، ئاز ھەرىكەت قىلىپ، سەمرىپ كېتىش مۇقەررەردەك قىلىدۇ. بىراق، تەھرىر سىزگە شۇنى دېمەكچى: سەمىرىپ كېتىشنى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنى تىزگىنلىمىگەنلىكىڭىزدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. سېمىزلىكنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب، كارخانىلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ يېمەكلىك شىركىتى بولغانلىقىدا.
مەن «تۇز-شېكەر-ياغ: يېمەكلىك ماگناتى بىزنى قانداق باشقۇرىدۇ» (盐糖脂:食品巨头是如何操纵我们的) دېگەن كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇ قاراش تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.
ئۇنىڭ ئاپتورى مايكول موس بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرۈش مۇخبىرى. ئۇ كۆپ يىل سەرپ قىلىپ يېمەكلىك ماگناتى شىركەتلىرىنىڭ ئىچكى سىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتنى قانداق لايىھەلىگەنلىكى ۋە ئىشلەپچىقارغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەڭ ئەجەللىك مەسىلە ــــ ئۇلارنىڭ بىزنى قانداق سەمرىتكەنلىكىنى چۈشەندى.
گەرچە موسنىڭ تەكشۈرۈش ئوبىيكتى ئامېرىكىدىكى يېمەكلىك شىركەتلىرى بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگودىكى تاللا بازارلىرىدىمۇ ھەر خىل ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭكىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ كىتابتا كۆرسىتىلگەن پاكىتلار ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدۇ.
مايكول موس كىتابىدا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلىگەن:
بىر كۈنى تاللا بازىرىدىن، ئۇ بىر ئانىنىڭ بالىسىغا ياردەملىشىپ ناشتىلىق تاللاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، ئۇ ئانا قارىماققا يېمەك-ئىچمەككە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئانىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بالىسىنىڭ كەمپۈت يېيىشىنى خالىمايدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىغاندىن كېيىن، ئانا «مېۋە ۋە قېتىق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ناشتىلىقنى سېتىۋالدى، ئورالمىسىغا «يۇقىرى كالتسىي» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ناھايىتى ساغلام بالىلار ناشتىلىقىدەك قىلاتتى.
ئەمما، ئۇ ئورالمىنىڭ كەينىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىگە سەل قارىدى: ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، قارىماققا ساغلام كۆرۈنىدىغان بۇ ناشتىلىقنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ بالىلىرىنىڭ يېيىشىنى چەكلىگەن قەنت-گېزەكلەردىن ھېچقانچە پەرقى يوق ئىدى.
مايكول موس بۇ ئىشنى ھەقىقىي «ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان پەيت» دەپ ئاتىدى.
نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ يېمەكلىكىمىزگە شېكەر بارغانسېرى كۆپ قوشۇلىدۇ؟
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا برۇكلىن داشۆسىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى تەجرىبە ئېھتىياجى بىلەن ئاق چاشقانلارنى سەمىرىتمەكچى بولغان. ئۇ ئاۋۋال چاشقاننىڭ ئاشلىقىغا ھەر خىل مايلارنى ئارىلاشتۇرغان، لېكىن ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان، كىچىك ئاق چاشقان قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى يەنىلا ئاساسەن تەكشى بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىدا روشەن ئۆزگىرىش بولمىغان.
ئۇ يېمەكلىك بېرىش تاكتىكىسىنى تەڭشەپ، تاللا بازىرىغا بېرىپ ئازراق قەنت-گېزەك، پېچىنە-پىرەنىك، تاتلىق سۈت سېتىۋالدى، نەتىجىسى ئادەمنى ھەيران قالدۇردى، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىك ئالدىدا، ئاق چاشقانلار پۈتۈنلەي كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ھەددىدىن زىيادە يەپ-ئىچىپ، تېز سۈرئەتتە سەمىرىش نىشانى تاماملاندى.
ئەمەلىيەتتە، تاتلىققا زەھەر چەككەندەك خۇمار بولۇپ قالىدىغان بۇ خىل ئەھۋالنى ئادەم بەدىنىدىمۇ بايقىغىلى بولىدۇ. ئىلىم-پەن ساھەسىدە شېكەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ بىرى «تەم نۇقتىسى» (ھەرخىل تەملەرنىڭ ئەڭ قالتىس نۇقتىسى)نىڭ بايقىلىشىدۇر.
تەم نۇقتىسى دېگىنىمىز، يېمەكلىك تەركىبىدىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر يېگەندە ھېس قىلغان خۇشاللىقمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ ھەمدە بىر چوققا قىممەتكە يېتىدۇ، كېيىن يەنە داۋاملىق شېكەر قوشقاندا يېمەكلىكنىڭ مەززىلىك تەمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
بىئولوگىيە پىسخولوگى جۇلى مېڭنىلانىڭ تەتقىقاتى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى: ئۇ بەش ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان 356 بالىنى سىناق قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى تەم نۇقتىسىدا بولغاندا، بالىلارنىڭ ئۇنىڭ مەززىلىك تەمىگە بولغان باھاسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
تەم نۇقتىسىنىڭ بايقىلىشىنىڭ يېمەكلىك شىركىتىگە بولغان ئەھمىيىتى كولۇمبۇنىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقىغىنىغا ئوخشايدۇ: چۈنكى شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇلار يېمەكلىك تەمىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا توغرا مىقدارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەم نۇقتىسىنى تاپالايدىغان بولدى، «قانداق قىلغاندا ئەڭ يېيىشلىك بولىدۇ» دېگەن بۇ مەسىلە تەجرىبىخانىدىكى نىشانغا ئايلاندى.
مايكول موس «تۇز-شېكەر-ياغ: يېمەكلىك ماگناتى بىزنى قانداق باشقۇرىدۇ» ناملىق ئەسىرىدە بىر يېمەكلىك ساھەسىدىكى «تالانت ئىگىسى» خوۋارد موسكوۋىتسنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلغان. موسكوۋىتس يېمەكلىك شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ مەززىلىك، ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ يېمەكلىك شىركەتلىرىنىڭ ئارزۇلۇق بالىسى. بەيشى، كارفت (ئورېئو، چۈدودونىڭ ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى)، ھەممىباب يېمەكلىك شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ خېرىدارى.
ئۇنىڭ ئەڭ شانلىق نەتىجىسى Dr Pepper گازلىق سۈيىنىڭ كوكاكولا، پېپسى كولا بىلەن بولغان رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بولدى.
موسكوۋىتس ئۇسۇلى، ساپ توغرا مىقدارلاشتۇرۇش.
ئۇ ئەترەتتىكىلەر بىلەن 61 خىل ئوخشىمىغان رېتسېپنى لايىھەلىگەن. پۈتۈن ئامېرىكىدا 3904 مەيدان تېتىپ كۆرۈش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە تېتىپ كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىدىن پايدىلىنىپ، مۇرەككەپ ماتېماتىكىلىق مودېللارنى قۇرۇپ چىقىپ، ئەڭ ياخشى تەركىب تەڭشەش نىسبىتىنى بېكىتكەن.
موسكوۋىتس Dr Pepper گازلىق سۈيىگە 135 بەتلىك ماتېرىيال تاپشۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن تەپسىلىي جەدۋەل ۋە سانلىق مەلۇمات خەرىتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ماتېرىيالدا يەنە پۇراقلىق ئوت-چۆپ پۇرىقىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق ئۈنۈمى، ھەر خىل خۇشپۇراقلارنىڭ ئارىلىشىش ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇلغان، ئۇ كۆرگىلى بولمايدىغان «تەم» نى مىقدارلاشتۇرغىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇپ، Dr Pepper گازلىق سۈيىنىڭ ئەڭ مەززىلىك «تەم نۇقتىسى»نى تېپىپ چىققان.
موسكوۋىتس تەمدىن باشقا يەنە ئىستېمالچىلارغا رەڭ سىنىقىنىمۇ قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوراپ قاچىلاش رەڭگىگە بولغان قىزىقىشىنى تېپىپ چىقتى. 92 بەتلىك دوكلاتتا، بىر يورۇق كۆك رەڭ كېسىپ ئۆتكەن دىئاگرامما، تاللانغان ئەڭ ياخشى رەڭنى نامايەن قىلدى. بۇ مۇرەككەپ ھېسابلاش ۋە تەجرىبىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى پەقەت بىرلا: يەنى ئېغىزغا تېتىغۇدەك يېمەكلىك تېپىش سىزنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان ھالەت.
ھازىرىقى كۆپ ساندىكى كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى ئەپلەرنى ئىشلەتكەندە سىزنى توختىماي يانفون ئويناشقا قىزىقتۇرغان تەۋسىيە ھېسابلاش ئۇسۇلى، ئەسلىدە نەچچە ئون يىل ئىلگىرىلا يېمەكلىك سانائىتىدە ئىشلىتىلگەن. بۇ چارىنى قوللانغىنى پەقەت Dr Pepper گازلىق سۈيىلا ئەمەس.
داڭلىق مونېل تەتقىقات مەركىزى يېمەكلىك تەركىبىدىكى قەنت مىقدارىنى تەتقىق قىلىدىغان ئورگان بولۇپ، تەتقىقات مەركىزىنىڭ زالىدا ناھايىتى چوڭ بىر ئالتۇن ۋىۋىسكا بار، ئۈستىگە كوكاكولا، پېپسى كولا، كارفت، Nestle، فىلىپ مورىس ...قاتارلىق بۇ ئاپپاراتنىڭ ياردەم بەرگۈچىلىرىنىڭ ئىسىمى ئويۇلغان.
كۈندىلىك يېمەكلىكلىرىمىزنى ھۆددىگە ئالغان ماگنات شىركەتلەر دەل مۇشۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئارقىسىدىكى خوجايىنلار.
شۇڭا، ئۇلار ھامان تېز سۈرئەتتە تەم نۇقتىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ ھەمدە مەھسۇلاتقا ئىشلىتەلەيدۇ.
ئىلىم-پەننىڭ ياردىمىدە، بۇ شىركەتلەر سىزنى قانداق قىلىپ خۇمار قىلىپ قويۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشقا ئىنتايىن ماھىر بولۇپ كەتتى.
سېمىزلىككە قارشى تۇرۇش: ئىستېمالچىلارنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىشى
ئەگەر ھېكايە سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاخىرلاشسا، ئۇنداقتا قارىماققا سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مىسالدەك قىلىدۇ.
لېكىن بۇنداق تەم نۇقتىسىنى قوغلىشىشتەك يېمەكلىك سانائىتى خېلى ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەت ـــ يەنى سېمىزلىك، چىشنى قۇرت يېيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، گەرچە 1970-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكىدىكى ئۈچ چوڭ ئارپا يېمەكلىكى ماگناتى ـــ Kellogg‘s، Post، General Millsلەر ئاللىقاچان %85 بازارنى ئىگىلەپ بولغان بولسىمۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇلار ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ناشتىلىقىنى ياراتماقتا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىنى ياراتماقتا.
لېكىن دائىرىلەرنىڭ ئارىلاشقۇسى كەلمىدى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى Kellogg‘sنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى، ئۇلار قەنتنىڭ ئاۋام ساغلاملىقىنىڭ تەھدىتى ئىكەنلىكىگە قوشۇلمايدۇ، شۇنداقلا ئاممىنىڭ يېمەكلىك زاۋۇتلىرىدىن قەنت مىقدارىنى ئورالمىغا بېسىشنى تەلەپ قىلىشىنى رەت قىلىدۇ.
ئەڭ بۇرۇن قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئورنىدىن دەس تۇرغان قەھرىمان، خارۋارد داشۆسىنىڭ ئوزۇقلۇقشۇناسى جىئىن مېيېر بولدى. ئۇ ھۇجۇمىنى قەنت مىقدارىنى يوشۇرغان زاۋۇتلارغا قاراتتى، ئۇ ئېلان قىلغان «زادى دانلىق زىرائەتمۇ ياكى شېكەرمۇ؟» ناملىق ماقالە ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەرنىڭ باش بېتىگە بېسىلىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
مېيېر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شېكەر كۆپلىگەن كىشىلەرنى دىئابېت كېسىلى ۋە چىشنى قۇرت يېيىش كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بولسا ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش جەھەتتە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار زاۋۇتلارنىڭ ئارپىغا نورمىدىن ئارتۇق شېكەر قوشۇشىغا يول قويىدۇ.»
مېيېر ماقالىسىدە، شېكەر مىقدارى %50 تىن يۇقىرى بولغان ئارپىنى ئارپا دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ، بەلكى تاتلىق-تۈرۈم دەپ ئاتاش كېرەك، ئۇنى تاللا بازىرىنىڭ ئاشلىق رايونىغا ئەمەس بەلكى كەمپۈت رايونىغا قويۇپ سېتىش كېرەك، بۇ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق، دەپ تەشەببۇس قىلغان.
قەنت مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئاممىنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كەلدى، مېيېر ئۇرۇش ئوتىنى ياندۇرغاندىن كېيىن، قارشى تۇرۇش سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئەمما ئۈچ چوڭ ماگناتقا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇدۇل رەددىيە بېرىشكە ئامالسىز قالدى، شۇنىڭ بىلەن ــــ Kellogg‘s مەھسۇلات نامىنى «تاتلىق ئارپا ياپراقچىسى» دىن «چۈرۈك ئارپا ياپراقچىسى» غا ئۆزگەرتتى. باشقا شىركەتلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈن-تىنسىز ھالدا مەھسۇلات ئىسمىدىكى «تاتلىق» دېگەن خەتنى چىقىرىۋەتتى.
ئورالمىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىچىدىكىسىنى ئالماشتۇرمىسا، ئامما يەنىلا ئېتىراپ قىلمايدۇ-دە.
1977-يىلى 12 مىڭ ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى مۇراجىئەتنامە ئىمزالاپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىدىن بالىلار تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدا قەنت تەركىبى بار يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ئېلانلارنى قويۇشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. مۇراجىئەتنامە بىلەن بىللە ئەۋەتىلگەن يەنە بالىلار كېسەللىكلىرى چىش دوختۇرىدىن يىغىۋېلىنغان 200 تال قۇرت يېگەن چىشمۇ بار.
ماگناتلارنىڭ بازار ئۈلۈشى چۈشۈشكە باشلىدى، يېمەكلىك زاۋۇتلىرى بۇنىڭغا چوقۇم تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى شېكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئەمەس.
Kellogg‘s بىر تۈرلۈك ئىسلاھاتنى قوللاندى: ئېلان ماركىتېڭ خادىملىرىنى شىركەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى «جەڭ قىلىش ئۆيى» گە كىرگۈزدى. «جەڭ قىلىش ئۆيى» Kellogg‘s جەمەتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار يىغىنى بولۇپ، ئىلگىرى بۇ يىغىنغا باشقۇرغۇچىلار ۋە يېمەكلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرى قاتنىشاتتى، بىرلىكتە يېڭى مەھسۇلاتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيتتى.
ھازىر ئۇلار ماركېتىڭ خادىملىرىنى ئەڭ يۇقىرى تەدبىر بەلگىلەيدىغان بۇ سەزگۈر يىغىنغا قاتناشتۇردى، مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق: ئېلان ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ سېتىش مىقدارىنى قولغا كەلتۈرۈش.
چۈنكى ئۇلار، مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىدىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويۇشتىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولغىنى ماركېتىڭ ئارقىلىق ياخشى ماركا ئوبرازىنى تىكلەش ئىكەنلىكىنى بايقىدى. يەنى، ئىستېمالچىلار Kellogg‘sنى قەنت مىقدارى يۇقىرىلىقنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك.
مىسال ئالساق: Kellogg‘s ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان چۈرۈك ئارپا ياپراقچىسى سۇلۇ يارمىسىنى قانداق ساتىدۇ؟ بۇ مەھسۇلاتقا ئارپا قوشۇلغان، ئەمما ساغلام ئەمەس، چۈنكى شېكەر مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى. Kellogg‘sنىڭمۇ ئىچىدىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلەتكۈسى يوق، ئۇلار يەنىلا «قەنت بولغاندىلا جەلپ قىلىش كۈچى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار مۇھىم نۇقتىنى تىجارەتكە قارىتىپ: بۇ خىل ئارپىنى «مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىك» قىلىپ ياساپ چىقتى.
ئارپىنىڭ ئېلان كۆرۈنۈشىدە، بىر سىنىپتا بىر ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەپ يېرىمىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز سۆزلەپ نەگە كەلگەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيدۇ. تۆۋەندە ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ھارغىن كۆرۈنىدۇ، پەقەت بىر كىچىك ئوغۇل بالا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن قول كۆتۈرۈپ، مۇئەللىمگە سۆزلەپ نەگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندىن باشقا، يەنە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنىمۇ تولۇقلاپ قويىدۇ: «سىز بايا دوسكىغا خەت يازغاندا بور تۇيۇقسىز ئۈچ پارچە بولۇپ كەتتى.» ئاندىن مۇنداق ئاۋازلار ياڭرايدۇ: «بىر تۈرلۈك كىلىنىكىلىق تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ناشتىدا چۈرۈك ئارپا ياپراقچىسى سۇلۇ يارمىسىنى يېگەندە بالىلارنىڭ دىققىتىنى %20 يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولىدىكەن».
كۈلمەڭ، ھازىر قارىسىڭىز بۇ ئېلان ئازراق مەتۇدەك قىلىدۇ. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا، بۇ ئۇسۇل ناھايىتى كارغا كەلگەن: كېيىنكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %51 قۇرامىغا يەتكەنلەر ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن بۇ قاراشقا ئىشەنگەن.
ئۇنداقتا ئېلاندا دېيىلگەندەك تەتقىقات زادى بارمۇ-يوق؟ جاۋابى: ھەقىقەتەن بار. شۇ پەقەت Kellogg‘s جەمەتى ھاۋالە قىلغان ھەمدە ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەن تەتقىقات. ئىشەنچلىكمۇ ئەمەسمۇ، كۆپچىلىك ئۆزى ئويلىنىپ باقسا بولىدۇ.
ئامما ساغلاملىقىنىڭ يېمەكلىك ماگناتلىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىشى، مۇشۇنداق قىلىپ ھىيلىگەرلىك بىلەن ھەل قىلىندى.
بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
بارلىق يېمەكلىك شىركەتلىرى مۇشۇنداق ھىيلىگەرمۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس.
موس كىتابىدا كارفت شىركىتىنىڭ مىسالىنى بايان قىلدى. بۇ شىركەت ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئورېئو ۋە چۈدودونى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك يېمەكلىك ماگناتى ھېسابلىنىدۇ. 2000-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە كارفت شىركىتى بىر مەيدان «سېمىزلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان سېمىزلىك مەسىلىسىگە توغرا قاراشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن رېتسېپ تەڭشەپ، شېكەر، ياغ ۋە تۇزنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەتكەن.
نەتىجىسىچۇ؟ نەتىجىدە سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى، ۋال كوچىسىدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلار كارفت شىركىتىگە توختىماي بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا «سېمىزلىككە قارشى تۇرۇش» تىن ۋاز كېچىشىگە سەۋەب بولدى.
شۇڭا، يېمەكلىك شىركىتىگە تايىنىپ ساغلاملىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىش خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
پۈتۈن دۇنيا تاۋارلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋردە، بىزنىڭ ئىشتىھايىمىز يېمەكلىك شىركىتىنىڭ پايدا نۇقتىسى بولىدۇ، پايدىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تەن ساغلاملىقى ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى قاتارىدا بولمايدۇ. شۇڭا بىز پەقەت ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىشىمىز كېرەك.
ئادەتتىكى ئامما بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز قانداق قىلىش كېرەك؟
ئالدى بىلەن، ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلى بولمىغان مەھسۇلاتلارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
مەسىلەن، ئەتكەن چاي.
«يېرىم شېكەرلىك» ياكى «شېكەر قوشۇلمىغان» نى ئىستېمال قىلساق ھېچقىسى يوقتۇ، دەپ ئويلاپ قالماڭ. بۇلتۇر 11-ئايدا، فۇجۇ ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بازاردا سېتىلىۋاتقان 40 خىل ئەتكەن چاينى تەكشۈرۈپ، شياۋچۆ چېيى (小确茶)، يىخېتاڭ (益禾堂)، نەيشۆ (奈雪) قاتارلىق ماركىدىكى ئەتكەن چايلارنىڭ قەنتسىز ھالەتتىكىسىنى ئىستېمال قىلغان ھالەتتىمۇ بىر ئىستاكان ئەتكەن چايدىكى قەنت مىقدارىنىڭ يەنىلا ھەر كۈنى تەۋسىيە قىلىنغان قوبۇل قىلىش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئىككىنچىدىن، ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىنى ئوقۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
ئىسسىقلىقنىڭ «كىلوجوئۇل» (KJ) بىلەن «كالورىيە» ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى، قانداق سۇندۇرۇپ ھېسابلايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر كۈندە قانچىلىك كالورىيە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش كېرەك.
تاللا بازىرىدىن يەيدىغان نەرسە سېتىۋالغاندا، مالنى باشقا دۇكاندىكى ماللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئامال بار تۆۋەن كالورىيەلىك، تۆۋەن شېكەرلىك (يەنى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى) نى تاللاش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا، شۇنداقلا ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش ئۇسۇلى: كۆپرەك ئۆزى تاماق ئېتىش.
ئۆزى تاماق ئېتىش، سىرتتىن ئاز يېيىش، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، يېمەكلىك شىركىتىنىڭ «ئىسسىقلىق بومبىسى»دىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. ئەلۋەتتە، ئۆزى تاماق ئەتكەندىمۇ ئوزۇقلۇق ئىلمى ئېڭى بولۇشى، ھەر كۈنى توخۇ گۆشى يېمەسلىكى، تورت ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئۆزى كۆكتات سېتىۋېلىپ ئۆزى تاماق ئېتىپ يېگەندە، بىر كۈندە قانچىلىك ئىسسىقلىق مىقدارى قوبۇل قىلغانلىقى ئەڭ ئېنىق بولىدۇ.
بۇ ئىسسىقلىق مىقدارىنى كىچىك مەسىلە دەپ ئويلىماڭ. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدۇقكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەككەن.
كىنولار