سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
فىلاۋىيو دې كاسترو سوۋسا بولسا 36 ياشلىق يىگىت، ئۇ بىرازىلىيەنىڭ بېلوھورىزونتلۇق ئوپېراتور.
11-ئاينىڭ 1-كۈنى فىلاۋىيو بىلەن ھەمجىنس ھەمراھى لۇسىئېن ئېستېبان پارىژغا يېتىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىر توي مۇراسىمىنى تارتىش، شۇنداقلا مۇشۇ باھانىدە دەم ئالغاچ پارىژنى ئايلىنىش. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن تۇرىدىغان ئۆينى ئالدىن زاكاز قىلىپ قويغان بولۇپ، ئەسلىدە 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بىرازىلىيەگە قايتىشنى پىلانلىغان، پۈتكۈل سەپەر بىر ئايغا يېقىن بولىدىغان بولۇپ، لېكىن لۇسىئېن مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىپ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە، فىلاۋىيو پارىژدا كۈنلىرىنى يامان ئەمەس ئۆتكۈزگەن.فىلاۋىيونىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يازمىسى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يازمىدا ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ سۈرىتى بار ئىدى، شۇنداقلا «Voyage Voyage» ناملىق ناخشا قىستۇرۇلغانىدى. بۇ دەل ئۇنىڭ پارىژدىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇنقى ۋاقتى. ئىككىنچى كۈنى، فىلاۋىيو پىلان بويىچە ئايرودۇرۇمغا بېرىپ بىرازىلىيەگە قايتىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەپەندى گەرچە ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېجىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ئايروپىلانغا چىقمىغان. بۇ ھېچ بولمىغاندا فىلاۋىيونىڭ دۆلەتكە قايتماقچى ئىكەنلىكىنى، بىرەر ئىش سەۋەبىدىن كېچىكتۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.ناھايىتى تېزلا، فىلاۋىيو يىگىتى لۇسىئانغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە قايتىشنى كېچىكتۈرۈشىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتقان. ئەسلىدە، 26-چېسلا سەھەردە، فىلاۋىيو ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، پارىژ 16-رايونىدىكى ئاققۇ ئارىلىغا بارغان. بۇ بىر سۈنئىي ئارال بولۇپ، تۆمۈر مۇنارغا ئەڭ يېقىن، ئۈستىدىكى ئەڭ داڭلىق بولغىنى «ئەركىنلىك ھەيكىلى»نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.لېكىن ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان ئىش شۇكى، فىلاۋىيو ئويلىمىغان يەردىن سېنا دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن، قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە لوپىدال ژورژېس پومپىدو دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان. ئۇ يەردە داۋالىنىپ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، فىلاۋىيو دوختۇرخانىدىن چىققان. ئەمما ئەينى چاغدا نۆۋەتچى ئايروپىلان كېتىپ بولغان بولغاچقا، فىلاۋىيو ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە ئۆي ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆي قايتۇرۇش ۋاقتىنى 24 سائەت ئۇزارتىپ، بېلىتىنى ئىككىنچى كۈنىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئالماشتۇرغان.شۇ كۈنى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن بەزىلەر فىلاۋىيونىڭ ھۆل كىيىم بىلەن پارىژنىڭ 13-رايونىدىكى تۇرالغۇسىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن. كەچ سائەت يەتتىلەر ئەتراپىدا، ئۇ ئاخىرى يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، يىگىتىگە «ئامان-ئېسەن»لىكى توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىغان. بۇ قىسقا ئۇچۇر فىلاۋىيونىڭ يېقىنلىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئالاقىلىشىشى ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن.ھېچقانداق خەۋەر بولمىغاچقا، فىلاۋىيونىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ تېلېفونىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان. 11-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە بىر ناتونۇش كىشى تېلېفوننى ئالغان. پورتۇگال تىلىدا سۆزلىيەلمىگەچكە، بۇ ئادەم يانفوننى پارىژدىكى بىر ئاشخانىدا خىزمەت قىلىدىغان بىرازىلىيەلىك بىرىگە تاپشۇرغان. بىرازىلىيەلىك بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دېنىس بولۇپ، ئۇ فىلاۋىيونىڭ ئاپىسى بىلەن پاراڭلاشقان ھەمدە ئۇلارنىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىلەر ئەتراپىدا ئاققۇ ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى لېس ئوندېس ئاشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى تەشتەكتىن بۇ يانفوننىڭ بايقالغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.بۇ قارىماققا فىلاۋىيونىڭ ئىككىنچى كۈنى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن جايغا قايتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن، لېكىن سەۋەبىگە كەلسەك، تېخى ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ناھايىتى تىت-تىت بولغان، ئۇلار فىلاۋىيونىڭ ئۇدا بىر نەچچە كۈن خەۋەرلەشمەيدىغان ئادەم ئەمەسلىكىنى، چوقۇم بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پارىژدىكى يەرلىك ساقچىلار ۋە بىرازىلىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن، ئۇلار ھەتتا فىلاۋىيونىڭئىسمىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن فىلاۋىيونى ئىزدەش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولغان.لۇسىئاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرازىلىيە قانۇنى ۋە فىرانسىيە قانۇنىدا يوقاپ كەتكەن كىشىلەر دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھالقىلىق پەرق مەۋجۇت ئىكەن: «ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، فىرانسىيە قانۇنى بىلەن بىرازىلىيە قانۇنى ئوخشىمايدۇ، بولۇپمۇ ئىز-دېرەكسىز يوقىلىش مەسىلىسىدە. بىرازىلىيەدە مەلۇم ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بېكىتىشكە 72 سائەت ۋاقىت بار، فىرانسىيەدە بولسا بۇنداق مۇددەت يوق. دوستلىرىمىز ھارماي-تالماي فىرانسىيە ساقچىلىرىدىن ياردەم سوراپ، ھەر قېتىم ئوخشاش جاۋابقا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر بۇ جىددىي ئىش ئەمەس، تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلمايدۇ، دەيدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى نىشانىمىز بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش، بىز ھۆكۈمەتنىڭ تەسىر كۈچىنى پۇقرالارنىڭكىدىن چوڭ دەپ قارايمىز، بۇنداق بولغاندا ئۇلار فىرانسىيە تەرەپكە ئارىلىشىپ، فىرانسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ.»بۇ ئىشتىن كېيىن، فىلاۋىيو بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان دوستلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا جانلىنىپ كەتكەن ھەمدە بۇ تېمىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىرازىلىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئەسكەرتمەكچى بولغان. دەل ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بولغاچقا، ھەر قايسى تەرەپلەر دۇچ كەلگەن بېسىممۇ بارغانسېرى چوڭىيىپ، بۇ يوقاپ كېتىش دېلوسى ئاستا-ئاستا دىپلوماتىيە قاتلىمىغا كۆتۈرۈلگەن. دەسلەپتە بۇ ۋەقەگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن فىرانسىيە ساقچىلىرى ھازىر ئاخىرى تەكشۈرۈشنى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل گۇرۇپپىغا ھاۋالە قىلغان ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن جەسەت ساقلاش ئۆيى، دوختۇرخانا ۋە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن فىلاۋىيونى ئىزدىگەن.12-ئاينىڭ 2-كۈنى دۈشەنبە كۈنى، بىرازىلىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى تۇنجى قېتىم فىلاۋىيونىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋالغان ھەمدە ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تەرتىپنى چۈشەندۈرگەن. بىرازىلىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بۇ دېلونى چۈشىنىدىغانلىقىنى، فىرانسىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ پۇقرانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە كونسۇلخانا ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن چىقارغان سېرىق تىزىملىكتە فىلاۋىيونىڭ ئىسمىمۇ ئاخىرى پەيدا بولغان. قىسقىسى، فىلاۋىيو توغرىسىدىكى سىر تېخى يېشىلمىگەن، ئۇنىڭ تېخى ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552