بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
دايانا سېگتوۋىچ (Dayana Segtowich) بىرازىلىيەدە خېلى نامى بار ئايال دوختۇر. ئۇ مەخسۇس ھۆسن تۈزەش ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش ۋە تېرىدىكى بىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، بىمارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزىمۇ ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، خىزمەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساياھەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى يۇقىرى بولۇپ، 67 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىسى توپلانغان.
شۇ يەر ۋاقتى 9-دېكابىردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دايانا ھازىر تېخىمۇ داڭق چىقارغان، چۈنكى ئۇ بىر قەدەر چەكتىن ئاشقان ھەرىكەت قىلغان.
بىر ۋىدېيو ئالاقە تاراتقۇلىرىدا تەلۋىلەرچە تارقىلىپ يۈرگەن. كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئايال ئۇچقاندەك يۈرۈۋاتقان پىكاپنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىۋالغان. بۇلا ئەمەس، بۇ ئايال بىر قولىدا ئاپتوموبىل ئىشىكىنى چىڭ تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا توختىماي ھەيدەش بۆلۈمچىسىگە قاراپ شوپۇرنى ئۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇنداق كۆرۈنۈشنى ئىلگىرى پەقەت كىنولاردىلا كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئويلىمىغان يەردىن بىرازىلىيەنىڭ پارا ئىشتاتى بېللېن شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا پەيدا بولغان.
سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتوموبىل نەچچە يۈز مېتىر ماڭغاندىن كېيىن توختىغان، شوپۇر كابىنكىدىن چىقىپ، ئىشىكىگە «ئېسىلىپ» قالغان ئايالنى ئىتتىرمەكچى بولغان. بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ناھايىتى تېزلا ۋىدېيودىكى كىشىلەرنى تاپقان، ئۇلار بۇ قىزىل چاچلىق ئايالنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى دايانا سېگتوۋىچ ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ چىرايلىق ئايال دوختۇرنىڭ كىشىنى خېلىلا نامى بار تور چولپىنى ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
سالاھىيىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ھەمدە ئالاقە تورىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغاندىن كېيىن دايانا ئالاقە تورىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇچۇر يوللىغان بارلىق ئاچا-سىڭىللارغا كۆپ رەھمەت. ئاياللار يىغلىمىسا پۇل تاپىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا مەشىق قىلالايدۇ!»
دايانانىڭ سۈرەتلەردىكى ھالىتىدىن قارىغاندا، ئۇ چوقۇم ئىنتايىن تەلەپچان بولۇپ، ۋاقتىنى ئۆز قىياپىتىنى يارىتىشقا سەرپ قىلغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دايانانىڭ بۇنداق بەدەن چېنىقتۇرۇشىنىڭمۇ سەۋەبى بار بولۇپ، چۈنكى ئۇنىڭ يولدىشى فابىزىئو سېگتوۋىچ شۇ جايدىكى ئىككى چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان چېنىقىش ئۆيىنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى تايانا يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىلغا «ئېسىلىپ» قالغان، بۇ ئاپتوموبىلنى ئۇنىڭ ئېرى ھەيدىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق غەزەپلىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئېرىنىڭ ئەينى چاغدا تالاغا قاراپ قالغانلىقىنى بايقىغان، ئاتالمىش ئۈچىنچى شەخس سەۋەبلىك بۇ ئايالنىڭ ماشىنىغا ئېسىلىپ قالغان كۆرۈنىشى پەيدا بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، دەسلەپتە دايانا بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ئېرىنىڭ ماشىنىسىنىڭ يېنىغا ماڭغان، لېكىن دايانا ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن، فابىزىئو دەرھال ئاپتوموبىلنى قوزغاتقان، بۇنىڭ بىلەن ئايالى ئاپتوموبىل ئىشىكىگە «ئېسىلىپ» قالغان. نەق مەيداندىكى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شۇ چاغدا دايانانىڭ چۈشۈپ كېتىپ يارىلىنىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتقان.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ قەيسەرلىكىنى ماختاشقان، شۇنداقلا بۇنداق قىلىش ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغان، ئۇلار مۇنداق دېگەن: «ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولماڭ، بۇنداق ئەرلەر ئەمدى ئۆزگەرمەيدۇ! سىز بەك گۈزەل، بەك قالتىس، ئەڭ ياخشىسىغا ئېرىشىشكە ئەرزىيسىز.»
لېكىن بەزىلەر يەنە مۇنداق دېگەن: «دايانا بەك ھاياجانلىنىپ كەتتى، ئۆزىنى خەتەر ئىچىدە قالدۇرىدىغان بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئىش قىلماسلىقى كېرەك.»
فابىزىئو ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلمىشىدىن ئايالىدىن كەچۈرۈم سوراپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇل بىلەن سىزگە زىيانكەشلىك قىلدىم... مەن ئۆزۈمنىڭ خاتا ئاقىۋىتىگە يۈزلىنىشكە تەييارلىنىپ بولدۇم، ھەمدە بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا رازى، ئەگەر سىز رۇخسەت قىلسىڭىز.»
دايانانىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، ئۇ ئەپۇ قىلىشنى تاللىماسلىقى مۇمكىن.