سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
گامنام مۇھىم دېلولار گۇرۇپپىسى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ياپونىيەدىكى «ئىشلەمچىلەر ساھەسى»دىن بىر يېڭى خەۋەر كەلگەن، توكيو شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ 4-قېتىملىق قەرەللىك يىغىنىدا توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 2025-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، ھەپتىدە ئۈچ كۈن دەم ئېلىش يېڭى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىغان.
نۆۋەتتە توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئېلاستىكىلىق ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، قىسمەن تارماقلاردىن باشقا، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر تۆت ھەپتىدە بىر كۈن ئارتۇق دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان، كېلەر يىلى 4-ئايغا بارغاندا ھەر ھەپتىدە بىر كۈن ئارتۇق دەم ئالىدىكەن. ئەمما بۇ سىياسەت پەقەت توكيو ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان مەمۇرلارغىلا نەپ يەتكۈزىدۇ، كەلگۈسىدە توكيودىكى باشقا شىركەتلەرگە كېڭەيتىلىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە بۇ ھەپتىدە ئۈچ كۈن دەم ئېلىش تۈزۈمى ياپونىيەدە يېڭى تېما ئەمەس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن داڭلىق كارخانىلار بۇ تۈزۈمنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە رىلى ئىشلەپچىقىرىش ئورنى، مىكروسوفت، پاناسونىك ۋە NEC قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتەن بەزى كارخانىلار بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، مەسىلەن ساكاۋا شىركىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېسىمنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، ئەكسىچە يېڭى رېكورت ياراتقان.
(Sakawa شىركىتىنىڭ كۆرسەتمە خەرىتىسى)
لېكىن، شۇنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەككى، كۆڭۈلدىكىدەك «ئاز ئىشلەپ، كۆپ پۇل ئېلىش»قا ئوخشىمايدىغىنى، ياپونىيەنىڭ ھازىرقى ھەپتىدە ئۈچ كۈن دەم ئېلىش تۈزۈمى ئەمەلىيەتتە ئۈچ خىل ئەندىزىگە بۆلۈنىدۇ:
1. ھەپتىدە بىر كۈن ئارتۇق دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلسە مائاشمۇ مۇناسىپ ھالدا %20 ئازايتىلىدۇ.
2. ھەپتىدە بىر كۈن ئارتۇق دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلىدۇ، مائاش ئۆزگەرمەيدۇ، لېكىن ئومۇمىي ئەمگەك ۋاقتىنىمۇ قىسقارتىۋېتىشكە بولمايدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، ھەر ھەپتىدە 5 كۈن × 8 سائەت=40 سائەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، 3 كۈن دەم ئالماقچى بولسا، ئۆزى 4 كۈن × 10 سائەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
3. ھەپتىدە بىر كۈن ئارتۇق دەم ئېلىش بېرىلسە، خىزمەت ۋاقتى ئۇزارتىلمايدۇ، مائاشمۇ ئازىيىپ كەتمەيدۇ. ئىشقىلىپ ئىككى سەككىز 16 دېگەندەكلا ئىش.
بۇ قېتىم توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىككىنچى خىل ئەندىزىنى قوللانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، توكيو ھۆكۈمىتى يەنە ئۆيىدىكى 3-يىللىقتىن تۆۋەن بالىلىرى بار خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى سائەتلىك ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىش ھەققى يوق ئىكەن
ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتىگە كەلسەك، مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىكى مەقسەت خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋە بالا تەربىيلىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، بالا بېقىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەسپىي ھاياتىنى توختىتىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ماھىيەتتە ياپونىيەنىڭ تۆۋەن تۇغۇلۇش نىسبىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىكەن. ھەممىگە مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ تۇغۇت نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدە تۇرۇپ، ئۇدا سەككىز يىل تۆۋەنلىگەن، ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن تېز بولغان.
سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ۋازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ياپونىيەدە ئاران 727 مىڭ 277 ئادەم تۇغۇلغان، تۇغۇلۇش نىسبىتى 1.20 بولغان، توكيو رايونىدا ھەتتا ئاران 0.99 بولغان.
نوپۇس مەسىلىسى بەك ئېغىر بولسا، كەلگۈسىدە ئەمگەك نوپۇسى كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئۇنى ئۈن-تىنسىز ھالدا «جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئاساسى»، «دۆلەتنىڭ ئاساسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن. ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتى تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويغان، بۇ باج كېمەيتىش، دادىسىغا تۇغۇت دەم ئېلىشى بېرىش، كۈندىلىك ھاۋالە ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىش، ھەتتا ئاتا-ئانىغا بىۋاسىتە نەق پۇل بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىل توكيو ھۆكۈمىتى يەنە بىر خىل دوستلىشىش ئەپ دېتالىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بويتاقلارنىڭ لايىق تېپىشىغا ياردەم بەرگەن ھەمدە ئابۇنىتلاردىن ئۆزلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئىزدىمەستىن، بەلكى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى تۇغۇلغانلارنىڭ سانى يەنىلا تۆۋەنلەپ، 2016-يىلى 1 مىليوندىن تۆۋەن، 2022-يىلى 800 مىڭدىن تۆۋەن بولغان، بۇ يىل يەنە يېڭى تۆۋەن سەۋىيە يارىتىلغان، يەنى 1-ئايدا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن، 6-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدە تۇغۇلغان نوپۇس ئاران 350 مىڭ 74 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 تۆۋەنلىگەن، ئومۇمىي ئادەم سانى 1899-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم 70دىن تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
(ياپونىيەنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىسخېمىسى)
نۇرغۇن جەمئىيەتشۇناسلار بۇنى ياپونىيەنىڭ رەھىمسىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتى ۋە ئۈزۈكسىز ئۆرلەۋاتقان تۇرمۇش تەننەرخىگە دۆڭگەپ قويغان، بولۇپمۇ ياپونىيەدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەچكە خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكەن، ئەھۋال ئاستىدا يەنە زىيادە چارچاشتىن ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرمۇ بولغان.
خىزمەت ئادەمنى شۇنچە چارچىتىۋاتقان ئەھۋالدا، ھامىلىدار بولۇش ۋە بالا بېقىش بېسىمى كىشىنى تېخىمۇ قورقۇتىدۇ. يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ ئۆي ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان بەدىلى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدىكى ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئۆي ئىشلىرى جەھەتتىكى پەرقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىرى بولۇپ، ئاياللار بالا بېقىش ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق تەرەپلەردە تېخىمۇ جاپا تارتىدىكەن، ئۇلارنىڭ ھەقسىز ئەمگىكى ئەرلەرنىڭكىدىن بەش ھەسسە كۆپ ئىكەن.
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، يەڭگىگەن پەرزەنتىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. مۇشۇ ئىشلارنى كۆزدە تۇتقاندا، ھەپتىدە ئۈچ كۈن دەم ئېلىش تۈزۈمى بەلكىم تېخىمۇ كۆپ جانلىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، بالا بېقىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت ئارزۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن.
تۆت كۈنلۈك خىزمەت تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقارغان خەلقئارا تەشكىلات «4 Day Week lobal» ئالتە دۆلەتتە تەجرىبە ئىشلىگەن بولۇپ، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە تۆت كۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەرلەر، بالا بېقىشقا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت بۇرۇنقىدىن %23 كۆپ، ئۆي ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت %22 كۆپ بولۇپ، بۇ بۇ تۈزۈمنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئادىللىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
لېكىن ياپونىيە خەلقى بۇنىڭغا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولغان، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ كوچىلاردىكى زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، بەزىلەر بۇ سىياسەتنى قوللاپ، ۋاقىتنى ئەركىن ھېس قىلغان، بالىسى بار ئائىلىلەر ئىنتايىن دوستانە مۇئامىلە قىلغان، يەنە تېخى ئىشچىلارنى ئىلھاملاندۇرغان دەپ قارىغان.
لېكىن بەزىلەر ئادەم يېتىشمىسە شىركەتنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە تەسىر يېتىشىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تەسلىشىشىدىن ئەنسىرىگەن، مەسىلەن، بۇخىل تۈزۈمنى داۋالاش كەسپىدە يولغا قويغىلى بولمايدۇ. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئالاقىدار ياپونىيە ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا كىشىلەر بۇ مەسىلە ئالدىدا ئوخشاشلا بىرلىككە كېلەلمىگەن.
ھەتتا نۇرغۇن ئاياللار رەت قىلىپ، ئېرى بىلەن بىللە تۇرۇش ۋاقتىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئەكسىچە زىددىيەت پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، يەنە تېخى ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئۆيدە ئولتۇرۇشتىن بىزار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەنە بەزى ئەرلەر ئەگەر راستتىنلا ئۈچ كۈن ئارام ئالالىسىمۇ ئايالىدىن سىر ساقلاپ، سىرتتا يەپ-ئىچىپ، ئويناپ يۈرىدىغانلىقىنى، بولمىسا ئېنىقلا ئۆيگە قايتىپ بالىنى ئېلىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھەپتىدە ئۈچ كۈن دەم ئېلىش تۈزۈمى ياپونىيەدىكى كىچىك ئامما ئىچىدىكى كىچىك ئىش بولۇپ، سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ۋازارىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە تەخمىنەن %8 ياپونىيە كارخانىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەپتىدە ئۈچ كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئارام ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن، ئەمما بۇنى يولغا قويۇشنى خالايدىغان شىركەتلەر يەنىلا ئاز ساندا.