جاۋ لىيىڭ يەنە مەستانىلىرىنى رەنجىتىپ قويدى

文摘   2024-12-13 21:54   新疆  

سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

تۈندىكى يورۇقلۇق

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

تاماشا چەمبىرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئاجايىپ-غارايىپ سەھنىدە، چولپانلار بىلەن مەستانىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن نازۇك بولىدۇ. ئۇلار بەزىدە ئىناق بولسا، بەزىدە زىددىيەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. جاۋ لىيىڭ (赵丽颖)نىڭ بىر قېتىمقى يېرىم كېچىدە قايتۇرغان رەددىيەسى خۇددى تىنىچ كۆل يۈزىگە تاشلانغان قورام تاشقا ئوخشاش دولقۇن پەيدا قىلىپ، كىشىلەرگە بۇ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى.

جاۋ لىيىڭ تاماشا ساھەسىدە ئۇزاق مۇددەت تاۋلانغان چولپانلارنىڭ بىرى، ئەڭ دەسلەپكى ئېقىم مىقدارى چولپىنىدىن، تەدىرىجىي ھالدا سەنئەت ساھەسىدىكى ئەمەلىي كۈچى بار داڭلىق چولپانغا ئايلانغۇچە جاپالىق ئالغا ئىلگىرلەپ، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلىرىنى كۆرۈرمەنلەرگە سۇنۇپ، ئاستا-ئاستا نام چىقارغان.

بۇ ۋەقەنىڭ ئوت پىلتىسى، جاۋ لىيىڭنىڭ بىر قېتىملىق پائالىيەتتىكى ئوبرازى. بۇ بولسا ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان مودا پائالىيىتى بولۇپ، چىراغلار چاقناپ تۇرغان، تېلىكامېرالار قەد كۆتۈرگەن، چولپانلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك قىزىل گىلەمدە چاقنىغان پائالىيەت ئىدى. جاۋ لىيىڭمۇ باشقا چولپانلارغا ئوخشاش كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەنگەن مۇراسىم كىيىمىنى كىيىپ مەيدانغا چىقتى. ئەمما بىر قىسىم تورداشلار ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئوبرازىنى ياقتۇرماي، جاۋ لىيىڭنىڭ بەكلا سەت بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىشتى. چىرايغا تايىنىدىغان تاماشا ساھەسىدە، پائالىيەتتىكى ئوبرازى چولپانلارنىڭ ئىككىنچى يۈزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوبرازىمۇ دائىم باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ۋە تالاش-تارتىشىنى قوزغايدۇ. ئەمما جاۋ لىيىڭنىڭ ئۆز ئالدىغا گۈزەللىك قارىشى بار، شۇنداقلا ئوبراز لايىھىلەش ئۇستىسىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا چۈشەنچىسىمۇ بار، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوبرازىدىن ئىنتايىن رازى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا يازما ئېلان قىلىپ، ئوبراز لايىھىلەش ئۇستىسىغا يان بېسىپ، ئۆزىنىڭ ئۇ ياراتقان ئوبرازىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئەسلىدە چولپانلار بىلەن مەستانىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئادەتتىكى ئىش ھېسابلىناتتى، بىراق ئويلىمىغان يەردىن مەستانىلەر ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالدى. مەستانىلەر چولپانلارنىڭ سادىق ھىمايىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چولپانلارنىڭ ئوبرازىغا ناھايىتى يۇقىرى ئۈمىد ۋە تەلەپ قويىدۇ. ئۇلار جاۋ لىيىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ئوبرازى ئۇنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ مىجەزى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن توردا بەس-بەستە ئۆزىنىڭ نارازىلىق سۆزلىرىنى ئېلان قىلىپ، جاۋ لىيىڭغا مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇتۇشقا ئۇرۇندى.

ئەزەلدىن رايىش ئوبرازى بىلەنلا پەيدا بولىدىغان جاۋ لىيىڭ بۇ قېتىم مەستانىلەرنىڭ زىيادە چاپلىشىۋالغىنىدىن بىزارلىق ھېس قىلغان بولسا كېرەك، يېرىم كېچىدە مەستانىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «تولا كاپشىماڭلار!» دېدى. ئۇنىڭ تۈپتۈزلا ھالدا قايتۇرغان بۇ قىسقا ئىنكاسى دەقىقە ئىچىدە مەستانىلەرنى پارتىلىتىۋەتتى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىمۇ باشقىچە جانلىنىپ، جاۋ لىيىڭ قىزىق نۇقتىلىق ئىزدەش رامكىسىنىڭ بىرىنچى قۇرىغا ئۆتتى.ئۇنىڭ مىكرو بىلوگىنىڭ ئىنكاس رايونى ھەرخىل ئىنكاسلار بىلەن تولدى. بىر مەستانە ئازابلانغان ھالدا: «سىزنىڭ پوزتسىيىڭىز مېنى بەك ئازابلىدى، مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچىپ يىغلىدىم، بۇنىڭ سەۋەبچىسى دەل سىز!» دېدى. يەنە بەزى مەستانىلەر جاۋ لىيىڭنىڭ ئوبراز مەسىلىسىنى ئوقۇش تارىخى مەسىلىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۇ جىق ئوقۇمىغاچقا بىلىمسىزلىكىدىن باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا دائىم خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخىنى يۇقىرى كۆتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ۋەقەدە جاۋ لىيىڭنىڭ مەستانىلىرى ئازلا كەتمەكتە يوق، دەل ئەكىسچە ئىش يۈز بەردى. جاۋ لىيىڭغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىغان تاماشا كۆرگۈچى تورداشلار بەس-بەستە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئۇنىڭ بۇ ئوبرازى سەت ئەمەسكەنغۇ، مېنىڭچە بۇ ئوبراز بەك چىرايلىق لايىھىلىنىپتۇ» دېيىشتى. يەنە بەزىلەر: «مەن ئەسلىدە جاۋ لىيىڭغا قىزىقمايتىم، ئەمما ئۇنىڭ مىجەزى بۇنداق تۈز ھەم قەيسەر بولسا، بۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەستانە بولىمەن، ئۇنى بەك ياقتۇردۇم!» دېدى. جاۋ لىيىڭمۇ شۇ سەۋەبتىن تورداشلار تەرىپىدىن «دۆلىتىمىز تاماشا ساھەسىدىكى بىردىنبىر تىرىك ئادەم» دەپ ئاتالدى. بۇ نامنىڭ ئارقىسىغا، ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ چولپانلارنىڭ ھەقىقىي خاسلىقىغا بولغان ئىنتىلىشى ۋە زوقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. تاماشا ساھەسىدە چولپانلار ھەرۋاقىت يالغاندىن بولسىمۇ يېقىشلىق ھەم مۇلايىم قىياپەتتە پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، جاۋ لىيىڭنىڭ بۇ تۈزلىكى خۇددى بىر پارچە سۈزۈك ئەينەككە ئوخشاش كىشىلەرگە چولپانلارنىڭ ھەقىقىي تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەردى.

جاۋ لىيىڭنىڭ ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇ تۈز مىجەزىنى ئىزچىل تولۇق نامايان قىلىپ كەلگەن دېسەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىدىكى ئىپادىسى دائىم تورداشلار قىزغىن مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، «چولپان كەلدى» (偶像来了) پىروگراممىسىغا نۇرغۇن داڭلىق چولپانلار يىغىلىدۇ، پروگراممىدا خۇشاللىق ۋە ئىللىقلىققا تولغان كۆرۈنۈش بولۇپلا قالماي، بەزى ئوڭايسىز پەيتلەرمۇ بولىدۇ. جاۋ لىيىڭ پروگراممىدا خۇددى بىغۇبار كىچىك بالىدەك، كۆڭلىدە نېمە ئويلىسا شۇنى دېگەن. ئۇ شيې نا(谢娜)نىڭ لەۋ سۇرۇخنىڭ چىشىغا چاپلىشىپ قالغانلىقىنى، كۆڭلىكىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئويلانمايلا بىۋاسىتە شيې ناغا ئېيتىۋەرگەن. مۇشۇنداق تۈزلىكىدىن، «جاۋ پىچاق» دېگەن لەقەمگىمۇ ئېرىشىپ قالغان.

2011-يىلىنى ئەسلىسەك، شۇ يىلىدىكى خاتا تونۇپ قېلىش ۋەقەسى جاۋ لىيىڭنى نۇرغۇن تالاش-تارتىشقا دۇچار قىلغانىدى. ئەينى چاغدا، ياڭ مى (杨幂) «ئوردا» (宫 ) ناملىق تياتىرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى بىلەن، تاماشا چەمبىرىكىدىكى داڭلىق چولپانغا ئايلانغان، جاۋ لىيىڭ تېخى ھېچكىم دىققەت قىلمايدىغان ئادەتتىكى ئارتىس ئىدى. ئىككىيلەننىڭ بەزى يەرلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ياڭ مىنىڭ مەستانىلىرى دائىم جاۋ لىيىڭنى خاتا تونۇپ قالاتتى. جاۋ لىيىڭ بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، مىكرو بىلوگدا يازما يوللاپ: «سىلەرگە كىملا بولسا ياڭمىدەك كۆرۈنىدۇ!» دېگەن. ئۇنىڭ قىلچە ئەگىتمەي دېگەن بۇ گېپى ياڭ مىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىغانىدى. ھەتتا نۇرغۇن تورداشلار جاۋ لىيىڭنى قەستەن ياڭ مىغا ئوخشىۋېلىپ، ياڭ مىنىڭ ئېقىم مىقدارىدىن پايدىلانماقچى بولدى دەپ قارىغان، شۇڭا بۇ ئىشمۇ جاۋ لىيىڭنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئەمما جاۋ لىيىڭ بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەستىن، ئەكىسچە شۇنچە يىللىق ئارتىسلىق ھاياتىدا، «جاۋ پىچاق» دېگەن لەقىمىنىڭ توغرا قويۇلغىنىنى ئىسپاتلاپ كەلدى.

جاۋ لىيىڭنىڭ بۇ قېتىمقى «تولا كاپشىماڭلار!» دەپ قايتۇرغان ئىنكاسى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ يۈز مىجەزىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنى توغرا قىلدى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. تاماشا ساھەسىدە، چولپانلارنىڭ ئەسىرى كۆرۈش نىسبىتىگە ئېھتياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە مەستانىلەر ئۆزى ياقتۇرىدىغان چولپان ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۇلارنى قوللىمىسا بولمايدۇ. ئەمەلىي كۈچ ئەلۋەتتە چولپانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدار، لېكىن كۆرۈلۈش نىسبىتى يەنىلا چولپانلارنىڭ سودا قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم نۇقتا. جاۋ لىيىڭمۇ ياش چاغلىرىدا ئېقىم مىقدارى تياتىرلىرىغا تايىنىپ بېيىغان، ئەگەر مەستانىلىرى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۇنى قوللىمىغان بولسا، ئۇنىڭ نام چىقىرىش يولى ئېنىقلا تېخىمۇ ئەگرى-توقاي بولغان بولاتتى. ئۇ چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن مەستانىلەرىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى ئېنىق بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ مەستانىلىرىنىڭ بەزى قىلمىشلىرىنى ياقتۇرمىسىمۇ، لېكىن گەپ-سۆزدە ئۇلارنى يەنىلا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا سىز جاۋ لىيىڭنىڭ بۇ ئىشىغا قانداق قارايسىز؟

كىنولار
رومانلار
ياۋايى ھەۋەس

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ

خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章