سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
پۇشپا 2
ھازىر ئىلىم-پەن بىزنىڭ يەر شارىمىز تۆت مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرى، يەنى قۇياش سىستېمىسى بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ، تەخمىنەن بەش مىليارد يىل ئىلگىرى قۇياش سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن، قۇياش پەيدا بولغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالغان بولغاچقا، قۇياشنىڭ ماسسىسى قۇياش سىستېمىسى ئومۇمىي ماسسىسىنىڭ %99.86ىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان سەككىز چوڭ سەييارە ۋە باشقا ماددىلار قۇياش سىستېمىسى ئومۇمىي ماسسىسىنىڭ 0.14 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بىز ئىگىلىگەن نىسبەتتىن قۇياشنىڭ ماسسىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، يەر شارى سەككىز چوڭ سەييارە ئىچىدە، ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن بىردىنبىر سەييارە بولۇپ، يەر شارىدا پەيدا ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى بۇ دۇنياغا نۇرغۇن رەڭلەرنى قوشتى، بولۇپمۇ ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن كېيىن، يەر شارىدىكى نۇرغۇن سىرلارنى ئاچتى، ئىنسانلارنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئالىملارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، تارىختا نۇرغۇن ئۇلۇغ ئالىملار پەيدا بولغان، مەسىلەن: نيۇتون، ئېينىشتىيىن، كوپېرنىك، خاۋكىڭ قاتارلىقلار، ھازىرغا قەدەر ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە بەلكىم ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكىسى تېخىمۇ كۆپ بۆسۈش ھاسىل قىلالىشى مۇمكىن، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدە قايسى ساھەلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
تۇنجى تېخنىكىلىق بۆسۈش ___ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش
قەدىمدىن ھازىرغىچە، ئىنسانلار ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەۋاتىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، قەدىمكى زاماندىكى چىن شىخۇاڭ، لى شىمىن قاتارلىق پادىشاھلارمۇ ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، بىراق ھازىر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئۇزىراپ كەتتى، ئىنسانلار ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ساغلام ئوزۇقلىنىشنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. كۆكتات، مېۋە-چېۋە، دانلىق زىرائەت قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، يۇقىرى قەنت، يۇقىرى تۇز، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك. پىسخىكا جەھەتتە، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇزاق مۇددەتلىك بېسىم ۋە سەلبىي كەيپىيات بەدەنگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ، چوڭقۇر خىيال قىلىش، يوگا ئىشلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاشنىڭمۇ ياردىمى بولىدۇ. قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارقىلىق كېسەلنى بالدۇر بايقىغىلى ھەمدە ۋاقتىدا داۋالىغىلى بولىدۇ. ھازىر مېدىتسىنا كەسپىمۇ ھەر خىل قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن، ھازىر تەتقىق قىلىنىۋاتقان غول ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىقلار، لېكىن بۇ تېخنىكىلارنى تېخىمۇ كۆپ دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى ئاساسلىقى تېلومېرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، تېلومېر ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرە يىپسىمان خروموسومىنىڭ ئۇچىدىكى DNA-ئاقسىل مۇرەككەپ تەنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈش قېتىم سانىغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ، تېلومېرنىڭ ئۇزۇنلۇقى چەك ئۇزۇنلۇققا يەتكەندە، ھۈجەيرە بۆلۈنۈشتىن توختايدۇ ياكى تۇراقسىز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قېرىش ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا تېلومېرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھۈجەيرىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى دەپ قارىلىدۇ، بىراق ھازىر ئىنسانلار پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى 70 نەچچە يىلغا يەتتى، بۇ ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىدىن خېلىلا ئۇزۇن. كەلگۈسىدە ئىنسانلار پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى چوقۇم بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ.
ئىككىنچى تۈرلۈك تېخنىكىلىق بۆسۈش ___ ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىش
ئىنسانلارنىڭ ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنىڭ قانچىلىك يىراققا بارالىشى پۈتۈنلەي ئىنسانلار يېتەلەيدىغان سۈرئەتكە باغلىق، ئىنسانلار سۈنئىي ھەمراھنى يەر شارى ئوربىتىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى يەر شارىنى چۆرىدەپ مۇقىم ھەرىكەت قىلدۇرماقچى بولسا، چوقۇم بىرىنچى ئالەم سۈرئىتىگە يېتىش كېرەك، يەنى سېكۇنتىغا 7.9 كىلومېتىر، ئەگەر ئىنسانلار مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن بىرنى قويۇپ بەرمەكچى بولسا، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، ئىككىنچى ئالەم تېزلىكى يەنى سېكونتىغا 11.2 كىلومېتىرغا يېتىشى كېرەك ، ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىدىن ئۇچۇپ چىقماقچى بولسا، چوقۇم قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇشى، يەنى ئۈچىنچى ئالەم تېزلىكى سېكۇنتىغا 16.7 كىلومېتىرغا يېتىشى كېرەك. ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى ئۇچۇش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىدىن تېخى چىقالمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بىرى، ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى ئىلمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى چەكلىك، يەنە بىرى، يېقىلغۇ تېجەش مەسىلىسىنى ئويلىشىش كېرەك. ئالەم ئۇچقۇلىرىنىڭ قويۇپ بېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن چوقۇم تېخىمۇ كۆپ يېقىلغۇ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ يېقىلغۇ ئېلىپ يۈرۈش توشۇغۇچى راكېتانىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئەمەلىي ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشلىرىدا دەسلەپكى قۇتۇلۇش سۈرئىتى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، مۇناسىپ تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەلىپىگە يېتەلمەيدۇ.
ئەمما ئالەم ئۇچقۇلىرى ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن تېزلىنىدۇ، بۇ ئالەم ئۇچقۇلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغىنى ئالەمدىكى ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى بولۇپ، بۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تېزلەتكۈچ بولالىشىدىكى سەۋەب دەل تارتىش كۈچى ئوقيا ئېففېكتى. بىراق بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى پەقەت قىسقا ۋاقىتلىق تېزلىتەلەيدۇ. ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىش ئۈچۈن يەنە ماسسىنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: ھازىر ئالىملار ئەگرى سۈرەت موتورىنى پائال تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، ئەگرى سۈرئەت موتورى دېگىنىمىز، بوشلۇق كېڭىيىش (space warp) نى موتورنىڭ ئىتتىرىش سىستېمىسى قىلىش تېخنىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ پىرىنسىپى ئالەم كېمىسى ئەتراپىدىكى زامان-ماكاننى بۇرمىلاپ، زامان-ماكان دائىرىسىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول شەكىللەندۈرۈپ، ئالەم كېمىسىنى نۇر تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىدىغان تېزلىككە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. گەرچە ھازىر بۇ تېخنىكا تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلار بۇ تېخنىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى تۈرلۈك تېخنىكىلىق بۆسۈش ___ ئاي شارىغا كۆچمەن بولۇش
ئىنسانلارنىڭ ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش تارىخىنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەينى چاغدا ئالىملار ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا چىقالايدىغان-چىقالمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىغان، تاكى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئاي شارى ئۈستىدە ئىزدىنىش پىلانىنى ھەقىقىي باشلىغان، 1959-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئاي شارى 1-نومۇر» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاي شارىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن ھەمدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاي شارى سۈرىتى ۋە سانلىق مەلۇماتىنى يوللىغان. 1960-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە «ئاي شارى 2-نومۇر» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىپ، ئاي شارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان ھەمدە بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى قايتۇرۇپ كەلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىن، ئامېرىكىمۇ ئۆزىنىڭ ئاي شارى ئۈستىدە ئىزدىنىش پىلانىنى باشلىغان. 1969-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو 11-نومۇرلۇق قۇرۇقلۇققا چىقىش بۆلۈمچىسى ئاي شارى يۈزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان ھەمدە ئالەم ئۇچقۇچىسى نىل ئارمستروننى تۇنجى بولۇپ ئاي شارىغا چىقارغان. ئېلىمىز 2013-يىلى چاڭئې 3 ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىپ، ئاي شارىغا يۇمشاق قونۇش ۋە ئاي يۈزىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاي شارىنى ئاددىي تەكشۈرۈش بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئاي شارى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ بازىسىنى قۇرۇپ، ئاي شارىدا ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىش.
ئىنسانلار ئاي شارىغا كۆچمەن بولماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناچار مۇھىتقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تۇرالغۇ بۆلمىسى ياسىشى كېرەك، ئاي شارىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كۈندۈزى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 127 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، كېچىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا نۆلدىن تۆۋەن 173 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېتېئورېت سوقۇلۇشىنى توسۇپ قالىدىغان ئاتموسفېرا قاتلىمى يوق. تۇرالغۇ بۆلمىسى ئالاھىدە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس ۋە مۇداپىئە ماتېرىيالىدىن ياسىلىشى كېرەك، مەسىلەن: كۆپ قەۋەتلىك مېتال ۋە فارفور بىرىكمە ماتېرىيال. ھاياتلىقنى ساقلاش سىستىمىسىنى نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئايلانما سۇ، ئوكسىگىندىن پايدىلىنىدىغان قۇرۇلما لاھىيەلەش كېرەك. مەسىلەن: ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز رولىدىن پايدىلىنىپ ئوكسىگېن ھاسىل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكترولىزلانغان سۇ ئارقىلىق ئوكسىگېن ھاسىل قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئاي شارىدا قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ توسقۇنلۇقى بولمىغاچقا، ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى ئىنتايىن مول. چوڭ تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشقا بولىدۇ، قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيە تاختىسى ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، تۇرالغۇ ئەسلىھەلىرى، ھاياتلىق كاپالىتى سىستېمىسى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. گەرچە ھازىر بۇ پەرەزنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكىسى ئىزچىل ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىز ئىنسانلارنىڭ بۇ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
تۆتىنچى تېخنىكا ___ ئائىلە ماشىنا ئادىمى
20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا، ئادەم شەكىللىك ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىش باشلانغان، ئەينى چاغدا كومپيۇتېر تېخنىكىسى، مېخانىكا قۇرۇلۇشى ۋە كونترول قىلىش نەزەرىيەسى قاتارلىق پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن ئىزدىنىشتىن ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولغان. كەلگۈسىدە ئائىلە ماشىنا ئادىمىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى تېخىمۇ زورىيىدۇ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى، ھەمراھ بولۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن تەمىنلەيدىغان ياشانغانلار پەرۋىش ماشىنا ئادىمىگە بولغان ئېھتىياج ئاشىدۇ. مەسىلەن: ياشانغانلارغا ۋاقتىدا دورا ئىچىشنى ئەسكەرتىش، ھۋاياتلىق ئالامەتلىرىنى ئۆلچەش ھەمدە پەرزەنتلىرى ياكى داۋالاش خادىملىرىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش. مائارىپ ساھەسىدە، ئائىلە ماشىنا ئادىمى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ھەمراھى ۋە دەرستىن سىرتقى يېتەكچىسى بولالايدۇ خاسلاشتۇرۇلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزىقىشى ۋە نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بەرگىلى، يەنە بالىلارنىڭ ئوينىشى، ھېكايە سۆزلىشىگە ھەمراھ بولۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە كونترول مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن يوچۇقسىز ئۇلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئاۋازلىق ياكى يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق ماشىنا ئادەمنى كونترول قىلالايدۇ، ئاندىن ماشىنا ئادەم ئارقىلىق باشقا ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئۆز-ئارا تەسىرلىشەلەيدۇ، مەسىلەن: چىراغنىڭ يورۇقلۇقى، تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنى كونترول قىلىپ، قولايلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە تۇرمۇش مۇھىتىنى بەرپا قىلىدۇ.
بەشىنچى تېخنىكا ___ كىۋانت خەۋەرلىشىشى
كىۋانت خەۋەرلىشىشى كىۋانىت مېخانىكىسىدىكى كىۋانتنىڭ چىرمىشىشىدىن كەلگەن، 1900-يىلى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى پىلانك تۇنجى بولۇپ كىۋانتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قارا جىسىم رادىياتسىيە مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئىشلەتكەن، كېيىن ئاستا-ئاستا كىۋانت مېخانىكىسى بارلىققا كەلدى، كىۋانتنىڭ چىرمىشىشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ھادىسە بولۇپ، «كىۋانت چىرمىشىشى» 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىلا بېل تەڭسىزلىك فورمۇلىسى ئارقىلىق دەلىللەنگەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كىۋانت چىرمىشىشى ئەمەلىيەتتە كىۋانت مېخانىكىسىدىكى بىر خىل ئالاھىدە ھادىسە بولۇپ، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىۋانت سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل نىسبەتەن «مۈجمەل» مۇناسىۋەت مەۋجۇت، بۇ كىۋانت سىستېمىسىنىڭ ھالىتى بىر-بىرىگە تايىنىدۇ، گەرچە ئۇلار نەچچە يۈز مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتا ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كىۋانت سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەش-پەش دېگۈچە يەنە بىر كىۋانت سىستېمىسىنىڭ ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېينىشتىيىن بۇ ھالەتنى ئىلگىرى «مەخلۇق كەبى يىراق مۇساپىلىق تەسىر» دەپ ئاتىغان. كىۋانت چىرمىشىشىدىن ئىبارەت بۇ تېخنىكىغا نىسبەتەن، نۇرغۇن ئالىملار ئۇنى كىۋانت كومپيۇتېرى ۋە كىۋانت خەۋەرلىشىىش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك كىۋانت كومپيۇتېرى ياساش زەنجىرى قوزغىتىلىپ، ئۆز ئالدىغا ياساش ئىقتىدارى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
كىۋانت خەۋەرلىشىىشدە يىراقتىكى ئۇچۇرلارنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇ تېخنىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىنسانلار كەڭ كۆلەملىك كىۋانت خەۋەرلىشىش تورىنى بەرپا قىلىشى كېرەك: ھازىر بار بولغان كىۋانت خەۋەرلىشىىش تورى ئاساسىدا، تۈگۈن سانىنى كۆپەيتىپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆپ تۈگۈن، كەڭ دائىرىلىك كىۋانت خەۋەرلىشىش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ جايلار ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىخەتەر ئالاقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بىز ئاسمان بىلەن زېمىن بىر گەۋدىلەشكەن كىۋانت ئالاقىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يەر يۈزى كىۋانت خەۋەرلىشىش تورىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ كىۋانت خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەر شارى مىقياسىدا يىراق مۇساپىلىك كىۋانت ئالاقىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كىۋانت چىرمىشىش ھادىسىسىنىڭ ياردىمىدە، چىرمىشىش ھالىتىدە تۇرغان ئىككى زەررىچىنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك يىراق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر زەررىچىنىڭ ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولسا، يەنە بىر زەررىچە ھەش-پەش دېگۈچە «ئىندۇكسىيەلىنىدۇ» ھەمدە مۇناسىپ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نەزەرىيە جەھەتتە خالىغان ئارىلىقتىكى يىراق مۇساپىلىك ئالاقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. گەرچە ھازىر تېخنىكا چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن چەكسىز يىراقلىققا يەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مىڭ كىلومېتىر دەرىجىلىك ئاسمان-زېمىن كىۋانت ئالاقىسى قاتارلىق ئۇزۇن مۇساپىلىق خەۋەرلىشىش تەجرىبىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كىۋانت ئالاقىسىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈشتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق مۇھىتىغا تايانمايدىغانلىقىنى، خەۋەرلىشىش سۈپىتىنىڭ فىزىكىلىق يولنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بايقىدى، مەسىلەن: ناچار ھاۋارايى ياكى مۇرەككەپ ئېلېكتىر ماگنىت مۇھىتى قاتارلىق شارائىتتا، كىۋانت ئالاقىسى يەنىلا مۇقىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، كود خاتالىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدە ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە، ئىنسانلار بۇ تېخنىكىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
ئالتىنچى تېخنىكا ____ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇملىشىشى
كەلگۈسىدە سۈنئىي ئىدراك ئاۋازلىق ياردەمچىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى تۇرمۇشىمىزدىكى ھەممىگە قادىر غوجىدار بولۇپ قالىدۇ، خاسلىققا ئىگە ساغلاملىق باشقۇرۇشتىن ئاپتوماتىك ئائىلە سىستېمىسىغىچە، ئۇلار چوقۇم بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا يوچۇقسىز توپلىنىدۇ. ھازىر شوپۇرسىز ئاپتوموبىل خام خىيالدىن ئەمەلىيەتكە ئايلاندى، ئىنسانلار تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە قانۇن-نىزاملارنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، بىز شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشىنى كۆرەلەيمىز، ئۇ بىزنىڭ سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىپ، قاتناش ھادىسىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، قاتناش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارغا سېلىشتۇرغاندا، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۇنىڭدا كۆپ مىقداردا سېنزور ۋە كامېرا بار بولۇپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى 360 گىرادۇس ھەر تەرەپلىمە سېزەلەيدۇ، پىيادىلەر، ئاپتوموبىل قاتارلىق توسالغۇلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ئۇنىڭغا يول بېرىدۇ، ئادەمنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كېتىش، چارچاش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ ھادىسە پەيدا قىلىدىغان ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قاتناش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
ئۇ قاتناش ئەھۋالى بىلەن ئاپتوماتىك ماسلىشىپ، تېخىمۇ راۋان لىنىيەنى تاللاپ، ئادەم ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق مەدەنىيەتسىز ئەھۋاللارنى ئازايتىپ، ئاپتوموبىل سۈرئىتى ۋە سەپەرگە چىقىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ھەر يىلى كىشىلەرگە زور چىقىم تىجەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قاتناش تىرانسىپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ئەڭ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلغا سېلىشتۇرغاندا، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ۋە ھاۋا سۈپىتى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، مەسىلەن: يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىشتە ساقلاش ۋاقتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ، ئۇزۇن يوللۇق تىرانسپورتتا يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى جەرىمانە تالونىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، مال تاپشۇرۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ، بۇ ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى سەپەرگە چىقىش ۋە خىزمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل چوقۇم ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ، ھازىر نۇرغۇن شەھەرلەر كەڭ كۆلەمدە شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى.