بوۋىقىنى مەينەت زاكىلار ئارىسىدا باققان تور چولپىنى تىلغا قالدى

文摘   2024-12-12 19:36   新疆  

سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

پۇشپا 2

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

25 ياشلىق خەننا ھىياتت ئالاقە تورىدىكى بىر بالا بېقىش تور چولپىنى بولۇپ، ئۇنىڭ ھېسابات نومۇرىدا 440 مىڭ مەستانىسى بار. ئۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئىككى ياشلىق چوڭ ئوغلى جامېس ۋە ئەمدىلا تۇغۇلغان قىزى بار. يېقىندا، ئۇ يوللىغان بىر نەچچە ۋىدېيو ئىنتايىن زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان.

بۇ يىل 10-ئايدا خەننا بىر ۋىدېيو يوللاپ، ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسىنى ئۆزى يالغۇز باققان بىر كۈنىنى خاتىرىلىگەن. نەتىجىدە، تورداشلارنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتكەن، چۈنكى ئۇ كىچىك بوۋاققا ئالماشتۇرۇپ قويغان مەينەت زاكا ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە چېچىلىپ تۇرغان. مېھمانخانا چاي ئۈستىلىگە بىر نەچچە زاكا پارچە تاشلاپ قويۇلغان بولۇپ، يېنىدا ئىستاكان ۋە بالىنىڭ رەسىملىك كىتابى بار ئىدى.

(شىرەدىكى مەينەت زاكا)

ياتاق ئۆينىڭ يەرلىرىدىمۇ مەينەت زاكا ئاز ئەمەسكەن، كارىۋاتنىڭ يېنىمۇ شۇ.

(ياتاق ئۆيدىكى مەينەت زاكا)

تورداشلار سانىغان بولۇپ خەننانىڭ ئۆيىدە جەمئىي 17 پارچە مەينەت زاكا بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن چىققان پۇراقنى ئويلىسا ئادەم بىئارام بولىدۇ دېيىشكەن. بىراق خەننانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەقەت مەينەت زاكىسىنى ۋاقتىنچە ئۆيىگە تاشلاپ قويغان بولۇپ، لېكىن بىر كۈندىن كېيىن ھەممىنى تازىلاپ خالتىغا سېلىپ، ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كاپالەت بېرىمەنكى، ئۇنچىۋالا ئاشۇرىۋەتمەڭلار. بۇ زاكىلار ئۆيدە 24 سائەتمۇ تۇرمىدى.»

(خەننا)

بەزى تورداشلار ئۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچاپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بالا بېقىش ئۇسۇلىنى تەنقىدلىگەن ۋە ئۇنىڭدىن گۇمانلانغان، ئۇلار بالىنى بۇنداق مەينەت مۇھىتتا باقسا ياخشى بولمايدۇ دەپ قارىغان. خەننا تالاش-تارتىشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بىر بالا بېقىشتىن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىچە بولغان جەريان بىر جاپالىق ماسلىشىش جەريانى. بۇ ھەقىقەتەن تەڭشەشكە موھتاج، چوڭ ئوغلۇم ھەر ۋاقىت %100 دىققىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. لېكىن بوۋاقنى بېقىش تېخىمۇ ئاسان.»

خەننانىڭ چۈشەندۈرۈشى تورداشلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمىگەن، كىشىلەر ئۇنىڭ باشقا ۋىدېيولىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان، نەتىجىدە قارىغانسېرى بىنورمال بولۇپ كەتكەن، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيولاردا گۇمانلىق نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، بۇ ۋېدىيودا خەننا يولدىشى بىراكستون بىلەن بىللە تاماق يېگەن. چوڭ ئوغلى چوڭلارنىڭ تامىقىدىن يەپ باقماقچى بولۇپ، كىچىك قولىنى سوزغاندا، ئەمما خەننا پاسسىدە ئۇنىڭ قولىغا بىرنى قويغان.

يەنە بىر تاماق يەۋاتقان سىن كۆرۈنۈشىدە خەننا ناھايىتى مەززىلىك تاماق يېگەن بولۇپ، لېكىن چوڭ ئوغلى جامېس ياندا ئولتۇرۇپ، تەخسىدىكى يېمەكلىكلەرگە قاراپ، «يېگۈسى بولسىمۇ، سوراشقا جۈرئەت قىلالماسلىق» ئىپادىسىدە بولغان. بۇ نۇرغۇن تورداشلارنى نارازى قىلغان، بەزىلەر «بالا تويغۇدەك تاماق يېمىگەندەك قىلىدۇ» دېيىشكەن، يەنە بەزىلەر خەننادىن نېمە ئۈچۈن بالىلارغا ئۆزى يەيدىغان نەرسىلەرنى تەييارلاپ بەرمەيدىغانلىقىنى سورىغان.

جامېسنىڭ خالوۋىن بايرىمىدا كاۋا لامپىسى ياسىغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، خەننانىڭ ئېرى كېسىۋېلىنغان كاۋىنى جامېسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەن، ئۇ قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، كىچىك قولى بىلەن يۈزىنى توسۇۋالغان، بۇ ۋاقىتتا خەننانىڭ كارى بولمىغان. بەزى تورداشلار بالىنىڭ قورقىدىغىنى كاۋا ئەمەس، بەلكى دادىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

يەنە بىر مال سېتىۋېلىش ۋىدېيوسىدا، خەننا چوڭ ئوغلىغا 35 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى چاپان سېتىۋېلىشنى خالىمىغان، گەرچە شۇ چاغدا ھاۋا سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەننا پەقەت ئۆزىگىلا چاپان سېتىۋالغان.

ئاممىنىڭ ھەقىقىي دىققىتىنى قوزغىغىنى، خەننا بۇ يىل 11-ئايدا تارقاتقان بىر ۋىدېيو ئىدى. ئۇ ئېرى بىلەن چوڭ ئوغلىنى ئېلىپ تاللا بازىرى ئايلىنىۋاتاتتى، كىچىك بالا مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىدا ئولتۇراتتى. توڭلىتىلغان يېمەكلىك رايونىغا كىرگەندە، ئېرى يەيدىغان نەرسىنى ئوغلىغا سۇندى، بۇنداق ئاددىي ھەرىكەتكە قارىتا، كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ تۇنجى ئىنكاسى بولسا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ يۈزىنى توسۇۋالغانلىق بولدى، يەنە تېخى كەينىگە ئۆزىنى تارتىش بولدى. كېيىن دادىسىنىڭ نەرسىنى ئۆزىگە سۇنماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن قولىنى قويۇپ قۇتىدىكى نەرسىنى ئالدى.

نۇرغۇن تورداشلار بۇ ۋىدېيونى كۆرگەندىن كېيىن پارتلاپ كەتكەن، ئۇلار كىچىك بالىنىڭ ئاڭسىز ئىنكاسىنى بىر خىل مۇداپىئە قىياپىتى، خۇددى دادىسىدىن بەك قورقىدىغاندەك ھېس قىلغان. بۇ ئادەمدە ئاتا-ئانىسى ئادەتتە ئۇنى دائىم قورقۇتۇشى، ھەتتا بەزى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بالىدا بۇ خىل ئادەتنى يېتىلدۈرگەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئوينى پەيدا قىلغان.

بىر تورداش باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ ئىنكاسى خۇددى تاياق يەيدىغاندەكلا بولدى»

بەزى تورداشلار بۇ ۋىدېيونى ئىسپات قىلىپ، خەننا ئەر-ئايالنىڭ بالىلارنى خورلىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، بالىلارنى قوغداش تارماقلىرىغا ئەرز قىلغان. يۇتا ئىشتاتى ئوگدېن ساقچى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بالىلارنى قوغداش تارماقلىرى ۋە ساقچىلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، بىز ھازىر خەننا بىر ئائىلىسىنى ئاشكارا، ئاكتىپ تەكشۈرۈۋاتىمىز، بىر ساقچى بۇ دېلوغا مەخسۇس مەسئۇل بولىدۇ.»

ئىشنىڭ يوغىناپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن خەننا ئەسلىدىكى سىن كۆرۈنۈشىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن، يەنە تېخى ھېسابات نومۇرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىنكاس رايونىنىمۇ تاقىۋەتكەن.

11-ئاينىڭ 30-كۈنى خەننا بۇ قېتىمقى تالاش-تارتىش ۋىدېيوسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئىنكاسىنى چۈشەندۈرگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەممىڭلار قورقۇپ كەتكەن ۋىدېيودا، ئۇلار پەقەت ئويۇن-چاقچاق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار دائىم ئويناشقاندا بىر-بىرىنى قورقۇتىدۇ، ئۇلار ئىزچىل مۇشۇنداق. ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى. ئېرىم ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن تارتىپ، كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلىغىچە، ئۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىز، ئائىلىمىز ۋە بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئويلايدۇ.»

بەزىلەر خەننانى بۇرۇنقى يامان ئاقىۋەتكەن قالغان بالا بېقىش تور چولپىنى رۇبى فىرانك (Ruby Franke)نىڭ 2.0 نۇسخىسىغا ئوخشاتقان.

ئۇ ئىلگىرى مىليونلىغان مەستانىلەرگە ئىگە تور چولپىنى ئانا بولۇپ، لېكىن تۆت تۈرلۈك ئېغىر بالىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن بۇ يىل 2-ئايدا 60 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

(رۇبى فىرانك)

خەننا بۇ خىل قاراشقا پىسەنت قىلماي، يەنە ئەكسىچە بىر قىسىم كىشىلەرنى بۇ ئىش سەۋەبلىك يوق يەردىن پۇتاق تاپتى دەپ قارىغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر گەپ تېپىۋاتىدۇ، مەن ھەتتا رۇبى فىرانك بىلەن سېلىشتۇرۇلدۇم، بۇ ھەقىقەتەن كۈلكىلىك. بۈگۈنكى كۈندە بىز ياشاۋاتقان كىشىلەر يوقنى بار دۇنياغا ئايلاندۇرىمىز. بىز ھەممەيلەن تور چولپىنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، ئۇلار ھەرقانداق نەرسىنى يوللاپ تور ئېقىمىنى جەلپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىش-كەلمەسلىكىگە پەرۋا قىلمايدۇ، ئۇلار پەقەت تور چولپىنى بولۇشنى ئويلايدۇ. شۇڭا بۇ كىشىلەر مەندىن مۇشۇنداق قۇسۇر تېپىۋاتىدۇ.»

ۋىدېيودا خەننا ئېرىنى «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئەڭ ئاق كۆڭۈل، ئەڭ كۆيۈمچان، بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئەڭ بىلىدىغان دادا» دەپ ماختىغان. ئۇ يەنە بالىلىرىنىڭ «خۇشال ھەم ساغلام» ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ «ئوزۇقلۇق يېتەرلىك، ھەممە يەرگە بېرىپ ئويناپ كېلىدىغان» تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە: «بۇ ناھايىتى ياخشى ھادىسە، بۇ ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.» دېگەن.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئاندا-ساندا بالىلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالماسلىقى ياكى ھەقىقەتەن نامۇۋاپىق ھەرىكەتلىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكى ئىشلار زادى قانداق؟ خەننانىڭ ئاغزىغا تايىنىپلا بىلگىلى بولمايدۇ. يەنىلا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

كىنولار
رومانلار
ياۋايى ھەۋەس

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ

خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章