خەتەرلىك ھاۋا يولى
ئېچنىشلىق ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنى ئۆلىۋالدى دەپ ھۆكۈم قىلدى، ئاتا-ئانىسى 10 يىل دەۋالاشتى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۆلگۈچىنىڭ بەدىنىگە 20 پېچاق تەگكەن بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 پىچاق دۈمبىسىگە سانجىلغان، لېكىن ساقچىلار بۇنى ئۆلۈۋېلىش دەپ ھۆكۈم قىلغان. بۇ قارىماققا ناھايىتى ئەقىلگە سىغمايدىغان گەپ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا ھەقىقىي يۈز بەرگەن دېلو.
بۇ دېلو 2011-يىلى 1-ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى ئاللېن گرىنبېرگ بولۇپ، ئېرى ئۇنى ئىككىيلەن بىرلىكتە ئىجارىگە ئالغان تۇرالغۇدا 27 يېشىدا قازا قىلغان.
(ئاللېن)
ئاللېننىڭ ئۆلۈمى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولغان. ئۇنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن يارا بار. يەنى بۇ يارىلار ئۇ ئۆلۈشتىن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە پەيدا بولغان. قان ئۇيۇپ قېلىشتىن قورقۇنچلۇق بولغىنى پىچاق يارىسى. قانۇن دوختۇرى ئاللېننىڭ بەدىنىدە جەمئىي 20 ئورۇننىڭ تىغلىق ئەسۋاب يارىسىنى ساناپ چىققان. پىچاق كۆكرەك مۇسكۇلىدىن ئۆتۈپ، جىگەرگە سانجىلغان؛ غول ئارتېرىيىنى كېسىۋېتىپ، كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كەتكەن؛ بىر پىچاق قاتتىق ئومۇرتقا پەردىسىنى تېشىپ، ئۇنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى يارىلاندۇرغان. ئۇنىڭ كۆكرىكى ۋە قورساق قىسمىدا 10 ئورۇندا پىچاق يارىسى بار بولۇپ، بوينى ۋە ئارقا مېڭىسىدە يەنە 10 يارا باركەن.
(بۇ دېلودىكى قاتىللىق قورالى)
ئاللېن قازا قىلىپ ئىككىنچى كۈنى، بۇ دېلونىڭ قانۇن دوختۇرى ئوسبېرن مۇنداق دېگەن: «ئاللېن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى، بۇ بىر قاتىللىق دېلوسى» دەپ يەكۈن چىقارغان. لېكىن ناھايىتى تېزلا ئۇ ساقچى تەرەپ تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاللېننىڭ ئاتا-ئانىسى، دوستلىرى ۋە سانسىزلىغان تورداشلار چۈشىنەلمىگەن بىر يەكۈننى ئۆزگەرتكەن، ئۇلار ئاللېننىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۆلۈۋېلىشنىڭ سەۋەبىگە ھۆكۈم قىلىشقىلا تايانغان. دائىرىلەر ئاللېننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ئاللېننىڭ تۇرالغۇسى بىر جىمجىت كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئامانلىقى ناھايىتى ياخشى. ئاللېننىڭ ئۆيىگە كىرىشنىڭ پەقەت ئىككى خىل ئۇسۇلى بار بولۇپ، بىرى ياتاق بىناسىنىڭ بالكونىدىن ئۆتۈپ كىرىش، لېكىن ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى شىۋىرغان چىققان، شۇڭا بالكوندا ھېچقانداق ئاياغ ئىزى يوق قالمىغان. شۇڭا پەقەت ياتاق بىناسىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن كىرىش نەزەرگە ئېلىنغان.
(ئاللېننىڭ تۇرار جايى)
قاتىلنىڭ ئۆينىڭ ئالدى ئىشىكىدىنكىرىشى مۇمكىنمۇ؟
بۇ جاۋابمۇ بولمايدۇ، چۈنكى قانۇن دوختۇرى ئوسبېن تاپشۇرۇۋالغان ساقچى تەرەپنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاللېننىڭ جەسىتى بايقالغاندا، ئۇنىڭ ئېرى بىلەن ياتاق بىناسى خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە ئىشىك تاقاقنى مەجبۇرىي بۇزۇپ، ئاندىن ئىشىكنى ئاچقان، يەنى شۇ چاغدا ئۆي ئىچىدىن قۇلۇپلاغلىق ئىكەن.
ساقچىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ خۇلاسىلەپ باقايلى، ئەينى چاغدا بۇ ياتاقتا پەقەت ئاللېنلا بار بولۇپ، ئىشىك تاقاق ئىكەن، دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا ھېچكىم كىرمىگەن، غەلىتە نەرسىمۇ قالمىغان، شۇڭا ئۇلار پەقەت ئاللېن ئۆلىۋالغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان. نېمىلا دېگەن بىلەن رېئاللىق رازۋېدكا رومانى ئەمەس، ئۇنچە كۆپ مەخپىي جايلاردىن يىپ ئۇچى تاپقىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچىلار يەنە ئاللېننىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئاللېن ئۆلۈشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ خىزمەت بېسىمى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئۇ ئۆي كۆچمەكچى بولغان، لېكىن سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى خالىمىغان. ئاتا-ئانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇ پىسخىكا دوختۇرىغا بارغان، دوختۇر ئۇنىڭغا ماسلىشىش توسالغۇسى ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلى بار دەپ دىياگنوز قويغان. ئاللېننىڭ ئاپىسى ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن، ئانىسىمۇ ئاللېننى ئاز-تولا ئۆزىنى قاچۇردى دەپ ئويلىغان.
(ئاللېننىڭ ئاتا-ئانىسى)
لېكىن ياتاق ئىچىدىكى قان ئىزى، جەسەتتىكى يارا ئېغىزى ۋە قان ئۇيۇپ قېلىشنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە رېئاللىق كۆپچىلىك كۆرگەن رازۋېدكا ھېكايىلىرىدىنمۇ بەكرەك غەلىتە ئىكەن. ئۇلار بىر قېتىم بىر ئەرنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، ئۇ تىغسىز ئەسۋاب بىلەن ئۆلگەن بولۇپ، ئەتراپ قان بىلەن بويالغان، ئۇلار بىردەك بۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى، دەپ قارىغان. كېيىن ئۇلار دېلو جەريانىنىڭ سىن كۆرۈنىشىنى بايقىغان. بۇ دېلودا قاتىل يوق، پەقەت ئۇ ئەر ئۆلىۋالغانىكەن.
بەلكىم ئاللېننىڭ دېلوسىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، ئاللېننىڭ ئۆلۈۋېلىشى، ئۆلۈۋېلىش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ، نەق مەيداننى بىر-بىرىگە غەلىتە قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
شۇڭا 2011-يىلى دائىرىلەر قارار چىقىرىپ ئۇنى ئۆلىۋالغان. لېكىن ئاللېننىڭ ئاتا-ئانىسى ئاللېننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىغا ئىشەنمىگەن، ئۇلار ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ، قىزىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشنى قارار قىلغان. كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا، بۇ ئىككى ياشانغان كىشى 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ، نەق مەيداندىكى سۈرەت ۋە جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن، قانۇن دوختۇرى پاتولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلغان ھەمدە جىنايەت نەق مەيدانىدىكى يەنە بىر مۇتەخەسسىسنى تاپقان، ئۇلار يەنە پېنسىيەگە چىققان ساقچى تەكشۈرگۈچى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يوشۇرۇن گۇۋاھچى ئىزدىگەن.
ئارقىدىنلا ئۇلار ئىككى قېتىملىق ئەرزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىكتە ئاللېننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان؛ يەنە بىر سوتتا شۇ جايدىكى ساقچىلار قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى يوشۇرغان، شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسى، قانۇن دوختۇرلۇق ئىشخانىسى، يەرلىك تەپتىش ئەمەلدارى، ھەتتا بۇ ئىشتات (پېنسىلۋانىيە)نىڭ باش تەپتىشى ئەيىبلەنگەن.
ئەينى چاغدىكى باش تەپتىشنىڭ ئىسمى جوش شاپىرو ئىدى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، بايدېن سايلامدىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇ ھاررىسنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى ئورۇنباسارى بولۇش ئۈمىدى بار دەپ قارالغان، لېكىن بۇ دېلو سەۋەبىدىن ئۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغان، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىنىش ۋە تاللىنالماسلىقتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
(ئەينى يىلىدىكى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى جوش شاپىرو)
ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ بەرداشلىق بېرىشى ئۈنۈملۈك بولغان. 2023-يىلى يەرلىك تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ئاللېننىڭ ئۆلۈمىگە قارىتا رەسمىي تەكشۈرۈشتە ئېغىر نۇقسان بار دەپ قارىغان، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى شەرقىي رايون ئالىي سوت مەھكىمىسىمۇ ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ نارازىلىق ئەرزىنى تەستىقلىغان ئاللېننىڭ ئۆلۈمىنى قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. ئەر-ئايال ئىككىسى توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، كىشىلەر بۇ دېلونىڭ ھەقىقەتەن باشقا گۇمانلىق يېرى بارلىقىنى ھېس قىلغان.
ئاللېننىڭ ئاتا-ئانىسى تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسسىسنىڭ ئىسمى ۋېين روس بولۇپ، ئۇ قانۇن دوختۇرىنىڭ پاتولوگى ئىكەن، ئۇ ئىلگىرى 13 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق جەسەت تەكشۈرگەن. ئۇ ئەينى چاغدا قانۇن دوختۇرى بەرگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە گۇمان قىلغان.
10 يىل ئىلگىرى قانۇن دوختۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاللېننىڭ يارىلىنىشىدا مۇداپىئە خاراكتېرلىك يارا ئېغىزى يوق ئىكەن، شۇڭا ئۇ ئۆلۈۋالغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ۋېين بولسا ئەگەر ئاللېن قەستكە ئۇچراشتىن بۇرۇن ھوشىنى يوقىتىپ قويسا، ئىككى قولى بىلەن ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى، تەبىئىي ھالدا مۇداپىئە خاراكتېرلىك يارا ئېغىزى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ قانداق قىلىپ ئېڭىنى يوقىتىپ قويىدۇ؟
ۋېين ئاللېننىڭ بوينىدىكى بىر يارا ئېغىزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇنىڭ ئەينى چاغدا بىرەيلەننىڭ ئۇنى بوغۇپ ھوشىدىن كەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما بۇ يارا 10 يىل بۇرۇنقى جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرۈلمىگەن، بۇ يەرگە قارىتا «سەل قاراش»قا قارىتا، ئەينى يىلى قانۇن دوختۇرى ئوسبېرننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەينى چاغدا ئاللېننىڭ بەدىنىدە قان ئۇيۇپ قالغان بۇ بەلكىم بويۇن ئەتراپى قاناش ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن دېگەن، شۇڭا ئۇ ئاللېننى بوغۇلۇپ ئۆلگەن ئەمەس دەپ قارىغان.
يەنە بىر گۇمانلىق نۇقتا بولسا غەلىتە دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدان. ساقچىلار ئەينى چاغدا قازا قىلغان نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىۋالغان، ئەينى چاغدا ئاللېن ئاشخانا پولدا، ئۈستۈنكى بەدىنى ئىشكاپقا يۆلىنىپ ئولتۇرغان، سول قولىدا ئاق رەڭلىك لۆڭگە بار ئىكەن.
(دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ رەسىمى)
ۋېيىننىڭ ئېيتىشىچە، جىنايەت ئۆتكۈزگەن نەق مەيداندىكى سۈرەتلەر ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، سۈرەتتە، ئاللېننىڭ مەڭزىدە بۇرنىدىن قۇلىقىغىچە بولغان قان دېغى پەيدا بولۇپ، گورىزونتال ھالەتتە ئىكەن. لېكىن بۇنى بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئەينى چاغدا ئاللېننىڭ ئولتۇرۇش ھالىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قان پەسكە ئاققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، پەقەت ئۇزۇن ۋاقىت ئوڭدىسىغا ياتقاندىلا ئاندىن بۇنداق قان ئىزى پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ نەق مەيداندىكى سۈرەتكە ئوخشىمايدۇ.
يەنە بىر غەلىتە يېرى شۇكى، ئاللېننىڭ سول قولىدا بىر پاكىز لۆڭگە بار ئىدى، لېكىن سۈرەتكە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ سول قولىدا ئېنىقلا قان ئىزى بار ئىدى، بىراق ئۇ لۆڭگە ئۇنى قانداق قىلىپ پاكىز ساقلاپ قالغان؟
يەنە بىر پارچە سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئاللېننىڭ چاچلىرى پولغا چېچىلىپ ياتقان. ۋېين چۈشەندۈرۈپ :«سىز بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى باشقىلار سىزنى پىچاق تىققاندا، قاتىل مۇشۇنداق سىزنىڭ چېچىڭىزنى تۇتىدۇ ۋە يۇلىدۇ.»
ئەڭ ئاخىرقى بىر شىركەت ئاللېننىڭ بەدىنىدىكى تىغلىق ئەسۋابنىڭ 3D مودېلىنى ياساپ چىققان بولۇپ، گەرچە ساقچىلار پەقەت تىغلىق ئەسۋاب ئۈستىدە ئاللېننىڭ DNAسىنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن مودېلغا قاراپلا ئاللېننىڭ ئۆزىنىڭ بەدىنىدە مۇشۇنداق قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن دېگەن.
(ئاللېننىڭ پىچاق يارىسىنىڭ 3D مودېلى)
ئۇلار ئاللېن بىلەن بەدەن شەكلى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر ئايال ساقچىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئاللېننىڭ ئۆلۈۋالغان چاغدىكى قىياپىتىنى دورىماقچى بولغان، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن ئۇنداق قىلالمىغان. بولۇپمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ، ئاللېننىڭ سول قولى پاكىز، ئۇ پەقەت ئوڭ قولى بىلەن ئۆزىنىڭ بەدىنىگە 20 پىچاق ئۇرىشى مۇمكىنمۇ؟
لېكىن ئالدىدا ساقچىلار ئۆيگە باشقا ئادەم كىرمىدى دېگەنغۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى قىلالمىسا كىم قىلدى؟ قاتىل ئۆيدىن قانداق چىقىپ كەتتى؟
بۇ يەنە بىر مەسىلىگە چېتىلىدۇ، يەنى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خاتالىق بار! ئالدىدا ئوسبېرننىڭ ساقچىلارنىڭ شۇ كۈنى تۇرالغۇ بىناسىدىكى بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ ئاللېننىڭ يىگىتى بىلەن بىللە بىناغا چىققانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىنى قانۇن دوختۇرى ياللىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر قانۇن دوختۇرى ئوسبېن يالغان سۆزلىمىگەن بولسا، بۇ ساقچىلارنىڭ دېلونى ئۆلۈۋېلىشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇنى قەستەن يالغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەقىقەتەن بەزى قوشنىلار ئاللېننىڭ يىگىتىنىڭ ئىشىك چەككەنلىكىنى ئاڭلىغان، لېكىن خوجىلىق دىرېكتورىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاللېننىڭ ئىشىكنى ئۆزى قۇلۇپلىغىنى ئەمەس ئىكەن، بۇ بىنانىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس ئىكەن، پەقەت ئىشىكنى كۈچەپ تاقىسىلا ھەممىگە ئاڭلىنىدىكەن. يەنە كېلىپ ئىشىكنى كۈچەپ ياپسا ئىشىك ئىچىدىن ئۆزلىكىدىن قۇلۇپلىنىپ قالىدىكەن.
ئۇ ئىلگىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇشۇنداق سولىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشنى بىلىدۇ.
(ياتاق ئىشىكى)
ئاللېننىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە دوستلىرى ئاللېننىڭ ھەرگىز ئۆلۈۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن پائال ئۆزگەرتىۋاتقانىكەن، ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىپ كېسەل بېقىشنى قارار قىلغان، ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنى ئېلىپ قېلىشنى خالىغان.
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئاللېننىڭ كومپيۇتېرىدىن ئۇنىڭ «ئاغرىتماي ئۆلۈۋېلىش ئۇسۇلى»نى ئىزدىگەنلىكىنى بايقىغان، لېكىن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىككىنچى قېتىم تەكشۈرگەندە، ئۆلۈۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئىزدەش ئۇسۇلىنى بايقىمىغان.
بۇ كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ گۇمانغا سالغان، ئاللېننىڭ «ئاغرىتماي ئۆلۈۋېلىش» ئىزدەش خاتىرىسى نەگە كەتكەندۇ؟ ئۇ راستىنلا ئاغرىتماي ئۆلۈۋالماقچى بولسىمۇ، نېمىشقا ئۆزىگە 20 نەچچە پىچاق تىقىشنى تاللايدۇ؟
(ئاللېننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى)
كېيىن تاراتقۇلار ئاللېننىڭ توققۇز نەپەر ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرسىنى زىيارەت قىلغان، لېكىن ھېچكىم ئاللېننىڭ ئۆلۈۋېلىش ھېكايىسىگە ئىشەنمىگەن، پەقەت بىرىلا ئاللېننىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ يىگىتى، شۇنداقلا بىرىنچى بولۇپ جەسەتنى بايقىغان ئادەم سام گودبېرگ.
(ئاللېننىڭ سام بىلەن چۈشكەن سۈرىتى)
سام جەسەتنى بايقىغان ئادەم، ئادەتتە، ئوغۇل دوستى ھەم تۇنجى بايقىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئەڭ گۇمانلىق ئادەم بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ھېچقانداق ئەيىبلەشكە ئۇچراپ باقمىغان. ئاللېننىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى دەسلەپتە سامنى ياخشى بالا، دەپ قارىغان، ئۇ باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، قارىماققىلا يېقىملىق بالىلارغا ئوخشايدىكەن، نۇرغۇن دوستلىرى ئۇنى خۇددى تەيدى ئېيىقىغا ئوخشايدۇ دېيىشكەن.
لېكىن كېيىن كىشىلەر سامنىڭ ئۇنچە ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقىغان. سام بىلەن ئاللېن بىر مەھەل توي قىلىشنى پاراڭلىشىش باسقۇچىغا بارغان، ئۇلار 2011-يىلى 8-ئايدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولغان، لېكىن ئاللېننىڭ دوستلىرى ئاللېننىڭ سامنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ سامدىن بەك قورقىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، يېقىنلىشىشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇ سامنى بارغانسېرى ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بىرەر ئىشقا پىلان تۈزگەندە، ئاللېن سامنىڭ ئويىدىن يوليورۇق سورىشى كېرەك بولۇپ، ئاللېن تۇرمۇشتا كۈچۈككە ئوخشاش سامدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدىكەن، ئۇ ئەمدى بۇرۇنقى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇستەقىل قىز ئەمەس ئىكەن.
ئاللېننىڭ بەدىنىدىكى قان ئۇيۇپ قېلىش سامنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ نەتىجىسىدەك قىلىدۇ. ئەينى چاغدا پىسخىكا دوختۇرى ئاللېندىن خورلاش مەسىلىسىنى سورىغان، ئاللېن ھەرقانداق ئاغزاكى ياكى جىسمانىي جەھەتتىكى توقۇنۇشنى ئىنكار قىلىپ، پەقەت سامنى «ماختاپ» كەتكەن.
ئاللېن ئۆلگەن كۈنى سامنىڭ ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن غەلىتە بولغان. ئۇنىڭ قىسقا ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاللېن ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ياتاق بىناسىنىڭ سىرتىغا سولاپ قويغان، تۆۋەندىكىسى ئەينى چاغدا سام يوللىغان قىسقا ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى:
ياخشىمۇسىز
ئىشىكنى ئېچىڭ
نېمە قىلىۋاتىسىز؟
بەك ئاچچىقىم كەلدى
ئەڭ ياخشىسى باھانىڭىز بولسۇن
نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز!
سەن تۈگەشتىڭ
يېرىم مىنۇتتىن كېيىن، سام 911غا تېلېفون قىلغان.
ئۇ ياتاق بىناسىغا كىرىپلا، قىز دوستىنىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، ھەممە يەرنىڭ قان بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ساقچىلار كەلگەندە سام ئىنتايىن ساراسىمىگە چۈشكەن، ساقچىلار ئاللېننىڭ كۆكرىكىدە يەنە يارا بارمۇ دەپ سورىغاندا سام ياق دېگەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ چاغدا ئاللېننىڭ دۈمبىسىدىن بىر پىچاق ئىزى بار، لېكىن سام ھېچنېمە دېمىگەن. يەنە ئىككى مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار سامنى ئاللېننى سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشكە بۇيرىغاندا، سام ئاندىن بۇ پىچاقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغان.
ھازىر سامدىن گۇمانلانغان تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار سامنىڭ نېمە ئۈچۈن تېلېفون ئۇرغاندا ئازراقمۇ قورقمىغانلىقىنى بىلەلمىگەن. چۈنكى ئاللېننىڭ ئەينى چاغدىكى ھالىتى قارىماققا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن سام ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئاللېننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە قاتىلنىڭ ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئويلاشمىغان.
ئەينى چاغدا دېلونى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ساقچىلارنىڭ ھېچقايسىسى سامنىڭ ھېچقانداق سوراق ۋە تەكشۈرۈشكە ئۇچرىماي، شۇنىڭ بىلەن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن سام بىر ئۆي-زېمىن سودىگىرىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بىلەن توي قىلغان.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاللېننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ئاستىدا، بارغانسېرى كۆپ مەسىلىلەر قايتا پەيدا بولغان، بۇ جاۋابسىز مەسىلىلەر خۇددى قورام تاشقا ئوخشاش بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ قەلبىنى بېسىپ تۇرغان.
ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر سوت مەھكىمىسى بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى ئاخىرى تەستىقلىدى، دېلونى تەكشۈرۈش پات ئارىدا قايتا باشلىنىدۇ، بىز ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، پەقەت شۇ كۈندىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قاتىلنىڭ تېپىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...
كىنولار