سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
گامنام مۇھىم دېلولار گۇرۇپپىسى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېرىم ئاي ئىلگىرى كېنىيەدىكى 29 ياشلىق پىراكتىكانت دورا ئۇستىسى فىرانسىس نىجۇكى ئۆلۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا نەچچە ئون پىراكتىكانت دوختۇر ۋە خىزمەتدىشى قاتناشقان.
(پراكتىكانت دوختۇر ئېنجۇكى دەپنە مۇراسىمى)
بەلگىلىمە بويىچە، بۇ يىل 8-ئايدا ئېنجۇكى پايتەخت نايروبى ئەتراپىدىكى سىكا بازىرىدىكى بىر ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلىپ، بىر يىل مەجبۇرىي پىراكتىكا قىلدۇرۇلغان، بۇ رەسمىي دوختۇر بولۇشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يول ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە پراكتىكا قىلىدىغان نەچچە يۈز دوختۇر بار ئىدى.
لېكىن ئاران تۆت ئاي پىراكتىكا قىلىش جەريانىدا ئۇ تۈگىشىپلا كەتكەن. ئېنجۇكى بۇ ئائىلىنىڭ چوڭ ئوغلى، ئۇ ئەسلىدىنلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئىزچىل داۋالىنىۋاتقانىدى.
تاغىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېنجۇكىنىڭ ۋەسىيەتنامىدە ئۆزىنىڭ پىراكتىكىغا قاتناشقاندىن بۇيان ئەزەلدىن مائاش ئېلىپ باقمىغانلىقىنى، مائاشىنىڭ نېسى قالغانلىقى ۋە ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدا خىيالى تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈپ ئۆلىۋېلىشقا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئېنجۇكىنىڭ تىراگېدىيەسى دوختۇرلارنى غەيرەتكە كەلتۈرۈپ، ئىش تاشلاپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلدۇرغان. 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېنىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 600دىن ئارتۇق دوختۇر نايروبىدىكى بىر مېھمانخانىغا يىغىلىپ، ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە 14 كۈن ياكى 21 كۈن ئىش تاشلاشنى مۇزاكىرە قىلغان شۇنداقلا تېببىي خادىملارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋالىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.
ئۇلارنىڭ بۇنداق ئاچچىقلىنىشىدىكى سەۋەب، كېنىيە كەسپىي دوختۇرى، دورىگەر ۋە چىش دوختۇرى ئىتتىپاقى (KMPDU)نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئېنجۇكى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈۋالغان ئىككىنچى پىراكتىكانت دوختۇر بولۇپ قالغان، يەنە بەش ئادەم ئۆلىۋېلىشنى تاللىغان بولسىمۇ لېكىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىغان.
بۇ يىل 9-ئايدا ئېنجۇكى بىلەن ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولغان 27 ياشلىق پىراكتىكانت دوختۇر دېرى مورا ئوبۇۋوجى ئۆزىنىڭ بالكونىدا، ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان. ئوبۇۋوجنىڭ خىزمەتدىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن 36 سائەت ئىسمېنىدا ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە ئۆي ئىجارىسى ۋە سۇ، توك پۇلىنى تۆلەشنىمۇ بىر مەسىلە قىلىپ قويغان. بۇ پراكتىكانت دوختۇرلارنى ئىنتايىن زور قىيىن ئەھۋالنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىپ تۇرمۇش كاپالىتىمۇ كەمچىل بولغان.
(پراكتىكانت دوختۇر ئوبۇۋوجى)
پىراكتىكانت دوختۇرلار كېنىيەدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىكى مۇھىم ئەمگەك كۈچى بولۇپ، بۇ ئىشتاتتىكى سەھىيە تارماقلىرىدىكى دوختۇرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %30ىنى ئىگىلەيدىكەن، شەخسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سېتىۋالالمايدىغان نۇرغۇن پۇقرالار دائىم ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ ئەمەلىي كېسەك كۆرسىتىشنى تاللايدىكەن.
ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا پراكتىكانت دوختۇرلار كۆپ قىسىم ئاساسىي خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان، يەنە قاتتىق نازارەتچىلىككىمۇ ئىگە، ئۇلار چاقىرغان ھامان كېلىدۇ، بەزىدە ئۇدا 36 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ.
لېكىن، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن ھەق تولىمۇ ئاز. ئېنجۇكى بىلەن ئوخشاش پىراكتىكانت دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار پىراكتىكا قىلغىلى تۆت ئاي بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە مائاش ئېلىپ باقمىغان. ھۆكۈمەت بۇنى «مەبلەغ قىس» دەپ چۈشەندۈرگەن. ئىش ھەققىنى نىسى قالدۇرۇش ناھايىتى يامان ئىش، ھۆكۈمەت يەنە پراكتىكا قىلىدىغان دوختۇرلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى 540 دوللارغا چۈشۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن.
بۇ يىل 4-ئايدا كېنىيە زۇڭتۇڭى ۋىليام رۇتو ئېيتقاندەك، ھۆكۈمەت ئۇنچە كۆپ پۇلنى تۆلىيەلمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز چوقۇم كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىشىمىز كېرەك، بىزدە يوق يەردىن پۇل تۆلىمەسلىكىمىز كېرەك.»
2017-يىلىلا ھۆكۈمەت KMPDU بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەت كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئەينى چاغدا KMPDU تەلەپ قىلغان پىراكتىكانت دوختۇرلارنىڭ مائاشى 1600 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مائاش تۆۋەنلىتىش پىلانىغا ئېنىقلا خىلاپ ئىكەن.
خىزمەت ئالدىراش، ۋاقىت ئۇزۇن، بېسىم ئېغىر، مائاش ئالالماسلىق، ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولالماسلىقتەك بۇ نامۇۋاپىق ھادىسىلەرنىڭ ئاقىۋىتى خىزمەت ئورنىغا ئەمدىلا كىرگەن پىراكتىكانت دوختۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن. نايروبىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان بىر دوختۇر ئۆزلىرىنىڭ مائاشىنىڭ بەك ئازلىقىدىن ئاغرىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «6-7 يىل جاپالىق ئۆگىنىش ئارقىلىق بىز بىر نەچچە ئاي ساقلىغاندىن كېيىن، ئاندىن پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمىز. كېيىن خىزمەت ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ، ھۆكۈمەت بىزگە ئازراقلا مائاش بېرىشنى قارار قىلدى، بۇ ئىشلار بىزنى بەكلا ئازابلىدى.»
ئۇ ھازىرقى ئەھۋالىدىن نارازى بولغاچقا، چېكىنىش يولىنى ئويلاشقان، مەسىلەن كېنىيەدىن ئايرىلىپ چەتئەلگە بېرىپ تەرەققىي قىلىش ياكى دوختۇر بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، كىرىمى يۇقىرى خىزمەت تېپىش دېگەندەك، لېكىن ئۇ تېخى ئويلىشىپ بولالمىغان.
يەنە بىر پراكتىكانت دوختۇر ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېگەن: «مەن تىرىشىپ ئىشلەيمەن، ھېچ بولمىغاندا بىمارلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن ھۆكۈمەت ئامالنىڭ بارىچە قىزغىنلىقىمنى بوغۇپ، قەسىمىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.»
پراكتىكا دوختۇرلىرى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا رەسمىي دوختۇرلارنىڭ ئەھۋالىمۇ بەزىدە ئانچە ياخشى ئەمەس. ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن بىر ئىش كېنىيە داۋالاش خادىملىرىنىڭ خىزمەت شارائىتىنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
35 ياشلىق تىموسى رىۋونگۇ بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇپ، نايروبىدىكى كېنياتا دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىكەن. ئالدىنقى ئاينىڭ بىر كۈنى ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت نۆۋەتچىلىك قىلغاندىن كېيىن، ئۆيىدە ھوشىدىن كېتىپ، قايتا ئويغىنالمىغان. جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رىۋونگۇ دوختۇر تۆۋەن قان شېكىرى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆلۈشتىن 48 سائەت بۇرۇن تاماق يەپ باقمىغان.
ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇر رىۋورگۇ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيان دەم ئالمىغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كۆپ قېتىم باشقۇرغۇچىغا ئۆزىنىڭ بەك چارچاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان، لېكىن بۇ «داد-پەرياد»لەر ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان.
(ۋېرىگۇ دوختۇر ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان)
دوختۇرنىڭ كەچۈرمىشى كېنىيە تېببىي خادىملىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ بىر كارتىنىسى. بۇ قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئۇلار ئامال قىلىپ ياخشىلاش قارارىغا كەلگەن ھەم بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. مەسىلەن، بۇ يىل 9-ئايدا كېنىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ پىسخىكىسىنى تاللاش ئۈچۈن، «خىزمەت سورۇنىنى كۈچەيتىش» پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇنداق بولغاندا دوختۇرلار يالغۇز قالمايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: «<زەھەرلىك خىزمەت مۇھىتى>دىن باشقا، تېببىي خادىملار يەنە ئەخلاق يارىسى ۋە پىسخىكا يارىسى مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. مەسىلەن، بەزى بىمارلار داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇلار بەلكىم ئەينى چاغدا قانداق قىلسا، ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ-يوق، دەپ ئويلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا جىنايەت، نومۇس ۋە يار-يۆلەكسىز تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، پىسخىكىسىدا كۆپ مەسىلىلەر كۆرۈلىد، ۋاقتىدا پىسخىكىلىق يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.»
كېنىيەدىكى كۆپ ساندىكى تېببىي شۆيۈەنلەردە «ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» توغرىسىدا تەربىيە يوق بولۇپ، ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن پراكتىكانتلار پىسخىكىلىق جاراھەتلەرگە تاقابىل تۇرالماي، مائاش ئالالماي، تۇرمۇشىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا ئاسانلا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدىكەن. كېنىيەدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش جىنايى قىلمىشقا تەۋە بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلەرگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئىككى يىللىق قاماق جازاسى ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ، بەزىدە ئىككىسى قوشۇپ جازالىنىدۇ.
بۇ قانۇن ئىزچىل كەڭ كۆلەمدە تەنقىدكە ئۇچرىغان، بەزى ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ پەرماننى بىكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان، چۈنكى ئۇلار «پىسخىكا مەسىلىسى نۇمۇس» دېگەن بۇ خىل ئۆلۈك تەسىرنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ياردەم تەلەپ قىلىشقا تېخىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغان.
تەشكىللەش پىسخىكىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئەلۋەتتە زۆرۈر، لېكىن تۈپ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تىببىي خادىملار 56 كۈن ئىش تاشلاپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا نەچچە ئون بىمار ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئاخىرىدا ھۆكۈمەت بىر داۋالاش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئىش تاشلاش توختاپ قالغان بولسىمۇ ئەمما «پىراكتىكانت دوختۇرلارنىڭ ئىش ھەققى»دىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق مەسىلە يەنىلا ھەل بولماي، بىر نەچچە قېتىملىق سۆھبەت مەغلۇپ بولغان، مەسىلە مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشقان ئەكسىچە، ئېنجۇكى قاتارلىق كىشىلەردە تېخىمۇ كۆپ تىراگېدىيە پەيدا قىلغان.
لېكىن ئېنجۇكىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسى پىراكتىكانت دوختۇرلارنىڭ تەمىنات مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە قىلغان، شۇنداقلا تېببىي خادىملار ئىتتىپاقلىشىپ، يەنە بىر قېتىم قارشىلىق كۆرسەتكەن.
KMPDUنىڭ باش كاتىپى ئېنجۇكىنىڭ بۇ شۇم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 9-ئايدا ئۆلۈۋالغان پىراكتىكانت دوختۇر ئوبۋوجىنى ئېسىگە ئېلىپ، غەزەپلەنگەن ھالدا مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ئەتىگەن بىز ئويغانغاندا بىر قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلىدۇق، بىز يەنە بىر پىراكتىكانت دوختۇردىن ئايرىلىپ قالدۇق، ئۇ ئۆلۈۋاپتۇ. ھازىر ئىككى ئايدا ئىككى پراكتىكانت دوختۇر ئۆلۈۋالدى، يەنە بەشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىدى، ئۇلار داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاللىدى. يەنە قانچىلىك پىراكتىكانت دوختۇر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ھۆكۈمەت بىزنىڭ پىكرىمىزنى ئاڭلايدۇ ھەمدە 2017-يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمىمىزگە ئەمەل قىلىدۇ؟»
ياش دوختۇرلار ئالاقە تورىدا «PayMedicar Interns» («پىراكتىكانت دوختۇرنىڭ مائاشىنى بېرىش»)نى تېما قىلىپ مەخسۇس ئالاقە تورى يوللايدىغان بولغان.
بىر دوختۇر يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ دوختۇرلار ۋە سېستىرالىرىمىز بۇ يىمىرىلگەن تۈزۈلمىنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ساداسىنى ھوقۇقدارلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى بېسىپ كەتتى.»
ئالدىنقى ھەپتىمۇ ئۇلار سەھىيە مىنىستىرلىكى ئىشخانىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئېتىراز بىلدۈرۈپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئىش تاشلاپ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى كۈچىيىپ، ئامما پىكرى بېسىمى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەچكە، كېنىيە ھۆكۈمىتى بەرداشلىق بېرەلمەي، يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان.
ئالدىنقى ئايدا ئۇلار 7 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، ئەزەلدىن مائاش ئالمىغان 1200 پىراكتىكانت دوختۇرغا، بۇ يىل 8-ئايدىن بۇيانقى ئىش ھەققىنى بېرىپ، تېببىي خادىملارنىڭ غەزىپىنى بېسىقتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ چارە بىر مەزگىلگىچە داۋاملىشالايدۇ، بىر ئۆمۈر ئەمەس. پراكتىكانت دوختۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالى يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىن...