خەتەرلىك ھاۋا يولى
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بوللىۋودتىكى داڭلىق رېژىسسور سۇباش گاي (Subhash Ghai)دا نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش ۋە بېشى قىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، 79 ياشلىق بۇ رېژىسسور، قوشۇمچە فىلىم ئىشلىگۈچىدە نەپەسلىنىش مەسىلىسى، بەدىنى ئاجىزلىشىش ۋە باش قېيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە جىددىي ئاپىرىلغان.
بىر ئاساسلىق ئاخبارات كۆزنەك تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇباش گاي بىر گۇرۇپپا دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نېرۋىشۇناس دوختۇر، يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن. دوكلاتتا يەنە ئۇ دوختۇرخانىدا ياتقاندىن بۇيان كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئىزچىل ياخشىلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇ بىر، ئىككى كۈن ئىچىدە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىن ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكىلىدىكەن.
سۇباش گاي ھىندىستان كىنولىرىغا ئېنىقلىما بەرگەن بىر قانچە ئالقىشلىق كىنولارغا رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، بۇلار «رىتىم» (节奏)، «رام بىلەن لاكان» (拉姆和拉坎) قاتارلىق كىنولارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كىنولار