سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
تۈندىكى يورۇقلۇق
يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
تاراتقۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 11-چېسلادىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئېلون ماسك (Elon Musk)نىڭ شەخسىي ساپ مۈلكى 447 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تارىختىكى تۇنجى ساپ مۈلكى 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن ئادەم بولۇپ قالغان. 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، ماسكنىڭ بايلىقى ئىزچىل شىددەت بىلەن ئاشقان، ئۇنىڭ بايلىقى ئىككىنچى ئورۇندىكى جېف بېزوس ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىل گەيتىسنىڭ بايلىقىدىن جەمئىي 140 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپ ئىكەن.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماسكنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان ئەڭ يېڭى ئىش ئۇنىڭ نامىدىكى ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى (SpaceX)نىڭ ئىچكى پاي چېكى سېتىش سودىسى ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پوچتا يوللانمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، SpaceX ۋە ئۇنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر بىر پاينى 185 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان، بۇ جەمئىي 1250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پاي چېكى ئىكەن. بۇ سودا SpaceXنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى 350 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن. دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالغان: پاي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ئاساسلىقى ئامېرىكا سايلىمىدىن كېيىنكى بازار ئاكتىپلىقى ۋە SpaceXنىڭ يېقىندا راكېتا قويۇپ بېرىش ساھەسىدىكى نۇرغۇن تەرەققىياتلىرىدىن بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 11-چېسلا بازار يېپىلغانغا قەدەر، ئامېرىكا توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى تېسلانىڭ پاي باھاسىمۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان، بازار يېپىلىش باھاسى 424.77 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماسك تېسلانىڭ ئەڭ چوڭ شەخسىي پايچىكى بولۇپ، تېسلا پاي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ شەخسىي مۈلكىمۇ زور دەرىجىدە ئاشقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چوڭ سايلامدىن بۇيان، بۇ توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسىنىڭ پاي باھاسى تەخمىنەن %70 ئۆسكەن، چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىلار ماسكنىڭ تىرامپ ھۆكۈمىتىدىكى تەسىر كۈچى بىر ئازادە دەۋرنى ئاچىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ تېسلا شىركىتىگە نىسبەتەن بىر روشەن پايدا، دەپ قارايدۇ.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ماسكنىڭ شەخسىي بايلىقى 11-چېسلا بىر كۈندىلا 62 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئېشىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئېشىش نىسبىتىنى يارىتىپ، 447 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ھەمدە دۇنيادىكى 500 چوڭ باينىڭ ئومۇمىي بايلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم 10 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن (بۇ سان گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلتۇرقى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىغىندىسىغا باراۋەر).
تېسلا ۋە SpaceXنىڭ پاي چېكىنىڭ ئۆسۈشىدىن باشقا، ماسكنىڭ نامىدىكى باشقا شىركەتلەرمۇ ئۇنىڭ شەخسىي بايلىقىنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم ياردەم بەرگەن. «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، ماسك رەھبەرلىكىدىكى سۈنئىي ئىدراك ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى xAI ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى توپلاپ، بۇ شىركەتنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى 50 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن، بۇ سان بۇ شىركەتنىڭ نەچچە ئاي بۇرۇنقى مۆلچەر قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپرەك. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە مىلياردېرلار تىزىملىكىدىكى ئالدىنقى بىر نەچچە باي ئادەتتە ئالمىشىپ پەيدا بولسىمۇ، لېكىن ماسك ئۆزىنىڭ كەسىپداشلىرىدىن ئېشىپ كېتىۋېتىپتۇ.