سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
پۇشپا 2
شۇ جاي ۋاقتى 8-دېكابىر 30 ياشلىق ئايال ئاببى خۇمپرىس مېڭە ئۆسمىسى بىلەن قازا قىلغان. بۇ ئىش دەرھال خەۋەرنىڭ باش بېتىگە چىقىپ، سانسىزلىغان ئامما ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرگەن. بۇنداق كۆپ دىققەت-ئېتىبارغا ئېرىشەلىشى، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنىڭ قانچىلىك ئالاھىدە بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلگىرى پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان تۇتقۇن قىلىش دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىدىن بولغان.
(ئاببى خۇمپرىس)
ئاببى 1994-يىلى ئەنگلىيەنىڭ نوتتىڭھام شەھىرىدىكى ئايال پادىشاھ داۋالاش مەركىزىدە تۇغۇلغان، ئويلىمىغان يەردىن ئەمدىلا ئۈچ سائەتتىن ئاشقاندا ئەينى چاغدا سېسترا قىياپىتىگە كىرىۋالغان بىر ئايال «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئېلىپ ئاڭلاش سىنىقى قىلىش»نى باھانە قىلىپ، ئۇنى دادىسىنىڭ يېنىدىن ئوغرىلاپ كەتكەن.
ئابىبىنىڭ ئانىسى تۇغۇت دوختۇرى بولۇپ، كارىدوردا تېلېفون قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال مەسىلە چىققانلىقىنى ھېس قىلغان، لېكىن بۇ چاغدا قىزى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ھەتتا بالىسىنىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىكەن. ئەر-ئايال ئىككىيلەن دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ساقچىلار كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى سىن كۆرۈنۈشىنى قايتا كۆرگەندىن كېيىن بالىنى ئوغرىلاپ كەتكەن ئايالنىڭ سېسترالار فورمىسى كىيىپ تۇغۇت كېسەلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، ئاببىنى ئوغرىلاپ كەتكەندىن كېيىن سېسترا كىيىمىنى ھاجەتخانىغا تاشلاپ قويغان لېكىن كامېراغا ئۇنىڭ يۈزى چۈشمىگەن.
ساقچىلار دەرھال تەكشۈرۈشنى باشلىغان، بۇ دېلو ھازىرغىچە «ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئوچۇق-ئاشكارا تۇتقۇن قىلىش دېلولىرىنىڭ بىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بەس-بەستە خەۋەر قىلىشىچە، ئاببىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى باش بەتنىڭ باش بېتىنى ئىگىلىگەن، دېلو پاش قىلىش تۈرىدىكى پروگراممىلارمۇ يىپ ئۇچى توپلاشقا ياردەم بەرگەن، كەڭ كۆلەملىك ئىزدەش ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئانىسى كارېن خۇمفىرىس كامېرا ئالدىدا قورققىنىدىن پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتكەن ھالدا مۇنداق دېگەن: «مەيلى كىم بالىمىزنى ئېلىپ كەتكەن بولسۇن، ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار!» دېگەن. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئىچى ئاغرىغان.
(شۇ يىللىق ئاخبارات خەۋىرى)
بەختكە يارىشا، 16 كۈن جاپالىق كۈتۈش ئارقىلىق ساقچىلار ئاخىرى ۋاللېتون (Wollaton)نىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئۆيدىن ئاببىنى تاپقان. ئۇنى تۇتقۇن قىلغان ئايالنىڭ ئىسمى جۇلى كېللى (Julie Kelley) بولۇپ، 22 ياش، ئىلگىرى چىش كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئىكەن. دېلونىڭ پاش بولۇشىدا كېللىنىڭ قوشنىلىرى كۆپ كۈچ چىقارغان. ئەسلىدە كېللى يىگىتىنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن يالغاندىن ھامىلىدار بولغانلىقىنى ئېيتقان، دەسلەپتە ئۇ ئۆزىنىڭ قورسىقىنى سىكاننېرلاپ تەكشۈرتكەنلىكىنى، ھامىلىدار بولغىنىنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، لېكىن ئۇ يەنە ئاببىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، گېپىنى ئۆزگەرتىپ قىز بالا تۇغدۇم دېگەن.
قوشنىلاردا گۇمان پەيدا بولۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان، كىم بىلسۇن، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان تۇتقۇن قىلىش دېلوسى پاش قىلىنغان. كىچىك ئاببى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ھېچقانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغان، پەقەت ئازراق ئورۇقلاپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېللى ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ شەرتى ئۇ چوقۇم روھىي كېسەل دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كىشىلىك قەدىر-قىممەت توسالغۇسى كېسىلىنى داۋالىتىشى كېرەك ئىكەن.
(16 كۈندىن كېيىن ئاببى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى)
بۇ دېلونىڭ تەسىر كۈچى بەك چوڭ بولغاچقا، ئەر-ئايال ئىككىسى ئاببىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى زېلاندىيەگە كۆچۈپ كېلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە دىققەت-ئېتىباردىن يىراقلاشقان. ئابىبىنىڭ ھاياتى ئاخىرى ئەسلىگە كەلگەن، ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا دائىم ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس قىلغان، بولۇپمۇ دادىسى ئۇنى ھەددىدىن زىيادە قوغدايدۇ. ئۇ دادىسىنىڭ نېمىشقا بۇنچە قوغدايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى يوشۇرمىغان، ئۇ 10 ياشقا كىرگەندە ئاندىن دېلونىڭ ئېغىرلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلغان.
ئاببى ئۆزى ئۈچۈن مىسلىسىز مول كىشىلىك تۇرمۇش تەسىراتى ياراتقان، ئىلگىرى يېڭى دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، چېمپىيون بولغان، يەنە ئەركىن ئۈزۈش ۋە ئوڭدىسىغا ئۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پىسخولوگىيە ۋە جىنايەتشۇناسلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئايروخانقىز بولغان، كېيىن يەنە IT ساھەسىگە كىرگەن. ئاندىن 2017-يىلى ئۇ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاشىقى ساندال كاررېن (Sundgren Karren) بىلەن توي قىلغان.
كىشىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا كىرىزىسقا ئۇچرىغان بۇ قىزنىڭ ئاخىرى ھايات-ماماتىنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن ھېس قىلىشقان، لېكىن 2020-يىلىغا كەلگەندە بارلىق ئىشلار جىددىي ئۆزگىرىپ، كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان تىراگېدىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن.
ئانىسى كارېن 59 يېشىدا سۈت بېزى راكى بىلەن قازا قىلغان. ئابىبىنىڭ ئاپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، ئاپىسىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى كېسىلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۇنىڭ كۆڭلى تىلىنغاندەك بولۇپ كەتكەن، لېكىن ئۇ تېخى قايغۇلۇق كەيپىياتتىن قۇتۇلۇپ چىقماي تۇرۇپلا بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئۆزىگە مېڭە ئۆسمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، دوختۇرلار ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ پەقەت بىر يىللا قالغانلىقىنى، تەلىيىنىڭ بولسا ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان.
ئاببى جاپالىق داۋالاش يولىغا مېڭىپ، قايتا-قايتا رادىياتسىيەلىك داۋالاشنى باشلىغان، يەنە ئىككى قېتىم ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، بېشىدىن قۇلىقىغىچە تارتۇق قالغان. قىممەت داۋالاش ھەققى ئۇ ۋە ئېرىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى قۇرۇقداپ، ئۇنىڭ ئانا بولۇش پۇرسىتىنى ئېلىپ كەتكەن، راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇ يولدىشى بىلەن ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىنىپ، ھايات بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى، دەپ قارىغان. لېكىن ئاببىنىڭ ئاغرىنىشنى رەت قىلىشى بەلكىم تۇتقۇن قىلغۇچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالغان كەچۈرمىشى ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەممىگە باشتىن-ئاخىر تىنچ، ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە ئاتا قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق ئىشقا ئاچچىقلىنىش ياكى ئەيىبلەشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بىز پەقەت بەك تەلەيلىك ئەمەس، خالاس. مەن ئادەتتە ئىشنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى تاللايمەن، بۇ ھەممە ئادەمنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرىدۇ.»
ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ ئاپىسىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا بۇ ئەھۋالنى بىلمىگەنلىكىدىن خۇشال بولغان. ئىككى قېتىملىق ئوپېراتسىيە تىلغا ئېلىنسا ئۇ ئۆزىنى تەلەيلىك ھېس قىلىدۇ، چۈنكى ئۆسمە ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ تىل ئىقتىدارى رايونىدا ئۆسكەن، بەزى بىمارلار ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تىل ئىقتىدارى ياكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ، لېكىن ئۇ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويمىغان.»
بۇ خىل ئاكتىپ پوزىتسىيە ئاستىدا، ئاببى خۇددى بىر يىللىق پەرەزنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، 4-يىلىغىچە ياشىغان. ئەمما ئۆلۈم ھامان يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆلۈم ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاتتىق زەربە بەرگەن، ئۇ سىڭلىسىنىڭ فومېنى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ گېنىغا ئىرسىيەت قالغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق ئازابلانغان، ئۇنى بىر قەدەر كۈچلۈك زەربىگە ئۇچراتقان، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل گېننىڭ قىينىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئانىسى، ھاممىسى، مومىسى ۋە نەۋرە ئاكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدا قانداق كەيپىيات ئېلىپ كەلدىكىن، ئاببى مۇشۇ ئايدا قازا قىلغان، ئۇ ئەمدىلا 30 ياشتا ئىدى. ئىككىنچى كۈنى ئېرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يازما ئېلان قىلىپ، ئايالىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «تۈنۈگۈن بىزنىڭ گۈزەل ئاببى تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھەمراھلىقىدا جىمجىت كېتىپ قالدى. ئۇ شۇنچە كۈچلۈك كۈچ ۋە نازاكەت بىلەن تۆت يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىپ، ھازىر ئاخىرى خاتىرجەم بولدى.»
تورداشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەپسۇسلانغان، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:
«ئاببىنىڭ ھېكايىسى ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ زىيارىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئۇنىڭ شۇنچە ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بەك ئەپسۇسلاندىم. ھايات ھەقىقەتەن بەك رەھىمسىز. ئۇنىڭ خاتىرجەم يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئەگرى-توقاي كىشىلىك ھاياتىمىز ھامىنى ئاخىرلىشىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئاببىنىڭ خاتىرجەم يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...