ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نرۇ تورى تەرجىمىسى:
بۇ يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كىشى جەنۇبىي لوس ئانژېلېستىكى يول بويىدا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر ياشانغان كىشىنى بايقىغان ھەمدە دەرھال لىنۋۇد شەھىرىدىكى سان فىرانسىس داۋالاش مەركىزىگە ئېلىپ بارغان. ياشانغان كىشى داۋالاش مەركىزىدە بىر نەچچە ھەپتە تۇرغان، لېكىن ئۇ گەپ قىلالمىغاچقا، تېببىي خادىملار ۋە ساقچىلار ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ياكى باشقا سالاھىيەت ئۇچۇرىنى بىلەلمىگەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلاشمىغان، مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئامالسىزلىقتىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان.
شۇ ئايدا، «بۈگۈنكى ئامېرىكا (USA Today)» ژۇرنىلىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، بۇ ياشانغان كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىش جەريانى، كونكرېت ئادرېسىنى قىسقىچە بايان قىلىنغان، ھەمدە ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلالمايدىغانلىقى ئەسكەرتكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان سۈرىتىنى يوللاپ، ئاممىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلغان. سۈرەتتە بوۋاينىڭ چاچلىرى ئاقارغان، بىر جۈپ كۆك كۆزى بار، چىراي ئىپادىسى ھاڭۋىقىپ تۇرغان ھالەتتە بولۇپ، قارىماققا 60 ياشلار ئەتراپىدىكىدەك كۆرۈنەتتى.
ئەمما بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىنمۇ، بوۋاي يەنىلا ئائىلە ئەزالىرىنى تاپالمىغان، 7-ئايدا بۇ بوۋاي لوس ئانژېلېستىكى يەنە بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. ئەسلىدە تۇغقان ئىزدەشتىن ئۈمىد يوق دەپ ئويلىغان، كىم بىلسۇن، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى مارسېللا ناسېرىي ئىسىملىك كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ راسسېن ناھىيەسىدىكى بىر ئايال تۇيۇقسىز ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ 25 يىل ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن ئۆز ئىنىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مارسېللانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۆز ئىنىسىنىڭ ئىسمى توماس مانىزاك بولۇپ، 1999-يىلى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ دويىل شەھىرىدە يوقاپ كەتكەن، ئەينى چاغدا ئۇ 28 ياشتا ئىكەن. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىنىسىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ ئورېگون ئىشتاتىنىڭ نېۋپورت شەھىرىگە كېتىۋاتقان بولۇپ، كېيىن ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان، ھەتتا ماشىنىسىمۇ يوقاپ كەتكەن، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئۆتكەن 25 يىلدا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۇنىڭ خەۋىرىنى كۈتكەن، تاكى مارسېللا «بۈگۈنكى ئامېرىكا» ناملىق ماقالىنى كۆرگەنگە قەدەر، ئۇمۇ كېسەل كارىۋېتىدىكى بوۋاينىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىغا قاراپ بىرخىل تونۇش ھېس قىلىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ يىتۈپ كەتكەن ئىنىسى توماس دەپ قارىغان.
(مارسېللا ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى)
مارسېللا ناھايىتى تېزلا شۇ جايدىكى ساقچىلار بىلەن ئالاقىلاشقان، كېيىن راسېن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ساقچى باشلىقى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ لوس ئانژېلېس ساقچى ئىدارىسىنىڭ يوقاپ كەتكەن نوپۇسنى رازۋېدكا قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى بىر كىشى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ئېيتقان. رازۋېدچىك ئۇنىڭغا دوختۇرخانىغا بېرىپ بوۋاينىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىپ تەكشۈرۈشنى ئېيتقان، ئاخىرىدا بۇ ئەرنىڭ 1999-يىلى يوقاپ كەتكەن توماس ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن، ئۇ بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن ئىكەن.
بىراق ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى يەنىلا بىر سىر بولۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەينى يىلى ئۇ «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يوقاپ كەتكەن» بولۇپ، تۇتقۇن قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تىرىك جەم بولۇش يەنىلا بىر ياخشى ئىش. مارسېللا خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي، بۇ خۇش خەۋەرنى بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇشقا ئالدىرىغان.
بۇ ئىش توردىمۇ قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، پەقەت بىر پارچە سۈرەتكە تايىنىپلا 25 يىل ئايرىلغان ئۇرۇق-تۇغقىنىنى تونۇۋالغان، بۇ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە. ساقچىلار بۇ دېلو ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇنى «يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچمەسلىكنىڭ مۇكەممەل مىسالى» دەپ ماختىغان. كېيىن مارسېللا بىر تۈرلۈك ئىئانە توپلاشنى باشلىغان، ئۇ 500 ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە توپلاپ، ئىنىسىنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ يېقىن دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشىگە ياردەم بېرىشنى، ئېشىپ قالغان پۇلغا يەنە ئۇنىڭغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىشنى، رەسىم سىزىشتا ئىشلىتىدىغان قەلەم-قەغەز، يەنە بىر ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگۈسى بارلىقىنى ئېيتقان، نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى كۈندىلا 7000 دوللارغا يېقىن پۇل يىغىلغان.
بۇ يەرگە كەلگەندە، بارلىق تەرەققىيات كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە بۇ يوقاپ كېتىش دېلوسىدا قورقۇنچلۇق بۇرۇلۇش بولغان.
(توماسنىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتى)
ساقچىلار بۇ ياشانغان كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى بىلگەندىن كېيىن، سىستېمىدا تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلگەن جىنسىي جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى، 1993-يىلى 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا پەسكەشلىك قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى تاسادىپىي بايقىغان. ئۇ تۈرمىدە ئۈچ يىل ياتقان بولۇپ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن راسسېن ناھىيەسىدە جىنسىي جىنايەتچى دەپ تىزىملانغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا شەھەرلەرگە بارغان، لېكىن كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، يېڭى شەھەردە جىنسىي جىنايەتچى دەپ تىزىمغا ئالدۇرمىغان، كېيىن ئۇ يەنە ئورېگون ئىشتاتىغا بارغان، يەنى ئەينى يىلى يوقاپ كەتكەن دېيىلگەندە بۇ ئىشتاتقا بارغانىدى.
ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، توماس دالىدا قونۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، «خۇددى ئەركىن روھقا ئوخشاش ھەممە يەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈيدىكەن»، لېكىن ئادەتتە ھەر ھەپتىدە ئاپىسىغا ئىككى قېتىم تېلېفون ئۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشقان ۋاقتى 1999-يىلى 8-ئاي بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇ ئىداخو ئىشتاتىنىڭ قوش شارقىراتما شەھىرىدىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلى توختىتىش پونكىتىدا ئاپىسىغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ئورېگون ئىشتاتىنىڭ نېۋپورت شەھىرىگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
تېلېفون ئۈزۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ قاتمۇقات سىرلار بىلەن يوقاپ كەتكەن، تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەينى يىلى نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان، بۇ بەلكىم جىنايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە قانداقسىگە لوس ئانژېلېس يول بويىدا پەيدا بولىدۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، توماس دىيابېت كېسىلى سەۋەبىدىن مېيىپ دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئىنسۇلىن ئۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىدىكەن. ئەمما، يوقاپ كەتكەن 25 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئەزەلدىن داۋالاش كارتىسى ئارقىلىق ئىنسۇلىنغا ئېرىشىپ باقمىغان، مېيىپلىك ياردىمىنىمۇ ئېلىپ باقمىغان، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئوخشاشلا چۈشىنىكسىز...
(توماسنىڭ بالىلىقتىكى قىياپىتى)
توماسنىڭ ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولۇپ، ئۇنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ «كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. مارسېللامۇ بىئارام بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىنىسى تەرەپتە تۇرۇشنى قارار قىلىپ: «تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئۆز ئىنىم. مەن قانداش تۇغقىنىمدىن يۈز ئۆرىمەيمەن. مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ئىزدىگىلى 25 يىل بولدى. باشقىلارنىڭ ھەممىسى سىرتقى دۇنيانىڭ شاۋقۇنى، ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.
بۇ خىل پوزىتسىيە ئىلگىرى ئۇنى قوللىغان، ئۇنىڭغا پۇل ئىئانە قىلغان كىشىلەرنى قاتتىق بىئارام قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا تورداشلار مۇنداق دېگەن:
«مەنمۇ ئىنىمنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ئۇ بىر جىنسىي جىنايەتچى بولسا، بولۇپمۇ بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالسا، ئۇنىڭ بىلەن ئادا-جۇدا بولىمەن!»
ھەتتا بەزىلەر توماسنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بۇرۇنلا بىلگەنلىكىنى، ھازىرقى ھەيرانلىقنىڭ ھەممىسى يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:
«ھېچبولمىغاندا ئۇ ھازىر ھېچكىمگە زىيانكەشلىك قىلمىدى. ئاچىسىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جىنايى ئىشلارنىڭ سەۋەبسىزلا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئۇنىڭ جىنايىتىدىن ئادەتتىن تاشقىرى تىنچلانغاندەك، ھەتتا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.»
ئەجىبا تورداشلار پەرەز قىلغاندەك بىر ئائىلە كىشىلىرى يالغان سۆزلەۋاتامدۇ؟ ئۇنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە يەنە باشقا سىر بارمۇ؟ نۆۋەتتە بۇ ئۇچۇرلار يەنىلا بەك ئاز، قانداقلا بولمىسۇن ئىشلارنىڭ يەنە تەرەققىي قىلىشىنى ساقچىلارنىڭ كېيىنكى قەدەمدە تەكشۈرۈشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ...
كىنولار