ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
2021-يىلى كورېيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم تەرەققىي تاپقان دۆلەت دەپ بېكىتكەن. بۇلتۇر كورېيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى ئاساسىي جەھەتتىن ياپونىيە بىلەن تەڭلەشكەن.
لېكىن كورېيەنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زادى قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى توغرىسىدا ئىزچىل تالاش-تارتىش بولۇپ كەلگەن، چۈنكى ئۇنىڭ بىر قانچە ئاجىزلىقى بار بولۇپ، كىشىگە باشتىن-ئاخىر «بىر نېمىسى كەمدەك» تۇيغۇ بېرەتتى.
بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق تۇرمۇش تەننەرخى بولۇپ، نەرسىلەر بەك قىممەت، بۇنىڭ ئىچىدە تاماق مەسىلىسى ئەڭ كەسكىن.
كورېيە مال سېتىۋېلىش تور بېكىتىدە، 10 كىلوگىرام گۈرۈچنىڭ ھەر كىلوگرامى 30 مىڭ ۋوندىن 50 مىڭ ۋونغىچە (تەخمىنەن 150 يۈەندىن 250 يۈەنگىچە) بولۇپ، كورېيەنىڭ يەرلىك بۇغداي ئۇنىنىڭ ھەر كىلوگرامى 7000 ۋون (تەخمىنەن 36.45 يۈەن)دىن ئاشىدۇ.
(كورېيە ھەربىيلىرىنىڭ تامىقى)
ئالدى بىلەن كورېيەنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى:
كورېيەنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 52 مىليون. كورېيەنىڭ يەر شەكلى ئوڭغۇل-دوڭغۇل، تاغ ئېدىرلىقلىرى كۆپ.
كورېيەدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ كۆلىمى ئاران 18 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاران 0.03 گېكتار كېلىدۇ.
ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى جەھەتتە، دادۇر ئاران %7.5 بولۇپ، بۇغداي بىلەن كۆممىقوناق ئۇزاق مۇددەت %1كىمۇ يەتمەيتتى. ئومۇمىي ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى تەخمىنەن %20 بولۇپ، پەقەت گۈرۈچلا ئېھتىياجنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ.
▼
ئاساسلىق ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى تۆۋەن، بولۇپمۇ يەم-خەشەك ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان كۆممىقوناق، دادۇرنى ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كورېيەنىڭ ئۆزىنىڭ باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى تەسكە توختايدۇ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا گۆشلەرنىمۇ ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ كورېيەلىكلەرنىڭ تاماق يېيىشىنىڭ قىممەت بولۇشىدىكى سەۋەبىمۇ؟ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە!
كورېيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى تەرەققىي قىلغان، شۇڭا كورېيەدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئەرزان، چەتئەلنىڭ ئاپتوموبىللىرى قىممەت. نۇرغۇن كورېيەلىكلەرنىڭ نىشانى بولسا بىر چەتئەل ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، سىرتلاردا يۈز-ئابرۇيغا ئىگە بولۇش. لېكىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە، بۇ دەل ئەكسىچە. ئىمپورت قىلىنغىنى ئەرزان، يەرلىكى قىممەت.
كورېيەدىكى مال سېتىۋېلىش تور بېكەتلىرىدە، كورېيەنىڭ يەرلىك ئۇنىنىڭ باھاسى ئادەتتە ئىمپورت قىلىنغان ئۇننىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەنىلا كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كېيىنكى نەتىجە. بۇ ئىككى يىلدا كورېيە بۇغداي تېرىيدىغان دېھقانلارغا ھەر گېكتارغا 500 مىڭ ۋون تولۇقلىما بەرگەن، بۇغدايلارنى ھۆكۈمەت سېتىۋالغان. يىغىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تۆۋەن باھادا ساتقان.
بۇ خىل بىر تۇتاش سېتىۋېلىش-بىر تۇتاش سېتىش+ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلى تەننەرخنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزگەن، لېكىن يەنىلا كورېيەنىڭ بۇغداي بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان.
بىر نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، كورېيەنىڭ بۇغداي بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى ئاخىرى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %2كە يەتكەن، لېكىن تولۇقلىما سالمىقى چۈشۈپلا %1كىمۇ يەتمىگەن.
كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى كورېيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق ئىستېمال مىقدارى 64.6 كىلوگىرام، گۈرۈچ مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليون 700 مىڭ توننا بولۇپ، بۇنداق يۈزەكى ھېسابلىساق، يېتەرلىك بولغاندەك قىلىدۇ.
لېكىن كورېيەنىڭ گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۆزىنى ئۆزى قامداش دېگەنلىك، كورېيەلىكلەرنىڭ جاپا-مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈشى ئاساسىغا قۇرۇلغان. كورېيەدە ھازىر گۈرۈچنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامى 2500 ۋون (تەخمىنەن 13 يۈەن)غا يېقىنلاشقان. بۇ باھا خەلقئارا بازاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا گۈرۈچىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ. بۇ باھا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى باھا، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تايلاند گۈرۈچىدىن 6-7 ھەسسە يۇقىرى بولغان ئىدى.
بۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللەنگەن. كورېيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تۆۋەن، ئاشلىق ئەرزان بولسا دېھقانلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، يۇقىرى باھادا ساتمىسا ھېچكىم يەر تېرىمايدۇ. ئەمما باھاسى يۇقىرى سېتىلسىمۇ رىقابەت كۈچى بولمىغاچقا، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ھەل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، يەنى سودا ئارقىلىق قوغداش.
كورېيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىدا ئىجازەت تۈزۈمى ۋە يۇقىرى تاموژنا بېجى تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى %100تىن ئېشىپ كەتكەن.
كورېيە يەنە دۆلەت ئىچىدە «يەرلىك» بولۇشنى تەشۋىق قىلغان، يەنى بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان كورېيەلىكلەر شۇ جايدىكى گۈرۈچ، يەرلىك كالىلارنى يەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يانفونىنى ئىشلىتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدىشى كېرەك.
كورېيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش سەۋەبىنى يەنە يىلتىزىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتە، بىرىنچى تەبىئىي تەمىنلەش يېتەرلىك ئەمەس؛ ئىككىنچى، خەلقئارا بازاردىكى ئاشلىق دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى ۋەيران قىلغان؛ ئۈچىنچى، يېزىلار ۋەيران بولغان.
چۈنكى كورېيە دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقمىغان.
ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامېرىكا ياردەم قىلغان ئاشلىق كورېيەگە زور مىقداردا بېسىپ كىرگەن. گەرچە ئاشلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ۋاقتىنچە ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشلىق باھاسى باستۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى يوقىتىلغان، شۇنداقلا كورېيەدە پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاشلىققا تايىنىشتەك ئىنېرتسىيەلىك تەپەككۇر شەكىللەنگەن.
(1954-يىلىدىكى كورېيەنى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلىگەن تەشۋىقات ئېلانى)
ھەتتا ئىقتىساد زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان 70-يىللارغا كەلگەندىمۇ، ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى ئاران %70كە يەتكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كورېيە قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەزەلدىن مۇقىم ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ باقمىغان.
كورېيەنىڭ تۈزلەڭلىكى ئاز، تاغلىقى كۆپ، پۈتۈن تۈزلەڭلىكنىڭ %18.5ىدىكى كۆپ قىسىم جايلىرى بىكار تۇرمىغان بولسىمۇ، بىراق باقالايدىغان نوپۇس ئىنتايىن چەكلىك. 30 مىليون ئادەم يۇقىرى چەك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھازىرقى 52 مىليون ئادەم ھەقىقەتەن زور بېسىم ھېسابلىنىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ، ھازىر %20 ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى ۋە شۇنچە يۇقىرى باھا يەنىلا بەك ئابستراكت ئىش.
كورېيەدە ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئەسلىدە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل ئىدى، لېكىن كورېيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى مەشغۇلات ئارقىلىق، ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى بىۋاسىتە ICUغا ئېلىپ كەلگەن.
80-يىللاردىن 90-يىللارغىچە، كورېيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش، شۇنداقلا كۈنسېرى زورىيىۋاتقان دۆلەت ئىچى ئىستېمال بازىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق بازىرىنى ئېچىۋەتكەن.
بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، دادۇر ۋە گۆش قاتارلىقلار، كورېيەدە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلمەيدىغان بۇ نەرسىلەر ئالدى بىلەن قويۇۋېتىلىپ، ئاۋسترالىيە، شىمالىي ئامېرىكا، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنانىڭ مەھسۇلاتلىرى كىرگۈزۈلگەن. نەتىجىدە، زور مىقداردىكى چەتئەل ئەرزان باھالىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىشى كورېيەنىڭ بۇ بىر قانچە تۈرلۈك دۆلەت ئىچى تەمىنلەش زەنجىرىنى ۋەيران قىلغان. ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ كەسىپ زەنجىرى پۈتۈنلەي گۇمران بولغان، قالغان كارخانىلار چەتئەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاكالەتچى سودىگىرى بولۇپ قالغان.
بۇ قېتىم كورېيە دېھقانلىرى تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدىغاندەك ھېس قىلغان. ئۇلار ئۈزۈكسىز تۈردە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە قارشى تۇرغان، جۈملىدىن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان مېكسىكىنىڭ كانكۇن شەھىرىدە قارشىلىق بىلدۈرۈش، كورېيە دېھقانلىرىنىڭ دۇنيا سودىسىغا قارشى تۇرۇش مالىمانچىلىقى قاتارلىقلار يۈز بەرگەن.
لېكىن بۇ قارشىلىق بىلدۈرۈشلەر ئاخىرىدا بازار ئىگىلىكىگە تاقابىل تۇرالماي قالغان، كورېيەنىڭ يەرلىك يېزا ئىگىلىكى چەتئەلنىڭ كۈچلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا تەدرىجىي بازار ئۆتۈنۈپ بەرگەن.
كورېيە يېزا ئىگىلىكىنىڭ چېكىنىشى يەنە بىر ئىشنىڭ مۇساپىسىنى تېزلەتكەن، ئۇ بولسىمۇ كورېيە يېزىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى.
كونا دەۋردىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئەڭ تىپىك شەرقىي ئاسىيا ئەندىزىلىك يېزا ئىگىلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش، كىچىك ئائىلە، ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش، زور مىقداردىكى يېرى بار كىچىك ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان پىشقان يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىدىن ئىبارەت.
كورېيەگە ئوخشىمايدىغىنى، يېرى كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شەكلى ئوڭغۇل-دوڭغۇل، يەرلىرى تاغ ئارىسىدىكى تۈزلەڭلىككە تارقالغان، شۇڭا دېھقانلار تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ھازىر كورېيەنىڭ يېزا يېزا ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران بولغان. كورېيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان «2022-يىللىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى»گە ئاساسلانغاندا، كورېيەنىڭ يېزا نوپۇسى 2 مىليون 170 مىڭ ئىكەن. يەنى يېزا نوپۇسىنىڭ ئومۇمى نىسبىتى 70-يىللاردىكى %50تىن ھازىرقى %4كە چۈشكەن.
بەلكىم بەزىلەر ئادەم ئاز بولسا ياخشى ئەمەسمۇ، كۆپرەك تېرىسا بولدىغۇ مۇمكىن. كەچۈرۈڭ، ئېشىپ قالغان بۇ 2 مىليون 170 مىڭ ئادەم ھېچقانداق قاۋۇل ئەمگەك كۈچى ئەمەس. كورېيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ يېزا ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %49.8 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭ 2.9 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. شۇنى بىلىش كېرەككى، كورېيە قېرىلاشقان دۆلەت بولۇپ قالغان.
يېقىندا كورېيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، كورېيەدە ھازىرمۇ يەر تېرىيدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 69 ياش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتتە تۆتتىن بىر قىسىم ئېتىز-ئېرىق يوق بولغان، ئالتە ئۈلۈش ئېتىز-ئېرىقتا ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغان.
70 ياشقا كىرەي دەپ قالغان ئادەمنى يەر تېرىشقا بۇيرۇش ھەقىقەتەن بىر خىل ئامالسىزلىق. بۇ ياشانغانلارنىڭ كورېيە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن يەنە قانچىلىك تۆھپە كۆرسىتىدىغانلىقىغا ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ.
بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب مۇنداق: ئادەم ھامان ئۆزى ئۈچۈن چىقىش يولى تاپىدۇ، ياشلار بولسا يېزىدا چىقىش يولى تاپالمايدۇ.
تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، كورېيە دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئىشچىلىرىنىڭ ئاران %60ىگە توغرا كېلىدىكەن. كورېيەدە نوپۇس تۈزۈمى يوق، دۆلەت زېمىن ئارىلىقىمۇ كەڭ ئەمەس. ياشلارنىڭ كۆپلەپ يېزىدىن قېچىپ كېتىشى مۇقەررەر نەتىجە.
جەمئىيەت ئايلىنىشقا موھتاج، ئادەم بولمىسا ھاياتىي كۈچىمۇ بولمايدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، كورېيە يېزىلىرى مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، پاراۋانلىق كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرىلىمەستىن، ئەكسىچە چېكىنگەن. يېزىلار ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشالمىغان. پەقەت ئايرىلىشقا ئەپسىز بولۇپ قالغان بەزى بوۋايلارلا قالغان.
بۇ خىل ئەھۋالنى كورېيە ئالىملىرى «يېزىنىڭ ھالاك بولۇشى» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئەمەلىيەتتە كورېيەمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئويلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە پاك چۇڭھى دەۋرىدىكى «يېڭى يېزا ھەرىكىتى»مۇ بار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى «بىر كەنت، بىر جەمئىيەت» ھەرىكىتىمۇ يېزىنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن، قىسمەنلىرىدىن باشقىلىرى مەغلۇپ بولغان.
مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، داۋاملىقنىڭ كەمچىل بولۇشى، زۇڭتۇڭنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، چىقارغان قارارىنىڭ توختاپ قېلىشى دېگەدەك.
يېزىلارنىڭ يوقىلىش مەسىلىسى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بار، لېكىن ئۇنچىۋالا كەسكىن ئەمەس. بەزىلەر يېزىلارنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارايدۇ، گەرچە ئۇ ياشلارغا چىقىش يولى بېرەلمىسىمۇ، لېكىن ياشلارغا چېكىنىش يولى بېرىدۇ.
يەنە بەزىلەر، يېزا چېكىنىش يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەقەت بىر خىل خام خىيال، شەھەرگە كىرىشنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا سۆرەشتىن باشقا ئىش ئەمەس، دەپ قارايدۇ.
كورېيەگە نىسبەتەن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاللاش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتكە ئالماشتۇرۇشنى پىدا قىلىپ، كورېيەنى دۇنيا بويىچە 13-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
مەسىلە شۇكى، ئۇ تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىكىدە ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ-يوق؟ چالا ئۆلۈك بولۇپ قالغان يېزا ئىگىلىكىنى ئىنتايىن يۇقىرى ئاشلىق باھاسى بىلەن بېقىش كېرەكمۇ؟ كورېيە كەلگۈسىدە ئاشلىقتا بوغۇلۇپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟ دېڭىز يولىنىڭ مۇتلەق راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە، كورېيە دۇنيا بويىچە ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان تەرەققىي تاپقان دۆلەت.
ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولغاچقا، كورېيەدە بۇنداق يەر شارى بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان تاماق يېيىش مەسىلىسىمۇ بىر ھېسابتا ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس.