سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
گامنام مۇھىم دېلولار گۇرۇپپىسى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
گىپىمىزگە كەلسەك، مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى 62 ياشلىق ھوللىۋود ئايال چولپىنى دېمى مور (Demi Moore) كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان فىرانسىسكو كىنو فېستىۋالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. قىزىل پاياندازدا مېڭىشتىن بۇرۇن، دېمى مورنىڭ ئەترىتى ئالدى بىلەن ئالاقە تورىغا ئۇنىڭ شۇ كۈنى گىرىم قىلغاندىكى ئىككى پارچە ئوبراز سۈرىتىنى يوللىغان. سۈرەتتىكى دېمى مورنىڭ چىرايى نۇرلۇق، تېرىسى سىلىق، قورۇقسىز، كۆزى سۈزۈك، بەدىنى زىلۋا بولۇپ، قارىماققا يېشى 60قا كىرىپ قالغان ئاياللارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، ئۇ خۇددى يىگىرمە نەچچە ياشلىق ياشلىق باھارىدىن ھالقىپ كەلگەندەكلا كۆرۈنگەن.
ئەگەر سۈرەت دېگەننى گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن ھالەتتىمۇ، لېكىن قىزىل گىلەمدىكى دېمى مورنىڭ چىرايىمۇ ئۇنچە قىرىپ كەتمىگەن ھالەتتە ئىكەن. ئۇ سۈرەتتە بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان قارا رەڭلىك ئۇزۇن كۆينەك ۋە ئوخشاش رەڭدىكى قارا رەڭلىك پادىچىلار چاپىنى كىيىۋالغان بولۇپ، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان.
ئۇ چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ھېچقانداق سۈزۈش ئەينىكىسىز سۈرەتكە تارتىشىغا بەرداشلىق بېرىپلا قالماي، يەنە 60 ياشقا كىرىش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك تۇرغان.
توغرا، دېمى مور قېرىماس چىرايى بىلەن قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، لېكىن تورداشلارنىڭ پوزىتسىيەسى ئىككى تەرەپكە بۆلۈنگەن، يەنى بىر تەرەپتىن ھەيران قالغان ۋە «بەك ھەيران قالارلىق ئىكەن» دەپ ماختىغان. يەنە بىر تەرەپتىن گۇمانلانغان ۋە مۇنداق دېيىشكەن: «مانا بۇ ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ؟».
بۇنىڭ ئىچىدە پائۇل سكاللاس (Paul Skallas) ئىسىملىك بىر مۇخبىر ئالاقە تورىدا مۇنداق بىر يازمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ يازمىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى ئاياللار پەقەت 20، 30 ياش ۋاقتىدىلا گۈزەل بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ھازىرقى جەمئىيەت ئۇلاردىن بىر ئۆمۈر گۈزەل بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ ھەقىقەتەن بىر قاتتىق ئۆلچەم!».
قىسقىغىنە بىر نەچچە ئېغىز سۆز نەچچە مىڭلىغان تورداشنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان، شۇنىڭ بىلەن چېكىلىش قېتىم سانى تېز سۈرئەتتە نەچچە مىليونغا يېقىنلاشقان، ئىنكاس رايونى تېز سۈرئەتتە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن. تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۆز قارىشى ھەر خىل بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسىنىڭ مۇنداق بىر ئورتاق تونۇشى بار، ئۇ بولسىمۇ: «چولپانلارنىڭ قىرىماسلىقىنى، ئادەتتىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن ئۆگىنەلمەيدۇ. پۇل گۈزەللىكنىڭ سىرى. ئەگەر سىز ھەر ئايدا يۈزىڭىزگە نەچچە مىڭ يۈەن خەجلىمىسىڭىز، تېزلا قېرىپ كېتىسىز».
«قېرىغاندا قارىماققا ياش كۆرۈنۈش، ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن قىممەت بىر ئىش. 50 نەچچە ياشلىق ئاياللار 20 نەچچە ياشلىق ياشلار بىلەن رىقابەتلەشسە بۇ قانداق ئادىللىق بولىدۇ؟ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن».
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر قىسىم تورداشلار تەتۈر ياش ھادىسىسىنىڭ ئاممىغا بولغان تەسىرىنى پىسخىكا نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىپ مۇنداق دېيىشكەن: «چولپانلارنىڭ بۇنداق ياش كۆرۈنەلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇلار بىر ئاشقۇن تىپتىكىلەرنىڭ مىسالى. لېكىن بىز ھەر كۈنى بۇ <تىپتىكىلەر>نى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز، بۇ بىزنىڭ نورمال قېرىشقا بولغان تونۇشىمىزنىڭ پۈتۈنلەي گۇمران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەزەلدىن باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان».
يەنە بەزى ئۈمىدۋار تورداشلار يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان: «پەرەز قىلىپ باقايلى، يەنە ئون يىلدىن كېيىن، قورۇق ۋە تەبىئەتنىڭ قېرىشى يېڭى مودا ئېقىمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. كىشىلەر ھەمىشە يېڭىلىق تۇيغۇسىغا ئىنتىلىدۇ، <تەتۈر ياش>مۇ ھامان بىر كۈنى مودىدىن قالىدۇ».
گەرچە تاشقى دۇنيا «قېرىماس چىراي» توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە دېمى مورنىڭ ئۆزىمۇ بۇ خىل مۇكەممەل ئوبرازغا پۈتۈنلەي قوشۇلمايدىغاندەك قىلغان. يېقىندا ئۇ «People» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «ھاياتىمنى ئەسلىگىنىمدە، مەن دائىم ئۆزۈمنى ئەيىبلەيمەن، 20 ۋە 30 ياشقا كىرگەندە، مەن دائىم ئۆزۈمدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ھەممە يەرنى يېتەرلىك ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلاتتىم». بۈگۈنكى كۈندە، 60 ياشتىن ئاشقان ۋاقتىمدا قېرىشقا بولغان قارىشىمدا ئۆزگىرىش بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇپ كەتتىم، مەن ھازىر بۇ جەريانغا خۇشاللىق ۋە قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن قارايمەن. گەرچە مەن بەزىدە <ھە، بۇ يەر نېمانچە بۇنداق بولۇپ كەتتى> دەپ ئويلاپ قالساممۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى تېخىمۇ قوبۇل قىلالايمەن. مېنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىم پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشۈم ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي ئۆزۈم».
لېكىن، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىزچىل بۇنداق مۇلايىم ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا گۈزەللىك ئۈچۈن سەرپ قىلغان بەدىلىدىن قىلچە قاچمىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئورتاقلاشقان. ئۇ «Elle» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياش ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن كىنو ئىشلىگۈچىلەر ئۇنى تەنقىد قىلغان كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغان، بۇ تەنقىدلەر ئۇنى بىر مەھەل بەدەن شەكلىگە مەجبۇرلاپ، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان، شۇ سەۋەبتىن پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر ئېلىپ كەلگەن ھەمدە يېمەك-ئىچمەك تۇراقسىزلىق كېسىلى تەرەققىي قىلىپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدا فىلىم ئىشلىگۈچى كۆپ قېتىم مېنى ئورۇقلاشقا بۇيرىغان، ھەتتا مېنى بىر چەتكە تارتىپ <سىز يېتەرلىك ئورۇق ئەمەس> دېگەن. ئاشۇ كەچۈرمىشىم مېنى ئاشقۇنلۇققا ئىتتىرىۋەتتى، بارلىق قىممىتىمنى بەدىنىمنىڭ مەلۇم ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە باغلايدىغان بولۇپ قالدىم. ھېلىمۇ ياخشى، مەن ئەڭ ئاخىرىدا كۆلەڭگىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزۈم بىلەن يارىشىپ قالدىم».
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل «تاشقى قىياپەت تەشۋىشى» ھوللىۋود چولپانلىرىنىڭ پاتېنتى ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇن ئادەتتىكى ئاياللارمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بېسىمغا دۇچ كېلىدىكەن. بۇ خىل تەشۋىشلىنىش ۋە بېسىملارمۇ يەنە بىر خىل ئەندىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ مەسىلە مۇنداق: «نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە بولغان ئۆلچىمى بارغانسېرى يۇقىرى بولىدۇ؟ بۇ بىر خىل گۈزەللىكنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىمۇ؟». ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، گۈزەللىككە بولغان بۇ خىل ئىنتىلىش قېرىشقا قارشى تۇرۇش كەسپىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرغان. قېرىشقا قارشى تۇرۇش، ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرى، ھەر خىل تېببىي ھۆسن تۈزەش تېخنىكىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىمۇ «مۇۋاپىق ئاسراش»تىن «قېرىشنى كېچىكتۈرۈش»كە ئۆزگىرىپ، ئاياللار مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان مۇسابىقىگە ئىتتىرىۋېتىلگەندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، گۈزەللىكمۇ ياشلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى بىر ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىش بولۇپ قالغان. ياخشى يېرى، يەنىلا بۇ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلار، شىكايەت قىلىدىغانلار بار ئىكەن. كۆپچىلىك بىر خىل تەڭپۇڭلۇقنى ئىزدىگەندە ھەم گۈزەللىكتىن زوقلانغىلى، ھەم قېرىشنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ھامان بىر كۈنى، قورۇق بىلەن ئاق چاچلار دۈشمەن بولماستىن، بەلكى يىللارنىڭ بىزگە بەرگەن ئىزناسى بولىدۇ.