سۈرەتلەرنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
كورېيە قىزلار گۇرۇپپىسى ئاسىيادا گۈزەللىك مودىسىنى قوزغاپلا قالماي، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ قەلبىدىكىمۇ بىر يۈزلىنىشكە ئايلانغان. نۆۋەتتە كورېيەدىكى ھەر قايسى چوڭ تاماشا شىركەتلىرى ئاسىيادىن ئەزا قوبۇل قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، نەزەر دائىرىسىنى پۈتۈن دۇنياغا، بولۇپمۇ ياۋروپا، ئامېرىكا رايونلىرىغا قاراتقان.
بىراق بۇ ھەپتىدە، ئامېرىكىلىق بىر قىزچاق كورېيە قىزلار گۇرۇپپىسىنى «قىزلارنى خورلىدى» دەپ ئەرز قىلغان، بۇ خەۋەر پۈتۈن ئامېرىكىدا زىلزىلە پەيدا قىلغان.
ئۇنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان كورېيە قىزلار گۇرۇپپىسىغا كىرگىنىگە ئەمدىلا بىر يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما كورېيە قىزلار گۇرۇپپىسىنىڭ مەشىق ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن ھەيران قالغان، ھەمدە يېقىندا بىر پارچە ئەرز سۇنۇپ، قارشى تەرەپنى سوتقا ئەرز قىلغان.
كورېيە ئېقىمىنى پىششىق بىلىدىغان دوستلار كورېيە مودا مۇزىكا شىركىتى JYP Entayinmentنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ شىركەت كورېيەلىك ناخشىچى پاك جىنيوڭ (JYP) قۇرغان تاماشا ۋاسىتىچىلىك شىركىتى بولۇپ، ئۇ ۋە كورېيە SM تاماشا چەكلىك شىركىتى، YG Entainment كورېيەدىكى ئۈچ چوڭ تاماشا شىركىتى دەپ ئاتالغان، بازار قىممىتى نەچچە ئون مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ داڭلىق گۇرۇپپىلارنى تەربىيەلىگەن چولپان سەنئەتكارلارمۇ سان-ساناقسىز.
JYP USA شىركىتى بولسا JYP Entainmentنىڭ ئامېرىكا تارمىقى بولۇپ، 2007-يىلى قۇرۇلغان، كېيىن 2022-يىلى قايتا قۇرۇلغان.
12-ئاينىڭ 6-كۈنى بۇ شىركەتنى تىراسى ماددېر (Traacey Madder) لوس ئانژېلېس ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىدە ئەرز قىلغان. تىراسى ماددېر سوت ھۆججىتىدە تىلغا ئېلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەن قىزچاقنىڭ ۋەسىيسى بولۇپ، ئىسمى «K.M» دەپ يېزىلغان. قانۇن ۋەكىلىنىڭ سۆزى ۋە ئەتىسى ئالاقە تورىدا ھەمبەھرىلىگەن باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزچاقنىڭ ئىسمى KG بولۇپ، JYP Entertainment قىزلار گۇرۇپپىسى VCHAنىڭ 17 ياشلىق ئەزاسى ئىكەن.
لوس ئانژېلېس يۇقىرى سوت مەھكىمىسى سۇنغان بۇ 77 بەتلىك ئەرزنامىدە، تىراسى بالا ئىشچىلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيەگە ئۇچرىشى، سەل قارىلىشى ۋە خورلىنىشىنى تىلغا ئالغان ھەمدە ئادىل بولمىغان سودا قىلمىشى ۋە بىر تۈرلۈك مۇۋاپىق بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش توختامىغا خىلاپلىق قىلدى ۋە ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇردى، دېگەن.
لوس ئانژېلېسلىق بۇ قىز دەۋادا ئۆزى ۋە ئەترەت ئەزالىرىنىڭ JYP USA خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي، روھىي ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە ھەقسىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، يېمەكلىك ۋە سۇ چەكلىمىسى، كىشىنى گاڭگىرىتىدىغان توختام ماددىلىرى ھەمدە VCHA ئەزالىرى ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ مەسئۇل خادىملار ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى دېگەن.
بۇ تۈمەن خەتلىك دەۋانىڭ تەپسىلاتى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، نۆۋەتتە بىز مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاش:
KG ئۆزىنىڭ بىرلەشمىگە كىرگەندىن كېيىن دائىم يارىلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە زىيادە رېپېتىتسىيە قىلىش سەۋەبىدىن پەي مۇسكۇلى يىرتىلىش، داۋالاش پەرۋىشى ياكى ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىغا ئېرىشەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە يارىدار ۋە ئاغرىق ھالەتتە سەھنىگە زورلاپ ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتقان: «2023-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتراپىدا، بىر قېتىملىق ئۇسسۇل رېپېتىتسىيەسىدە، مۇنتىزىم ئۇسسۇل مەشىقى كەمچىل بولغاچقا، ئۇسسۇل تىرېنېرى مېنى شاللىۋەتتى. تىرېنېر كورېيەچە ۋارقىراپ، مەندىن ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى نەچچە يۈز قېتىم تەكرارلاشنى تەلەپ قىلدى، مەن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. باشقا قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۇ ئىچىدىغان دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئېرىشسە، پەقەت مەنلا ئېرىشەلمىدىم. تىرېنېر ماڭا پەقەت ھەرىكەتنى مۇكەممەل ئىگىلىگەندىلا ئاندىن سۇ ئىچسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»
بىر نەچچە سائەت مەجبۇرىي تەكرار مەشىق قىلىش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ مۈرە پەيلىرى يىرتىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىش تەس ئىدى، لېكىن شىركەت يەنىلا ئۇنى يارىدار ھالەتتە ئىشلەشكە مەجبۇرلاپ، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يېتەرلىك ۋاقىت بېرىشنى رەت قىلغان. كېيىن ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، مۈرىسىگە ئوكۇل سېلىنغان، لېكىن يەنە دەرھال تولۇق ئۇسسۇل مەشىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
JYPE مەزگىلىدە، VCHAنىڭ ئەزالىرى كۆپ قېتىم ئەھۋالى ئېغىر بولغان ھالەتتە ئۇسسۇل ئوينىغان ۋە ئويۇن قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئوشۇق قايرىلىپ كېتىش ۋە مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار بار ئىكەن. دوختۇر ئۇلارغا ئارام ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن JYPE ئىلىك ئالمىغان.
KGنىڭ ئېيتىشىچە، ئەزالار ھەر كۈنى 12 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدىكەن، ھەپتىلىك مائاشى ئاران 500 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. VCHAدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە 504 مىڭ 543 ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئىكەنلىكىنى، بۇ خىراجەتلەرنىڭ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش چىقىمىدىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئەمگەك قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بۇ ئىشتاتنىڭ سائىتىگە 10.50 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئەڭ تۆۋەن مائاشىغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.گەرچە كېلىشىمدە كوللېكتىپ تۇرمۇشنى «تاللىغىلى بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن KGنىڭ بۇنداق تاللىشى بولمىغان، چۈنكى JYPEنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنى دېگەن يەردە تۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ھەمدە ئۇنى دېگەن يەردە تۇرمىسا، مەشىققە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. JYPEنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئۇنىڭغا: «بىز قىزلارنىڭ بىللە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەگەر قىزلار بىللە تۇرمىسا، گۇرۇپپا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ» دېگەن.JYPE بۇ بىر يۈرۈش 2 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئۆينى تاللىغان، VCHA گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قەرزگە بوغۇلغان، چۈنكى JYPE «ئۇلار مەبلەغ سالغان ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى JYPEنىڭ مەستانىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ۋاسىتىسى» دەپ قارىغان.KG دەۋاسىدا يوشۇرۇن تېلېكامېرالار ئەزالارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى، يېمەك-ئىچمىكى ۋە ئالاقىسىنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقىنى ئېيتقان.JYPE ئەزالىرىنى ئىزچىل تېلېكامېرا ئارقىلىق نازارەت قىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يوشۇرۇن تېلېكامېرا (كوللېكتىپ ئىچىدىكى تاماق يېيىش رايونىدىكى كامېرانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا 8 مىليون پىكسېللىق كامېرا ۋە 120 گىرادۇسلۇق كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ كامېرا قىزلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ياكى بىلدۈرمەي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي سۆھبىتى ۋە تاماق يېيىش ئەھۋالى خاتىرىلىگەن.بەزى ئەزالار يېمەكلىك ساقلاش ئۆيىنىڭ تورۇسىدا تېلېكامېرا چاپلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى دائىم نازارەت قىلىنغان. KG تېلېكامېرا ئورنىتىلىپ نەچچە ئايدىن كېيىن ئاندىن بۇ تېلېكامېرالارنى بايقىغان.پىسخىكا ساغلاملىقىغا سەل قاراش:خەۋەرلەرگە قارىغاندا، KG تىل-ئاھانەتكە ئۇچراش، بەدەن ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىش بېسىمى ۋە پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىگە بولغان قوللاش يېتەرلىك بولماسلىققا دۇچ كەلگەن، يەنە كېلىپ JYPEنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يەنە بىر ئەزانىڭ ئۆلۈۋېلىش غەرىزىنى يوشۇرغان ۋە رەت قىلغان.ئەرزنامىدە بىر قىسىم ئەزالار بېسىم سەۋەبىدىن ئۆزىنى مېيىپ قىلىپ قويغان، KG بۇ گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئېغىر يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىقىغا پېتىپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئاخىرىدا 2024-يىلى 2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۆلۈۋالماقچى بولغان. KGنىڭ دېيىشىچە، بىرەيلەن 42 تال Nyquil يېگەچكە توختىماي قۇسقان.بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، KG ۋە باشقا ئەزالار JYPE خىزمەتچىلىرىگە بۇ ئەزاغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن، ئەمما JYPE خىزمەتچىلىرى بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىگەندەك قىلغان ھەمدە يېمەكلىك تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. JYPE يەنە ئۆزلىرىنىڭ بالىلار پاراۋانلىق خىزمەتچىسى ئېرىك ۋىنستون ۋە باشقا خىزمەتچىلەردىن بۇ ئەزانىڭ ئۆلۈۋېلىش غەرىزىنى يوشۇرغان.سەل قاراش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىتىش:VCHAنىڭ ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئىككى ئەزاسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، KG يەنىلا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، زىيارەتتە ئوقۇش ۋە گۇرۇپپىغا تەڭ ئېتىبار بېرىشتە قىينالغانلىقىدىن يوشۇرۇن ئىشارەت بەرگەن.كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەر قانداق دەرس كۈنىدە ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت سائەت خىزمەت قىلسا بولىدىكەن، ھەر قانداق دەرس ئوقۇمايدىغان كۈن ياكى دەرس ئوقۇمايدىغان كۈندىن بۇرۇنقى ھەر قانداق بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا سەككىز سائەت خىزمەت قىلسا بولىدىكەن. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بالىلار ھەر ھەپتىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 48 سائەت خىزمەت قىلسا بولىدىكەن.لېكىن KG بۇلارغا ئېرىشەلمىگەن. JYPE دائىم KGنى يېرىم كېچىگىچە ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان، چۈنكى ئۇ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتەپكە باراتتى، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە خىزمەتكە چىقاتتى. بۇ ناھايىتى جاپالىق بىر ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ بىكار ۋاقتى يوق، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە سائەت ئۇخلاش ۋاقتى بار.KG ئاخىرىدا 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 5-ئايدا توختامنى بىكار قىلىپ، بۇ گۇرۇپپىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن: «مېنىڭ ئەرز قىلىشىمدىكى سەۋەب، بەزى خىزمەتچى خادىملارنىڭ خورلاش ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مەن JYP Entertainment بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلىپ، VCHAدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدىم.»KG ئالاقە تورىدا بىر پارچە يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە، بۇ مېنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىمغا پايدىسىز، ئەگەر مېنىڭ ئايرىلىشىم سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرسە، سىلەردىن چوڭقۇر ئەپۇ سورايمەن. مەن ئەزالارنىڭ ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان خىزمەت كەيپىياتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى قوللىمايمەن. مەنمۇ يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئەزالارنىڭ ئۆزىنى مېيىپ قىلىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىتنى قوللىمايمەن. مەن 5-ئايدىلا بۇ قارارنى چىقارغان، ھازىر يەنىلا توختامنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ساقلاۋاتىمەن. مەن VCHAدا قالغان قىزلار، دوستلىرىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن، مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرىمەن، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىمەن. مەن يەنە شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئەگەر مەن داۋاملىق JYP Entainment دا قېلىپ قالسام، مەن ئارزۇ قىلغان سەنئەتكار بولالمايدىكەنمەن، چۈنكى مەن ناخشا يېزىش ۋە ياساشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. مەن شىركەتكە نۇرغۇن قەرز، ئەمما جىددىي خىزمەت ۋە شەخسىي تۇرمۇشۇمغا بولغان زور چەكلىمە تۈپەيلىدىن ئېرىشكەن ھەق ناھايىتى ئاز.»ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «گەرچە بۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى گۈزەل مىنۇتلار بولغان. مەن پاك جىنيوڭ، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە ۋە قالتىس تەربىيەلەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدىن ئاغرىنمايمەن، لېكىن مېنىڭچە بۇ K-Pop كەسپىدىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەسىلە. مەن دوستلىرىم ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلار ئۈچۈن ئويۇن قويۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتىدىن ئىنتايىن مىننەتدار. V-lightsنىڭ ياقتۇرغىنى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت، مەيلى مەن بولاي ياكى بولماي، سىلەرنىڭ VCHAنى داۋاملىق قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن كورېيە مەدەنىيىتى ۋە K-Pop مۇزىكىسىنى ياخشى كۆرىمەن. كەلگۈسىدە مەن يەنە داۋاملىق بۇ خىل تىپتىكى مۇزىكىنى ئىجاد قىلىمەن، لېكىن بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىجاد قىلمايمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ ئايرىلىشىمنىڭ K-Pop سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، بۇ شىركەتلەرنىڭ قولىدا قالغانلار ۋە پىراكتىكانتلارنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىمەن.»KG دېلوسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادۋوكات گىراھام بىر پارچە ئادۋوكات باياناتى ئېلان قىلغان: «بۇ دېلونىڭ يادروسى JYP USA شىركىتىگە بولغان ئىنكاس، بۇ شىركەت ئۇلارنىڭ KGنىڭ كەسپىي ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنى كونترول قىلالايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان، ئەگەر ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا شەخسىي يازما ئېلان قىلسا، ئۇلار توختامغا خىلاپلىق قىلىش تەھدىتى بىلەن ئۇنىڭ خىزمەت قىلىشىنى توسىدۇ. ئۇ سۈكۈت قىلغان ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتتى. KGنىڭ تاماشا ساھەسىدىكى ياش سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم ھوقۇقى قوغدىلىشى كېرەك. بۇ دەۋادا JYP USA شىركىتىنىڭ قىلمىشى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان قاتتىق ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە توختامنى قوغداشقا خىلاپلىق قىلغانلىق. پۇل ۋە چەكلەش بۇيرۇقى سەۋەبلىك، KG كەلگۈسىدىكى كەسپىي ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، ئىجادىيەت ھوقۇقىنى قوغداشنى ھەمدە باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئوخشاش شارائىت ئاستىدا زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىىپ ئەرز قىلغان. بىز سوت مەھكىمىسىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ تاماشا ۋە ئەمگەك قانۇنىغا ئاساسەن ئادىللىق ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»2023-يىلى JYP تاماشا شىركىتى Republic Records بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا ھەقىقىي ئادەملەر چىقىدىغان تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسى يۈرۈشلۈكى A2K (ئامېرىكىدىن كورېيەگىچە دېگەن مەنىدە)نى ئېلان قىلغان، بۇ قېتىمقى پائالىيەت K-pop مەشىق سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن تۇنجى ئامېرىكا قىزلار گۇرۇپپىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.JYP تاماشا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىشلىگۈچىسى پاك جىنيوڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئىختىساسلىقلارنى ئىزدەپ، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن قىزلار گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، K-popنىڭ داڭلىق قاتتىق مەشىقىنى ئاساس قىلىپ، JYPE بىلەن ئامېرىكا پىلاستىنكا شىركىتى Republic Records بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ قۇرغان.بۇ ماھىر تاللاش پىروگراممىسى جەمئىي 21 قىسىم بولۇپ، 2023-يىلى تۇنجى بولۇپ قويۇلغان، ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل، خاراكتېر ۋە چولپانلارنىڭ پەزىلىتى قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئامېرىكا ۋە كانادادىكى 11 ياش-ئۆسمۈر نامزاتى ئىچىدىن ئەڭ ئاخىرقى ئالتە كىشىلىك گۇرۇپپىنى تاللاپ چىققان.گۇرۇپپىدىكى ئالتە قىزنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياش بولۇپ، 17 ياشلىق KGدىن باشقا، يەنە 19 ياشلىق مىلۋاۋكىلىق لېكۇس، 19 ياشلىق كانادا مونترېئاللىق كامىلا، 18 ياشلىق لاۋدېربورگلۇق ساۋانا، 18 ياشلىق تېكساس فورۋورسلىك كېندال، فىلادېلفىيەلىك كەيلى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ يېشى ئەڭ كىچىكى ئاران 15 ياش.KG پىروگراممىنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا مەيدانغا چىققان، گىتار بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بىردىنبىر ماھىر، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، ئاۋاز تۈسى قويۇق، يەنە تېخى ئىجادىيەتكە ئىگە بولۇپ، كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلغان.ئامېرىكىلىق قىزلاردىن تەشكىللەنگەن كورېيە ئۇسلۇبىدىكى قىزلار گۇرۇپپىسى «VCHA» قويۇلۇشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان:VCHA شىركىتى 2023-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ مۇزىكا تارقىتىشقا باشلىغان.VCHAنىڭ ئەڭ يېڭى 3-ئايلىق رەقەملىك ناخشىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار تۇيۇقسىز جىمىپ قالغان. يەنە تېخى بۇ يىل 8-ئايدىكى ئويۇننى ئەمەلدىن قالدۇرغان، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.ھازىر KGنىڭ دەۋاسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدا تاقىلىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى روشەن بولغان.دەۋا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلغان، ۋەقەگە چېتىشلىق تەرەپ JYP USA دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەيىبلىشىنى «ساختا ۋە مۇبالىغە قىلىنغان» دېگەن، بۇ شىركەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، KG بىلەن ئۇنىڭ قانۇن كوللېكتىپى دەسلەپكى قەدەمدە مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بۇ شىركەت 5-ئايدىكى VCHAنىڭ پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان. گەرچە بۇ ئىشنى تىرىشىپ ھەل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەت KGنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئالاقىنى توختاتقانلىقىنى، JYP USAنىڭ «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاۋاتقانلىقى»نى ئېيتقان.باياناتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «KGنىڭ ئاشكارا دەۋاسى VCHAنىڭ قالغان ئەزالىرى ۋە 2025-يىلى قانات يايدۇرۇلىدىغان تۈرگە زىيان يەتكۈزدى. JYP USA بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، VCHA ۋە JYP USAنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ بۇ ئىش سەۋەبلىك يەنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.»KG بۇنداق جاۋابقا قارىتا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن شىركەتنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كەمچىللىكىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم، مەن ۋە قانۇنىي ئەترىتىم ئەيىبلىشىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سۈرەت ۋە ماددىي ئىسپاتلارنى تەييارلاپ قويدۇق. دېگەنلىرىم ھەقىقەت، مۇبالىغە ياكى ساختىلىق ئەمەس. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇش ئارقىلىق، باشقا ئوقۇغۇچىلار، ئەگەشكۈچىلەر ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرىنى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كورېيە مودا مۇزىكا ساھەسىگە ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552