19-ئاپرېل كودىي ئانتلې ئىسىملىك ئامېرىكىلىق ئەر توردا بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشى يوللاپ بىردىنلا نام چىقىرىۋەتتى، سىن كۆرۈنۈشىدە بۇ ئەر بەستىلىك بىر مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانغا چىڭ چاپلىشىپ، باغچىدا خاتىرجەم ئايلىنىپ يۈرگەن ئىدى، لېكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ جانلىق ئەركەك شىر بىلەن چىشى يولۋاسنى جۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق شالغۇتلاشتۇرۇپ تۇغۇلغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 400 كىلوگرام كېلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ جانلىققا شىر-يولۋاس يىرتقۇچ دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ شىر-يولۋاس يىرتقۇچنىڭ ئىسمى ئودىن ئىكەن، كەم ئۇچرايدىغان بۇ سىن كۆرۈنۈشى تورداشلارنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.