يەر شارىدا نۇرغۇن ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەر ۋە غەلىتە ھادىسىلەر مەۋجۇت، بەزى غەلىتە ئىشلار پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ سىرلىق چۈمبەلنى ئېچىپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزىلىرى تېخى ھەقىقىي پەن تېخنىكىنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشەلمىدى، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چەكلەنگەن رايونغا ئايلىنىپ قالدى. بىراق، قانچىكى سىرلىق جايغا شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر تەلپۈنىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن باتۇرلارمۇ بەس - بەستە ئېكسپېدىتسىيە سەپىرىگە ئاتلاندى. بۈگۈن كۆپچىلىككە تۆت چوڭ سىرلىق « چەكلەنگەن جاي » نى تونۇشتۇرىمىز.
بېرمۇدا دېلتىسى، يەنە ئالۋاستى دېلتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ، گەرچە بېرىپ باقمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ خەۋىرىنى كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان. بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئايروپىلان ۋە كېمە چۆكۈپ كېتىش ياكى يوقاپ كېتىش ۋەقەسى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، كىشىلەر بۇنى چۈشىنىشكە ئامالسىز، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى بىر پاراخوت بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە غايىب بولغان، كىشىلەر نەتىجىسىز ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ئۇ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن دېڭىز تەۋەلىكىدە سىرلىق پەيدا بولغان، پاراخوت خادىملىرىمۇ ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ پاراخوتمۇ بەختسىزلىك ئىچىدىكى بەختكە يارىشا قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلەلىگەن.
كانچاگا يېرىم ئارىلىدىكى ھالاكەت جىلغىسى، يەنە ھايۋانلارنىڭ قەبرىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ يەردىكى تاغ باغرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇقلۇق بولۇپ، دائىم تۇمان قاپلاپ تۇرىدۇ، قارىماققا ناھايىتى گۈزەل مەنزىرە كۆرۈنسىمۇ ئىچىدە خەتەر يوشۇرۇنغان، كۆپ قىسىم ھايۋانلار بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆلۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، جىلغا تېگىدىن دائىم ھىدروگېن، سۇلفىد قاتارلىق يەر ئاستىدىكى زەھەرلىك گازلار تېشىپ چىقىپ ، غەرب شامىلىنى پۈۋلىگەندە زەھەرلىك گازلار تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ - دە، ھايۋانلاردا زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ، ھايۋانلارغا نىسبەتەن ،بۇ يەردە ياشاش بۇ ھەقىقەتەن تەلەيگە تايىنىپ ياشىغانلىق بولىدۇ.
كوئېنلۇن تېغى ھالاكەت جىلغىسى ، جۇڭگونىڭ ئەپسانە ھېكايىلىرىدە دائىم ئۇنىڭدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر تەسۋىرلەنگەن ، ھەقىقەتەن كوئېنلۇن تېغىنىڭ نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلىرى بار ، لېكىن بۇ ھالاكەت جىلغىسىغا كىرىپ قالسا بولمايدۇ ، مەيلى مال - چارۋىلار بولسۇن ياكى ئىنسانلار بولسۇن، بۇ يەرگە كەلسە توك سوقۇۋېتىشى مۇمكىن ، ئىلگىرى چارۋىچىلار ھالاكەت جىلغىسىغا بۆسۈپ كىرىپ قازا قىلغان ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ئۇنىڭدا ماگنىت مەيدانى نورمالسىز بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ، كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى بىنورمال بولۇش ئەھۋالى يۈز بېرىپ ، ئادەم ۋە چارۋىلار ئۆلۈپ كېتىدۇ ، شۇڭا بۇ يەر ئاساسەن كىشىلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ .
ئادەمسىز رايون، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ يەردە چۆللۈك، قۇم بارخانلىرى، تاغ تىزمىلىرى ۋە ياۋايى ھايۋانلار بار، قارىماققا ناھايىتى گۈزەل كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن قاتمۇقات كرىزىس يوشۇرۇنغان . كىشىلەر ئېكسپېدىتسىيە قىلىپ ھايات قېلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ناچار كېلىماتى ئىنسانلارغا ئوكسىگېن يېتىشمەي ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، گەرچە ئىنسانلار ئىنتايىن ناچار ھاۋا رايىنى يېڭەلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا ئاچ قالغان چىل بۆرە يىلپىزىغا تاقابىل تۇرالمايدۇ ، ۋاقتى كەلگەندە قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ، مانا بۇ شۇخىل جايلارنىڭ چەكلەنگەن رايۇن بۇلۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.