يەر شارىدىكى ئەڭ غەلىتە 11 جاي ، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالىسىز

文摘   旅游   2024-11-13 21:18   新疆  

بۇ جاي نيۇيورك سۇ كالىسى شەھىرىدىكى لىشۇلىڭ باغچىسىغا جايلاشقان ، كىچىككىنە شارقىراتمىنىڭ كەينىدە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان يالقۇن بار .

 ئەلۋەتتە ، ئۇ ئالۋاستى ئوتى ئەمەس ، بەلكى يەر ئاستىدىكى مېتان توختىماي يەر يۈزىگە چىقىپ كۆيۈپ تۇرىدۇ . 100 نەچچە يىل بۇرۇن بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئۇ ئوتنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ ھازىرغىچە ئۆچۈپ باقمىغان .

شۇنداق ، توغرا ، بۇ كانادانىڭ برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسىدىكى ياۋخۇ كۆلى ، ياز پەسلىدە كۆل سۈيى ئىسسىغاندا مېنېرال ماددىلار مول بولغان كىچىك سۇ كۆلچىكىنى ھاسىل قىلىدۇ .

 بۇ كۆلچەكتە يۇيۇنۇش ئارقىلىق ھەرخىل كىسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىكەن . ئېيتىشلارغا قارىغاندا 365 كۆلچەك بار بولۇپ بىر ئادەمگە بىردىن توغرا كىلىدىكەن .

بۇ نېۋادا ئىشتاتىدىكى قارا قىيا قۇملۇقىدىكى قەرەللىك بۇلاق بولۇپ ، بىر ئېنېرگىيە شىركىتى بۇ يەردىن ئىسسىق سۇ ئېلىپ ، بىر فونتان ھاسىل قىلغان ، بۇ فونتاندىن مىنېرال ماددىلار تەدرىجىي ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن ، بىر قىسىم ئىسسىقخۇمار جانلىقلار ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىقخۇمار باكتېرىيەلەر بۇ فونتانغا يىغىلىپ ھەشەمەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن .

بۇ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئەينەك دېڭىز ساھىلى ، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ، كىشىلەر ئەينەك ۋە بوتۇلكىلارنى ئۇ يەرگە تۆككەن ، نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن بۇ ئەينەكلەرنىڭ قىرلىرىنى دېڭىز دولقۇنى ۋە قۇملار تۈزلىۋەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر رەڭگارەڭ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى پەيدا بولغان ، ھازىردىن باشلاپ بەزىلەر بۇ ئەينەك ئەخلەتلەرنى تېرىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا باشلىغان .

بۇ كولومبىيەنىڭ دەريا ئېقىنى ، ياز پەسلىدە قىزىل رەڭلىك ئۆسۈملۈكلەر دەريا سۈيىنى قىزارتىپ خۇددى قان دەرياسىدەك تۈسكە كىرگۈزىدۇ .

شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە ساكسون دەرياسى ، رونالدونى دەرياسى بىلەن ئارۋو دەرياسىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل سۇ بۇ يەردە ئۇچرىشىپ ئاجايىپ بىر مەنزىرنى شەكىللەندۈرگەن .

بۇ شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭ گىگانت توسما يولى بولۇپ ، 50 مىليون يىل ئىلگىرى يانار تاغ ئېتىلىپ چىقىپ زور مىقداردىكى بازالىت تاش ئېتىلىپ چىققان ، سوۋۇغاندىن كېيىن كىرىستاللىشىپ ، ئۆلچەملىك ئالتە تەرەپلىك تاغ جىنسلىرى ئېتىلىپ چىققان بولۇپ جەمئىي 37 مىڭدىن ئارتۇق .

بۇ رىۋايەتلەردىكى بەش بارماقلىق تاغ بولماستىن ، بەلكى چىلىنىڭ ئاتاكاما قۇملۇقىدىكى ھەيكەل بولۇپ ، قاقاس ۋە خىلۋەت جايدا . بەلكىم بىز بېرىپ قالساق ئەرىشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەمدەك ئوتتۇر بارمىقىغا خەت يىزىپ قويشىمىز مومكىن .

بۇ مەنزىرە قارىماققا پۈتۈنلەي راست ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ ، بىراق ئۇ ھەقىقىي مەنزىرە ، بۇ لياۋنىڭ پەنجىننىڭ شورلۇق شاخارچىسى ، ھەر يىلى كۈز پەسلىدە بۇيەر ھەقىقىي قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ .

پېرۇ كۇستىدىكى ھەسەن ھۈسەن تېغى . بۇ خىل پۈتۈنلەي ھەسەن - ھۈسەنگە ئوخشاش يەر شەكلى ھادىسىسىنىڭ 2013-يىلى بايقالغان بولۇپ تېخى ياخشى بىر ئىلمىي چۈشەنچە بېرىلمىگەن .

گەنسۇنىڭ جاڭيېدىكى دەنشيانىڭ يەر شەكلى ئىلگىرى ھەسەن - ھۈسەن تېغى دەپ خاتا تونۇلۇپ قالغان بولۇپ بۇ بۇرۇن تارتىۋېلىنغان سۈرىتى .

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章