ھەر يىلى پەقەت8 كۈنلا پەيدا بولىدىغان شەھەر

文摘   2024-10-31 23:51   新疆  

بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان شەھەر ئىنتايىن ئالاھىدە. بۇ بىر قۇملۇققا يوشۇرۇنغان شەھەر،ھەريىلى پەقەت 8 كۈنلا پەيدابولىدۇ. ئاخىرىدا بۇ شەھەر ئوت دېڭىزى ئىچىدە غايىب بولىدۇ. ھەر يىلى مۇشۇنداق دەۋىرقىلىپ تۇرىدۇ. بۇ زادى قانداق سىرلىق شەھەر؟ تۆۋەندە كۆرۈپ باقايلى.

بۇ ھەريىلى 8 كۈن پەيدا بولىدىغان ئامرىكىنىڭ قاراتاش قۇملۇقىغا جايلاشقان شەھەر توغرىسىنى ئېيىتقاندا بىر بايرام. بۇ بايرام «ئوت ئادەم بايرىمى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بايرام 1986-يىلى پەيدا بولغان بولۇپ ئاساسلىق مەقسىتى ئىجدىمائىي جەمىئەت قارىشى، كەڭ قورساقلىق، ئىجادىيلىكنى تەشەببۇس قىلىش، مودا ئىستىمالىغا قارشى تۇرۇش. بۇ 8 كۈنلۈك بايرام ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئالدى كەينىدە ئامرىكا نېۋادا شىتاتىدىكى قارا تاش قۇملۇقىدا ئېلىپ بىرىلىدۇ.

بۇ بايرامنىڭ كىلىش مەنبەسى توغۇرلۇق ئىككى خىل ئوخشىمىغان قاراش بار. بىر خىل قاراش بولسا ئىلگىرى ئىككى دوست سان فىرانسىسكو بېكدېڭىز ساھىلىدە  بىر دانە ياغاچ ئادەم نى ۋەبىر كىچىك ياغاچ ئىتنى كۆيدۈرگەن. بۇ ئىشدىن كىيىن ياغاچ  ھەيكەل كۆيدۈرۈش ئالغا ئىنتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ھەرىكەتكە ئايلانغان . «ئوت ئادەم بايرىمى»ئىلھامىمۇشۇنىڭدىن كەلگەن.

يەنە بىر قاراش بولسا تېخىمۇ قىزىقارلىق . بۇ خىل قاراشتا«ئوت ئادەم بايرىمى»نىڭ كىلىپ چىقىشىغا تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايىسى سەۋەب بولغان. ئېرى ئۆزىنىڭ يوقاتقان مۇھەببىتىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ياغاچ ئادەم ياساپ چىققان ۋەئۇنى سان فىرانسىسكودىكى قارا تاش قۇملۇقىدا كۆيدۈرىۋەتكەن. بۇ «ئوت ئادەم بايرىمى»نىڭ كىلىش مەنبەسى.

بۇ بايرام 1986-يىلىدىن ھازىرغىچە تەرەققى قىلىپ دۇنيا خارەكتىرلىق چوڭ شاتلىق بايرىمىغا ئايلانغان. بۇ جايغا ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان ياشلار ۋە سەنەتكارلار يىغىلىپ ھەر خىل ياغاچ ھەيكەللەرنى ياسايدۇ. كۆپچىلىك بۇ يەردە نەچچە كېچە  كۆڭۈل ئېچىش ئېلىپ بارىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى ياسىغان ياغاچ  ھەيكەللىرىنىڭ ھەممىسى  كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،بۇشادلىق شەھىرى ئوت دېڭىزى ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ. شادلىق شەھىرى ھەريىلى بۇ قۇملۇقتاپەيدا بولىدۇ ۋە ئوخشاش ئوت دېڭىزى ئىچىدە غايىب بولىدۇ. 

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章