قوشكېزەك تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن ئادەم بىر-بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئىككى چىراي ۋە بەدەننى ئەسكە ئالىدۇ، لېكىن ئەنگلىيەلىك قوشكېزەك لۇسى بىلەن مارىيانىڭ ئەھۋالى بۇ نۇقتىغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ.
22-ماي خەۋەر قىلىشىچە، لۇسى بىلەن مارىيا قوشكېزەك ئاچا-سىڭىل ئىكەن، باشقا قوشكېزەكلەرگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئوخشاش يېرى يوق، ھەتتا ناھايىتى زور قارىمۇ-قارشىلىق بار، بۇنداق ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋالنى بۇرۇن تاراتقۇلار تالىشىپ تۇرۇپ خەۋەر قىلغان، ئىككىسىنىڭ بۇ يىللاردىكى ئۆسۈپ-يېتىلىش كەچۈرمىشىمۇ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا لۇسى بىلەن مارىيا 22 ياشقا تولغان، ئاشكارىلانغان سۈرەتتىن قارىغاندا، ئىككىسى تاشقى قىياپىتىگە ئوخشاشلا قەتئىي ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش كەچۈرگەن: لۇسى بويتاق، ئالاقە تاراتقۇسىنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ؛ مارىيانىڭ جۆرىسى بار، تورداشلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپىنى كۆرسىتىشكە ئامراق.
«ئىككىمىزنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكىگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى مەن ئاق تەنلىك، مارىيا قارا تەنلىك.» ئىگىلىنىشىچە، لۇسى بىلەن مارىيا 1997-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغانىكەن، دوختۇر بۇ ئاچا-سىڭىلنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئانىسىغا بەرگەندە ئۇ ئىنتايىن ھەيران قالغانىكەن، چۈنكى ئىككى ئاچا-سىڭىل ئازراقمۇ ئوخشاش كۆرۈنمەيدىكەن: لۇسى ئاق تەنلىك، مارىيا قارا تەنلىك ئىكەن.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇنداق پەرق بارغانسېرى زورايغان، لۇسى ئۆلچەملىك ئاق تەنلىك قىزغا ئايلانغان، تۈپتۈز ئالتۇنرەڭ چېچى، سۇس كۆز قارىچۇقى بار بولغان؛ مارىيانىڭ قارا بۈدرە چېچى ۋە قېنىق كۆزلىرى بار بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككىسىنىڭ مىجەزىمۇ ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىكەن، لۇسى سەل ئىچ مىجەز، مارىيا شوخ، ئوچۇق-يورۇق ئىكەن.
«يەسلىدە بىر سىنىپتا ئوقۇغانىدۇق، لېكىن ھېچكىم بىزنى قوشكېزەك دېمەيتتى، مۇتلەق كۆپ قىسىم قوشكېزەكلەر بىر پوستنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مېغىزدەك ئوخشىشىدىكەن، لېكىن بىز ئوخشاش ئاتا-ئانىسى باردەك كۆرۈنمەيمىز.» لۇسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككىسىنىڭ پەرقى زور بولغانلىقتىن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئەتراپتىكىلەر دائىم ئۇلارنى قوشكېزەك ئەمەس، پەقەت ياخشى دوست دەپ قالغان.
لۇسى بىلەن مارىيا بەزىدە تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ، قوشكېزەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كەلگەن، بولمىسا ھېچكىم ئىشەنمىگەن، بۇ ئۇلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ دىققەت قىلدۇرغان.
چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئوخشاش كىيىم كىيگىلى، ئوخشاش نەرسە ئىشلەتكىلى ئۇنىمىغان ھەم باشقا-باشقا داشۆلەرنى تاللىغان: مارىيا چېلتېنھام شۆيۈەنىدە قانۇن ۋە پىسخولوگىيە ئۆگەنگەن، لۇسى Gloucestershire شۆيۈەنىدە سەنئەت ۋە لايىھەلەشنى ئۆگەنگەن.
ئەلۋەتتە، بۇ ئۇلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن. ئەكسچە ئۇلارنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ كۆپەيگەن، ھەر قېتىم ئىككىسى ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا باشقىلارغا ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان قوشكېزەك ئاچا-سىڭلىسى بارلىقىنى زېرىكمەي ئېيتقان.
لۇسى: «بىر-بىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. مارىيا ساۋاقداشلىرىغا ئاق تەنلىك قوشكېزىكى بارلىقىنى ئېيتىشقا ئامراق، مەن قارا تەنلىك قوشكېزىكىم بارلىقىدىن پەخىرلىنىمەن» دېگەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلاردىن باشقا، ئاتا-ئانىسى يەنە باشقا ئۈچ قېرىنداش تۇغقان، ئۇلارنىڭ تېرە رەڭگىمۇ ئوخشىمايدىكەن، ئاچا-سىڭىل ئىككىسى ئىككى چەكنى نامايان قىلغان، خالاس.
بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىرق ھالقىغان ھەمراھلار، دادىسى ئاق تەنلىك، ئانىسى يامايكالىق، لۇسى بىلەن مارىيا دەل قوشكېزەك. سۈرەتتە: لۇسى ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككى ئاچا-سىڭىل تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتكەن.
«كۆپىنچە ۋاقىتتا بالىلار ئاتا-ئانىسى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئارىلاشمىسىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ، خۇددى ئۇلاردەك. قوشكېزەك بولغان ئەھۋالدا ھەر بىرى ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىككە ۋارىسلىق قىلىدۇ.» مۇتەخەسسىسنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، لۇسى بىلەن مارىيانىڭكىدەك ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى مىليوندىن بىر ئىكەن .