ھىندىستانلىق ئايال قارىۋاي ئېرىنى ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى

文摘   2024-11-01 23:38   新疆  

يېقىندا ھىندىستاندىكى پىرۇم ئىسىملىك 22 ياشلىق كېلىنچەك يولدىشىنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ تاش يۈرەك كېلىنچەك تويدىن كېيىن يولدىشىنىڭ چىرايىنىڭ كۆرۈمسىز شۇنداقلا قارا ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، يولدىشىغا كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك تۇغۇلۇپ مۇشۇنداق قىلغانىكەن. بۇ ئايال تويدىن كېيىن يولدىشىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىكەن.

ياخو تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ۋەقە ھىندىستاننىڭ شىمالىي ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن. پىرۇم ئىسىملىك ئايال 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان يولدىشىنىڭ ئۈستىگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇۋەتكەن، ئوت ناھايىتى تېزلا ئۇلغىيىپ پىرۇمنىڭ يولدىشى سىنگىنى يالماپ كەتكەن.

قوشنىلار قاتتىق چىرقىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلگەندىن كېيىن سىنگىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە ئوت تۇتۇشۇپ ئوت شارىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان، قوشنىلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ سىنگىنىڭ ئۈستىدىكى ئوتنى ئۆچۈرمەكچى بولغان، ۋەقەدە پىرۇمنىڭ پۇتىمۇ كۆيۈپ يارىلانغان.

قوشنىلار ئەر-ئايال ئىككىلىسىنى دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئاپارغان بولۇپ، سىنگىنىڭ يارىسى بەكلا ئېغىر بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، پىرۇم ئىسىملىك ئايال نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانماقتا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، پىرۇم يولدىشى سىنگىدىن ئىككى ياش چوڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان، ھازىر ئۇلارنىڭ بەش ئايلىق بولغان بالىسى بار ئىكەن.

پىرۇم ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ھەم قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ساقچىلار پىرۇمنىڭ يولدىشىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتىكى باھانىسىنىڭ ناھايىتى غەلىتە ھەم تېتىقسىز ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن.

ماتىرىيال سۈرەت

سىنگىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاكىسى بىلەن يەڭگىسى تويدىن بۇرۇن بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىغان بولۇپ، ئۇلار تويدا تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەن، يەڭگىسى سىنگىنىڭ چىرايىنىڭ قاپقارا ھەم كۆرۈمسىزلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كەتكەن، ئاكىسىمۇ يەڭگىسىنىڭ قىلىقلىرى سەۋەبلىك ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭغا ئىللىق چىراي ئاچماي كەلگەنىكەن.

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پىرۇمنىڭ يولدىشىغا بولغان ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن، ئۇ ئاخىرى ئۆچمەنلىكىنى باسالماي يولدىشىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

بۇ ئىش توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ كۈچلۈك مۇنازىرىسىنى قوزغىغان، بەزىلەر: «ھازىر دەل چىرايغا باقىدىغان زامان بولۇپ كەتتى» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بەزىلەر: «كۆرۈمسىز كىشىلەر ھەر ۋاقىت ئۆز جېنىغا ھوشيار بولۇپ يۈرمىسە بولمىغۇدەك» دېگەن.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章