ئارات ئىسىملىك بەش ياشلىق بالا نام چىقىرىشقا باشلىدى، سەۋەبى ئۇنىڭ پۇتبول تېخنىكىسىنىڭ ئىنتايىن قالتىس بولغانلىقىدا، نەچچە مىليون مەستانە ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشماقتا.
ئىرانلىق بۇ بالا كىچىكىدىن باشلاپلا تەنھەرىكەت تالانتىنى نامايەن قىلغان، ئۇ ئىككى ياش ۋاقتىدا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى گىمناستىكا ھەرىكەتلىرىنى تاماملىغان، ئارقىدىن دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۇتبول تېپىشكە باشلىغان بولۇپ، كىشىنى چۆچىتىدىغان تالانتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئاراتنىڭ توپنى ئېلىپ ئالداپ ئۆتۈشلىرى ئادەتتىكى ئىش ھېسابلىنىدۇ، تېز سۈرئەتتە توپ ئېلىپ مېڭىش جەريانىدىمۇ باشقىلارنى ئالداپ ئۆتەلەيدىغان بولۇپ، توپنى مېسسىغا ئوخشاش ئېلىپ ماڭىدۇ دېيىشكە بولىدۇ، بەش-ئالتە توپچىمۇ ئۇنى مۇداپىيە قىلىپ بولالمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاراتنىڭ پاس بېرىش ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، بۇ تالانت ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەمدە ھاياجانغا سالىدۇ.
ئۇ توپنى ئالغاندا توپقا قارىمايمۇ ئېلىپ ماڭالايدۇ، بۇ ئۇنىڭ توپ بىلەن بىرىكىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن، ئىپادىسى، تالانتى، ئىقتىدارى تەڭ بالىلارنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئارقىدا قالدۇرغان.
ئاراتنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۇنى قىزلارغا ئوخشىتىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۇسلۇبى مېسسىغا ئوخشايدۇ، لېكىن بەدىنى ۋە ئىرادىسى كىرىستىيانو رونالدوغا ئوخشايدۇ، ئۇ مۇسابىقە جەريانىدا مۇسكۇللىرىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولۇپ، يەنە تېخى كىرىستىيانو رونالدونىڭ تەبرىكلەش ئۇسۇللىرىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
ئاراتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئەگەشكۈچىسى ئىككى مىليوندىن ئاشتى، ئۇ بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە داڭلىق پۇتبولچىغا ئايلىنىشى مۇمكىن، كەلگۈسىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈتۈپ باقايلى.