لى شياۋلوڭنىڭ ئەسلى ئىسمى لى جېنفەن بولۇپ، يې ۋېننى ئۇستاز تۇتقان، ئۇ دۇنيا ئېلىشىش ساھەسىگە ئىنقىلاب ئېلىپ كەلگەن شەخس، گۇمپا تېخنىكى، گۇمپا پەلسەپەشۇناسى، UFCنىڭ بەرپاچىسى، MMA ئاتىسى، گۇمپا كىنولىرىنىڭ روياپچىسى ۋە كەستمە مۇشت گۇمپىسىنىڭ ئىجادچىسى، جۇڭگولۇق گۇمپا ئارتىسى، جۇڭگو گۇمپىسىنى تۇنجى بولۇپ دۇنياغا تونۇتقۇچى. سۈرەتتە ئۇ قولىغا بىر پىچاق ئېلىۋالغان بولۇپ، بىر خىل لۈكچەك چىراي كۆرۈنگەن.
ئەنئەنىۋى گۇمپا مەشىق قىلىۋاتقان لى شياۋلوڭ
داشۆ مەزگىلىدە ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە زېھنىنى گۇمپا تەتقىقاتىغا قاراتقان، مەكتەپتە «جۇڭگو گۇمپا ئەترىتى»نى قۇرۇپ دائىم مەشىق قىلغان، ئويۇن قويغان، باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىنى قولغا كەلتۈرگەن، سۈرەتتە ئۇ داشۆدە ئىككى بارمىقى بىلەن يەر بېغىرلاۋاتىدۇ.
مەشىق قىلىۋاتقان لى شياۋلوڭ، بۇ ھەرىكەتنى گۇمپا مەشىق قىلىپ باققانلار بىلىدۇ، قىلماق ئاسان ئەمەس، قورساقنىڭ كۈچى بولمىسا قىلغىلى بولمايدۇ.
لى شياۋلوڭ ھەر خىل گۇمپىلارنى پۇختا ئىگىلىگەندىن سىرت، قول كالتەك، قىسقا كالتەك، ئۇزۇن كالتەك ۋە باشقا قوراللاردىن پايدىلىنىشقىمۇ ماھىر ئىدى. داشۆنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا مەكتەپ ھويلىسىدىكى ماشىنا توختىتىش بۇلۇڭىنى ئىجارە ئېلىپ، گۇمپا سارىيى قىلىپ، قېتىرقىنىپ مەشىق قىلغان، ماھارەت جەھەتتە زور ئىلگىرلىگەن، جېن فەنگو گۇمپا سارىيىدا ئۇ گۇمپا ئۆگىنىشكە كەلگەن تىببىي شۆيۈەننىڭ ئوقۇغۇچىسى لىندا بىلەن تونۇشقان. سۈرەتتە ئۇ مەشىق قىلىۋاتىدۇ.
1964-يىلى يازدا لى شياۋلوڭ بىلەن لىندا توي قىلىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەيدۇ، 17 كۈندىن كېيىن داشۆدىكى چىركاۋدا توي قىلىدۇ، تويدىن كېيىن لى شياۋلوڭ ئەر-ئايال ئىككىلىسى ئوقۇشتىن چېكىنىپ، بىللە گۇمپا سارىيىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، سۈرەتتە لى شياۋلوڭ ئوغلى لى گوخاۋ بىلەن بىللە.
باشمالتىقىنى چىقىرىۋاتقان لى شياۋلوڭ.
ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن لى شياۋلوڭ
لى شياۋلوڭ ئىتى بىلەن
ساقال قويۇۋالغان لى شياۋلوڭ، 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى 33 ياشلىق لى شياۋلوڭ ئايال چولپان دىڭ پېينىڭ ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھېلىغىچە بىر سىر پېتى قالىدۇ.