ئالاھىدە شارائىتتا پوچتا كەپتىرىنىڭ سۈرئىتى توردىنمۇ تېز بولىدۇ

文摘   2024-11-01 23:38   新疆  


يېقىندا ئېلان قىلىنغان تۇنجى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ سۈرىتىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار 4PB سانلىق مەلۇماتنى (بۇنى MP3 فورماتىغا ئايلاندۇرساق 8000 يىلدا ئاران ئاڭلاپ بولغىلى بولىدۇ) توپلىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرنى توردا يوللىغاندىن پوچتا ئارقىلىق يوللاپ بېرىش ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ تېز ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى «sneakernets» ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ سۆز تور ئارقىلىق چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش سۈرئىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر قاتتىق دىسكىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنگە يەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇل يەنە پىيادە مېڭىش، پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈش ۋە تېخىمۇ غەلىتە ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسىلەن، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان پوچتا كەپتىرى.

ئامېرىكا ئېلېكترون ۋە ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىرى جەمىيىتى IEEE يېقىندا بۇ ھەقتە بىر قىزىقارلىق ھېسابلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئالاھىدە شارائىتتا، كەپتەرنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈش سۈرئىتى توردا يەتكۈزۈشتىنمۇ خېلىلا تېز بولىدىكەن.

بۇ يىل 2-ئايدا SanDisk دۇنيادىكى تۇنجى 1TB سىغىمدىكى (1PB=1024TB)MicroSD كارتىسىنى بازارغا سالدى. بارلىق MicroSD كارتىلىرىغا ئوخشاشلا بۇ MicroSD كارتىسىنىڭ ھەجىمىمۇ ناھايىتى كىچىك. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 11 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى بىر مىللىمېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى ئاران 250 مىللىگرام كېلىدۇ، يەككە سېتىلىش باھاسى 550 ئامېرىكا دوللىرى.

ھازىر كومپيۇتېرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا كۆنۈپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، بۇنداقmicroSD كارتىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيمىز. ئەمما بۇ ئۇچۇر IEEE تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئۇلار ئالدى بىلەن مارىلان ئىشىتاتىدىكى مۇسابىقە كەپتىرى ھەۋەسكارى جىرىۋ لىسوفسكى Drew Lesofski نى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ كەپتەرنىڭ 75 گىرام (ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر) ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى ئاسانلا ئېلىپ يۈرەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ كەپتەرنىڭ ئۇچۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. لىسوفسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەپتەرنىڭ ئۇچۇش ئارىلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن. ئىلگىرى بىر كەپتەر دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، فىرانسىيەنىڭ ئاراستىن باشلاپ ئۇچۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋىيېتنامنىڭ خۇجىمىڭ شەھىرىدىكى ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇچۇش ئارىلىقى 11 مىڭ 500 كىلومېتىرغا يەتكەن، پۈتۈن مۇساپىنى 24 كۈن ئىچىدە تاماملىغان ئىكەن.

كەپتەرنىڭ ئۇچۇش ئارىلىقى ئادەتتە تەخمىنەن مىڭ كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ھەمدە سائىتىگە 70 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۇچالايدۇ. بەزى كەپتەرلەرنىڭ قىسقا ئارىلىققا ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە ھەتتا 177 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

IEEEE بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى بىرلەشتۇرۇپ، بىر كەپتەر ئەڭ ئېغىر بولغاندا 75 گىرام يۈكنى يۆتكىيەلەيدۇ دەپ قارالسا، ئۇنداقتا بۇ كەپتەر تەخمىنەن 250 مىللىگىرام كېلىدىغان كارتىدىن 300 نى يەنى 300TB سانلىق مەلۇماتنى يەتكۈزەلەيدۇ. كەپتەر بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى سان فرانسىسكودىن نيۇ يوركقا (4130 كىلومېتىر)غا يەتكۈزسە، ھەر سائىتىگە تەخمىنەن 12TB سانلىق مەلۇماتنى يەتكۈزەلەيدۇ دېگەن گەپ. بۇ توردا يوللاش سۈرئىتىدىن نەچچە ئون ھەسسە تېز.

ئامېرىكىدىكى ئەڭ تېز سانلىق مەلۇمات يوللاش سۈرئىتى 127.0 Mbps بولۇپ، مۇشۇ يوللاش سۈرئىتى بويىچە 300TB سانلىق مەلۇماتنى 240 نەچچە كۈن يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

IEEE نىڭ تەتقىقاتچىلىرى پەرەز قىلىپ، توردا 150TB سانلىق مەلۇماتىنى يەتكۈزۈشكە كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ كەپتەرنىڭ يەر شارىنىڭ يېرىمى ئايلىنىپ ئۇچۇشىغا كەتكەن ۋاقىت بىلەن تەڭ بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، بۇ يەر شارىدىكى ھەرقانداق بىر جايدا چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى كەپتەر ئارقىلىق يەتكۈزۈشنىڭ تور ئارقىلىق يوللاشقا قارىغاندا تېخىمۇ تېز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章