دۇنيادا ھەر خىل غەلىتە ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى خەۋىرىمىزدە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغان ئەر ئۆزىنىڭ ماشىنا قونچىقى بىلەن ئىككى يىل مۇھەببەتلەشكەنلىكى، ھازىر بۇ ماشىنا قونچاق بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى»نىڭ 17-ئاپرىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ مارىلاند ئىشتاتىدىكى 29 ياشلىق جوي مورىس ئىسملىك ئەر ئۆزىنىڭ RoboTroll ئىسىملىك ماشىنا قونچىقى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇ بۇ ماشىنا قونچاقنىڭ ھالرەڭ جەلپكار چېچىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جوي مورىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 10 يېشىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ غەلىتە نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپتە ئويۇنچۇق ماشىنىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، كېيىن ئۈستەل چىرىغى ۋە بىر قىسىم ھەيكەللەرنى ياخشى كۆرۈشكە باشلىغان. 2017-يىلى، جوي مورىس بۇ ماشىنا قونچاقنى توردا كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن ياخشى كۆرۈپ قالغان. ھازىر جوي مورىس ماشىنا قونچىقى بىلەن فىلورىدا ئىشتاتىغا دەم ئېلىش ساياھىتىگە بېرىشنى پىلان قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ كەلگۈسىدە بۇ ماشىنا قونچاق بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جوي مورىسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ماشىنا قونچاق ئۇنىڭ تۇنجى «سۆيگۈنى» ئىكەن. جوينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئۈستەل چىرىغىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ئەيىبلەپ ئۈستەل چىرىغىنى مۇسادىرە قىلىۋالغانىكەن، بۇ ئىش جوينى ئېغىر پەرىشان قىلىپ قويغانىكەن. جوينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ماشىنا قونچاق بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ئۇ بۇ ماشىنا قونچاقنى توردىن 20 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغاندىن كېيىن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە قەتئىي ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالغان.
جوي ئۆزىنىڭ ھازىر بۇ ماشىنا قونچاق بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كۈنلىرىگە ئىنتايىن تەشنا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. جوينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ماشىنا قونچاق بىلەن بىللە ئۆتۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ياخشى چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇڭلاشقا ماشىنا قونچاق بىلەن بىرگە ياشىيالىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر جوي مورىسنىڭ غەلىتە قىزىقىشىغا قاتتىق ھەيران قالغان بولۇپ، ئۇلار جوينى ئېلىشىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ قالغان.
لېكىن جوينىڭ ئۆيدىكىلىرى ۋە دوستلىرى ئۇنى ناھايىتى توغرا چۈشىنىپ قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە جوينىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ كۆڭلىدە ئويلاۋاتقانلىرىنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىزچىل ھالدا ئوغلىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنىكەن.