ئافرىقىدا تىمساھ بىلەن شىر ئىككى خىل مۇھىتتىكى نامى چىققان «ئوۋچىلار» بولۇپ، بۇ ئىككەيلەن ئوخشاشلا ئوزۇقلۇق زەنجىرىسىنىڭ چوققىسىدا بىر-بىرىگە «يانمۇ-يان» ئولتۇرۇشىدۇ. شىر ئاساسلىقى ئۇنىڭغا بىرلىكتە ماسلىشىپ بېرىدىغان «ئەل-ئاغىنە، خوتۇن-بالىلىرىنىڭ» ياردىمى بىلەن، بىپايان ئافرىقا يايلىقىدىكى ئۆزىگە قاراشلىق بولغان زېمىنلارنى بىخارامان سورايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا قاراشلىق زېمىنلارمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، بۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىدىغان جان-جانىۋارلارمۇ ئۇنى يېتەرلىك «ئىجارە ھەققى» بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە تىمساھنىڭمۇ بازىرى ئىتتىك بولۇپ، قولىدا «تۇتقان مېلى خىل» بولغانلىقى ئۈچۈن، سۇ ئىچكىلى كەلگەن ھەرقانداق تۈردىكى جانلىقلاردىن ھەقنى نېسى قىلماي، ھېساباتنى جايىدا قىلىپ ماڭىدۇ. ئادەتتە بۇ «بايۋەتچىلەر» بىر-بىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالسا، كۆپىنچە ھاللاردا نوچىلىقنى تاشلاپ ئۆز ئىشى بىلەن بولىدۇ. يەنى شىر سۇ ئىچكىلى بارغاندا تىمساھ ئۇنى كۆرمەسكە سالىدۇ، تىمساھنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئانچە-مۇنچە «ھاۋا يېگىلى» چىققاندا شىرمۇ ئۇنىڭغا بەك «چۈپەيلىك» قىلىپ كەتمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئافرىقا يايلىقى ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارمۇ ئايدا-يىلدا بىرەر قېتىم ئۇچرىشىپ قالسا قالىدۇ، بوممىسا ئۆزىنىڭ «تىرىكچىلىكىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە» يۈرىشىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ يەنىلا بەزى تەرساراقلىرى بار بولۇپ، بۇنداق ھايۋانلار ئۇچرىشىپ قالسا بىر-بىرى بىلەن قىزىرىشىپ قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
مانا بۈگۈنمۇ ئۆيدىكىلىرى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان بولسا كېرەك، شۇ ئاچچىقىدىلا قېيداپ كۆلدىن چىقىپ كەتكەن بىر تىمساھ، بىر دەم بولسىمۇ قۇلاق-مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن، يىراقراق بىر يەرگە بېرىپ ھاۋا يېگەچ ئۇخلاپ كېلەي دەپ، ئەتراپتىكى يايلاقنىڭ ئىچكىرسىگىرەك كىرىپ كەتتى. قۇرۇقلۇقتا گۇمپىسىنىڭ تازا ئېقىپ كەتمەيدىغانلىقى ئۆزىگىمۇ ئايان بولغاچقا، «ئەڭ ياخشىسى مېللىۋورا دېگەن كاساپەت كۆرۈپ قېلىپ بىكار ئاۋارە قىلمىسۇن» دەپ ئويلىغان تىمساھ، ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تاپماسلىق ئۈچۈن يولنىڭ بويىدىكى بولۇق ئۆسكەن چىملىقنىڭ ئارىسىغا كىردى-دە، كۆزىنى يۇمۇپ، خورىكىنى باشلىدى.
بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يولدىن تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن سەيلىگە بىرگە چىققان، يېڭىلا تونۇشقان بىر جۈپ «قىز-يىگىت» ئەركەك شىر بىلەن چىشى شىر قەدەملىرىنى رومانتىك ئېلىپ، «توينىڭ ئىشىنى سۆزلەشكەچ» كېتىپ باراتتى. ئەركەك شىر توختىماستىن چىشى شىرغا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئېيتىۋاتقاندا، «قىزچاق»نىڭ كۆزى تۇيۇقسىز يولنىڭ قىرىدىكى چۆپلۈكتە تۇرغان «كۆتەك» كە چۈشۈپ قالدى. ئۇ دەرھال ئەركەك شىرغا «ھەي قاراڭ، ئاۋۇ كۆتەكمۇ يا باشقا بىرنەرسىمىدۇ؟ ھەجەپ كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈندى دېسە؟» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەركەك شىرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى تۇتۇپ كېتىپ، كۆزلىرىنى «خورىكىنى دۆڭ تارتىپ» ئۇخلاۋاتقان تىمساھقا قاراتتى. بەلكىم ئۇمۇ تازا ئاڭقىرالمىغان بولسا كېرەك، «ئۆزەم بېرىپ بىر قاراي» دېگىنىچە، «چۈشىدە كالىنى پايلاپ تۇرغان» تىمساھنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى.
ئۇ تىمساھقا ئەمدىلا يېقىنلىشىغا، چۆپنى دەسسىگەندىن چىققان ئاۋاز سەزگۈر تىمساھنى بەكلا چۆچىتىۋەتكەن ئىدى. بەلكىم ئۇ چۈشىدە «كۆرۈۋاتقان كالىسىنى» تۇتۇۋالايلا دەپ قالغان بولسا كېرەك، ماۋۇ «ئاداشنىڭ» نەدىكى ۋاقىتتا كېلىپ، «پەيزى»نى ئۇچىرغىنىنى كۆرۈپ، شۇ ئاچچىقىدا ئالدىدا تۇرغىنىنىڭ شىر ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئاغزىنى يوغان كېرىگىنىچە شىرنى سەت «تىللاپ كەتتى».
قىز دوستىنىڭ ئالدىدىلا يۈز بەرمەي تىللىغان تىمساھنى كۆرۈپ ئەركەك شىر غورۇرى سەل يەرگە ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلىپ قالدى. ئۇ تىمساھنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ بىر ئاز ئويلىنىشقا باشلىدى. «ساراڭ بىلەن تەڭ بولغۇچە» دەپلا كېتىپ قالاي دېسە، «بىر چىرايلىق قىزنىڭ» ئالدىدا شىر دېگەن نامىمنى بۇلغاپ قويارمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالدى، ئۆزەمنىڭ قاندالىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي دېسە، ماۋۇ سەپرانىڭ بايىقى تەلەتىدىن جاندىن كەچكەن ساراڭدەكلا كۆرۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، يارىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايتتى. ئەركەك شىر ئاخىرىدا «نېمە كەتسە كەتسۇن، ما يۈز كەتمىسۇن جۇمۇ» دەپ ئويلىدى-دە، ئازراقمۇ يۈزىنى قىلمىغان تىمساھقا ئېتىلدى.
كىم بىلسۇن، سەپرا تىمساھ ئەسەبىيلەرچە چىرقىراپ، بەدەنلىرىنى ئىتتىك بۇراپ، شىرغا قىلچىلىكمۇ ھۇجۇم قىلغۇدەك پۇرسەت بەرمىدى. «ئوغۇل دوستىنىڭ» تازا قاملىشالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قىزچاقمۇ ئۇنىڭغا «ھە-ھۇ» دېيىشىپ، تىمساھنىڭ ئۇيان-بۇيىنىغا ئۆتۈپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئامال قىلالمىدى-دە، «بولدىلا، بۇ ساراڭنىڭ چىشىغا مەن تەگمىگەن بولغاندىنكىن» دېگىنىچە، يولنىڭ بويىغا يېنىپ چىقىۋالدى.
ئەركەك شىر گەرچە نۇرغۇن جەڭ تاكتىكىلىرىنى ئىشلىتىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن تەلۋىلەشكەن بۇ تىمساھقا پەقەتلا ئامال قىلالمايۋاتقان ئىدى. تېخى بۇ سەپرا ئەركەك شىرنىڭ قولىنى چىشلەپ ئۈزۈۋالغىلى تاسلا قالدى. بۇنىڭدىن سەل چۆچىگەن ئەركەك شىر «بولدىلا، بۇنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى دەپ جېنىمنى سېلىپ بەمەي يەنە، ساراڭ بىلەن تەڭ بولغان ئۆزى ساراڭ» دەپ ئويلاپ قالدىمۇ، تىمساھ بىلەن ئېلىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۈن-تۈنىنى چىقارماي، يولىغا راۋان بولدى. چىشى شىرمۇ بىر تىمساھقا بىر «ئوغۇل دوستىغا» قاراپ قويۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا ئەركەك شىرنىڭ كەينىدىن سوكۇلدىغىنىچە، تاماق سىڭدۈرۈشنى داۋام قىلدى.