نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇش زېرىكىشلىك، بەزىلەر سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنى، بەزىلەر پەرزەنتلىرىگە ياردەملىشىپ بالا بېقىشىنى تاللايدۇ. ئەنگلىيەلىك بىر ئەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پەرزەنتلىك بولۇشنى تاللىدى، ئۇنىڭ ئالتە يىل ئىچىدە 66 بالىسى بار بولدى، يەنە 14 بالىسى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا، ئۇ 100 پەرزەنتلىك بولۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى»نىڭ 27-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 62 ياشلىق كلېف ئەنگلىيەنىڭ دېربى ۋىلايىتىدىن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، مىنىبۇسنى ھەيدەپ ھەممىلا يەردە ساياھەت قىلىپ، پەرزەنت كۆرەلمەس ئائىلىلەرنى ئۇرۇق ئىئانە قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
كلېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئون يىل بۇرۇن ئۇ باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇرۇق تەقدىم قىلىش ئويىغا كەلگەن. 2013-يىلىدىن باشلاپ، كلېف تەقدىم قىلغۇچىغا ئايلانغان. كلايف بولكىۋاي ھەيدەپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 16 قېتىم ئىئانە قىلىدىكەن.
بۈگۈنكى كۈندە، كلېفنىڭ 66 بالىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە 14 بوۋاق تېخى تۇغۇلمىغان. كلېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ نىشانى «100 پەرزەنتلىك بولۇش» ئىكەن.
25 ياشلىق شارلوت دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بالىنىڭ ئانىسى، ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدىن ئىزدەش ئارقىلىق ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان كلېفنى تاپقان. شۇنىڭدىن كېيىن، شارلوت كلېف ئىئانە قىلغان ئىسپېرمىنى ئىشلىتىپ ھامىلدار بولغان ھەمدە تەخمىنەن 5.7 جىڭ كېلىدىغان بوۋاق تۇغقان.
كۆپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن، كلېف بىر توپ قۇرۇپ، بالىنىڭ ئانىسىنى توپقا قوشقان، شارلوتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن. شارلوت مۇنداق دېدى: «ئۇ ئىنتايىن ياخشى ئادەم، ئۇ ھەممە ئايالنى ئانا بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مۇلازىمىتى ھەقسىز.»
كلېف مۇنداق دېدى: «مەن شۇنچە كۆپ بالىلىق بولغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا رەھمەت ئېيتىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتىم. ماڭا نىسبەتەن باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئىنتايىن قالتىس ئىش، مەنمۇ بالىنى ياخشى كۆرىمەن.»