يېڭى توي قىلغان ھىندىستانلىق ئەرنىڭ ئايالىنى قوشنىسى بۇلاپ كەتتى

文摘   2024-11-14 19:56   新疆  

جاھاندا ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بەك كۆپ، بولۇپمۇ ھىندىستاندا سىز پەقەت ئويلاپ باقمىغان ۋە ئادەتتە كۆرەلمەيدىغان ئىشلار بەك كۆپ. يېقىندا ھىندىستانلىق بىر ئەرنىڭ قوشنىسى ئۇنىڭ ئەمدىلا توي قىلغان ئايالىنى بۇلاپ يىراققا ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلار بۇ دېلونى تۇتقۇن قىلىش گۇمانىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكشۈرمەكتە.

كېلىنچەكنى بۇلاپ كەتكەن ئەرنىڭ ئىسمى پاراياگى بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ كوچىدا كېلىنچەك ۋە يولدىشىنىڭ ماشىنىسىنى توسۇپ ئاپتوموبىلنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋېتىپ ئەمدىلا توي قىلغان قوشنىسىنى ئۇرغان. ھەمدە كېلىنچەكنى بۇلاپ كەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، پاراياگى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئايال بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باققان ئىكەن. لېكىن كېيىن ئىككىيلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئايال پاراياگىنىڭ قوشنىسىغا ياتلىق بولغان.

ئۇدەيپۇر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كەرەش مۇنداق دېدى: «بۇ ئەر-ئايال دۈشەنبە كۈنى توي قىلىپلا بۇنداق غەلىتە ئىش يۈز بەردى. كېلىنچەكنى قوشنىسى بۇلاپ كەتتى. نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ دېلونى تۇتقۇن قىلىش دېلوسى دەپ بېكىتتى».

ھازىر ساقچى تەرەپ قوغلاپ تۇتۇشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بۇ مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق تۇتقۇن قىلىش دېلوسى ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىكاردا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ۋەقەدە، بىر ئەر دوستىنىڭ ياردىمىدە ئىلگىرى مۇھەببەتلەشكەن كېلىنچەكنى تۇتقۇن قىلغان. لېكىن ساقچىلار ئاخىرىدا بۇلانغان بۇ كېلىنچەكنى تېپىپ دېلو سادىر قىلغان ئەرنى قولغا ئالغان.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章