كېتون ھاسىل قىلغۇچى تاماقلار تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاپلا قالماي، يەنە تېخى چېنىقىپ ئورۇقلايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ تاللىشى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ خىل تاماق ئادەم بەدىنىدىكى ياغ ماددىسىنى ئازايتىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدىغان بولۇپ، يەنە تېخى مۇسكۇلنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. گەرچە ئەنئەنىۋىي كېتون ھاسىل قىلغۇچى تاماقلاردا كاربونات ئاز بولىدۇ، لېكىن بۇ بالىنىڭ «قىلمىشى» تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن، چۈنكى ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن كاربونات ئىستېمال قىلمايدىكەن.
ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ ئۈچ يىل چېنىققانلىقىنى ۋە شېكەر يەپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر ئۇنىڭ چېنىققاندىن كېيىنكى ھالىتى، بەدەندىكى ياغنىڭ نىسبىتى ئارانلا %4، كىشىنى چۆچىتىدۇ!
Tristyn Lee ئىسىملىك بۇ يىگىت بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن، ئۇ 12-13 يېشىدىن باشلاپلا شىكەر سىيرىشنى باشلىغان بولۇپ، لېكىن تورداشلار بۇنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Tristyn Leeنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.52 مېتىر، ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرام بولۇپ، گەرچە دوختۇرلار ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ 1.70 مېتىر ئەتراپىغا يېتىشى مۇمكىنلىقىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى يەنىلا ئىنتايىن تەس. ئۇنداقتا، بۇنداق شىكەر سىيرىش راستىنلا بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ ئىنسانشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنسانلار 8000 يىل ئىلگىرى ھايۋان ۋە مېۋە يېيىشكە ئادەتلەنگەن، بۇغداي، گۈرۈچ ۋە باشقا خىل دانلىق زىرائەتلەرنى يېمەيدىكەن، شۇڭا بويى ئېگىز بولغان. لېكىن، ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكىدە كاربون سۇ بىرىكمىسى كۆپ، شۇڭا سېمىز ھەم پاكار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
بۇ Tristyn Leeنىڭ چېنىقىش داۋامىدىكى تاماق يېيىش ئۇسۇلىنىڭ ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا باشقا سەۋەب بار. بەزىلەر چېنىقىش كىشىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دېيىشىدۇ، لېكىن بىلىشىمىز كېرەككى، چېنىقىش كىشىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى توسۇپ قويمايدۇ، بەدەندىكى ياغ نىسبىتى ۋە گېن يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.