ياڭجوۋلۇق شېن فامىلىلىك ئايال نەچچە يىل بۇرۇن نەنتوڭغا كېلىپ كىيىم-كېچەك سودىسى قىلغان. كېيىنچە ئالدامچىلىق كويىغا چۈشكەن. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇرنىغا سۇ كىرمەستىن يەنە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ مېڭىۋەرگەن.
بۇندىن بۇرۇن، شېن فامىلىلىك يالغاندىن مۇھەببەتلەشكەن بولىۋېلىپ، نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان، ھەمدە 90 مىڭ يۈەندەك پۇللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. 2017-يىلى، رۇگاۋلىق بىر زىيانلانغۇچىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشى بىلەن قولغا چۈشكەن. شۇ چاغدا، ئۇ ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، سوت ئېچىلغاندا قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئۇنىڭغا قارىتا قوغلاپ تۇتۇش ئېلىپ بارغان. قېچىش جەريانىدا، شېن فامىلىلىك پۇل تېپىشنىڭ يەنە بىر ئامالىنى ئويلاپ تاپقان. ئۇ بۇرۇن باشقىلار بىلەن توي قىلماي بىر ئۆيدە تۇرغان بولۇپ، بىر بالا تۇغقاندىن كېيىن، بالىنى 50 مىڭ يۈەنگە باشقىلارغا بېرىۋەتكەن ئىكەن.
مۇشۇ ئىشنىڭ ئىلھامى بىلەن، شېن فامىلىلىك نەنتوڭ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانا تازىلىق ئىشچىسى ئارقىلىق بالا بېقىۋېلىش ئېھتىياجى بار ئائىلىلەرنى ئىزدەپ تاپقان، ھەمدە ئۆزىنىڭ «ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى، لېكىن بالىنى باقالىغۇدەك شارائىتى يوقلىقىنى» ئېيتقان، ھەمدە قارشى تەرەپ بىلەن كېلىشىپ، بالىنى تۇغقاندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ بېقىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان. كېيىن، ئوزۇق پۇلى، دوختۇرغا كۆرىنىش پۇلى، تۇغۇت رۇخسىتى ئىسپاتى بېجىرىش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، قارشى تەرەپتىن پۇل ئۈندۈرۈۋالغان.
زىيانلانغۇچى ئەر-ئايال ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ، شېن فامىلىلىككە ئالدى-كەينى 20 قېتىم، جەمئىي 34 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن. ھالبۇكى، پاختىدا چوغ ساقلىغىلى بولمىغىنىدەك، ۋاقىت ئۇزانغانسېرى شېن فامىلىلىكنىڭ ئالدامچىلىقى ئاشكارىلىنىپ يەنە بىر قېتىم قولغا چۈشكەن.
ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىشىچە، شېن فامىلىلىك بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر ئۇسۇل بىلەن يەنە باشقا بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ 5000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىكەن. بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى شېن فامىلىلىك تەرىپىدىن خەجلەپ تۈگىتىلگەن.
يېقىندا، رۇگاۋ سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قارىتا سوت ئاچقان. ئەڭ ئاخىرىدا، شېن فامىلىلىك ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك تۆت يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ساقچى تەرەپ شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئۆزى تۇغقان بالىلارنى سېتىۋېتىشمۇ ئوخشاشلا جىنايەت. قارشى تەرەپنىڭ بالا ئېلىپ-ساتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تونۇشتۇرغان، مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن، ياردەم قىلىغانلارنىڭ ھەممىسىلا جىنايەت. 2010-يىللىق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى، ئەدلىيە تارماقلىرى بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتقان «ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ ساتقۇچىلارنى قانۇن بويىچە جازىلاش پىكىرى»دە «قانۇنسىز مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئۆزى تۇغقان بالىلارنى سېتىۋېتىش قىلمىشى ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش قىلمىشى بىلەن ئوخشاش جازاغا تارتىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.