تۆمۈر يول ئىدارىسى تۆمۈر يولدا ئۆلۈۋالغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن پويىزنى كېچىكتۈرگەنلىك جەرىمانىسى ئالىدۇ.
ياپونىيە پويىزلىرىنىڭ ۋاقتى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى توغرا بولۇپ، ناۋادا پويىز سەللا كېچىكىپ قالسا كەچۈرۈم سوراش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ، پويىز كېچىكىپ قالغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ.
پويىزنىڭ يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىدە پويىز ئىستانسىسى «ئىتتىرگۈچى» ئارقىلىق يولۇچىلارنى قىستاپ، پويىزنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، پويىزنىڭ دەل ۋاقتىدا قوزغىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
پويىز خادىملىرى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ خاتالىق كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ قارىماققا بىرئاز غەيرىي بىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ كىمگە ئەھۋال دوكلات قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ.
پويىز بالدۇر قوزغىلىپ قالسىمۇ ئۇلار يولۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورايدۇ.
بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ پويىزغا سوقۇلۇپ يارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پويىز يۇقىرى ئاۋازدا 20 سېكۇنت ئىت قاۋىغان ئاۋازنى چىقىرىپ ئۇلارنى ئەسكەرتىدۇ.
پويىز بېكەتتىن ئايرىلىش ئالدىدا مودا مۇزىكا چىقىپ تۇرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق يولۇچىلارنى تېزرەك پويىزغا چىقىشقا ئۈندەيدۇ.
جىنسىي پاراكەندىچىلىك كۆپ يۈز بەرگەچكە، ياپونىيەدە مەخسۇس ئاياللار ۋاگونى تەسىس قىلىنغان.
ياپونىيە مەدەنىيىتىدە، ئاممىۋى سورۇندا ئۇخلاش ناھايىتى نورمال ئەھۋال، شۇڭا پويىز ئىچىدە ئۇخلاپ قالغان يولۇچىنى ئويغىتىش ناھايىتى ئەدەپسىزلىك.
كىشىلەر كۆك رەڭنىڭ ئادەمنى ئېغىر-بېسىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا ۋوگزالدا كۆك رەڭلىك چىراغ يېقىش ئارقىلىق ئۆلۈۋالماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇيدۇ.