دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماتور سائىتىگە 15 توننا ماي يەتمەيدۇ

文摘   2024-11-03 23:16   新疆  

يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسى يېقىندا بىرلىكتە «قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر توغرىسىدىكى ئېلان» نى تارقىتىپ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن ساھەلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. ئېلانغا ئاساسلانغاندا تەييار ماينىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتى %16 تىن %13 كە تۆۋەنلىگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ باھاسى بەش قېتىم ئۆستى ۋە بىر قېتىمدىلا تېيىز سۇدا توختاپ قالدى. بۇ قېتىمقى (4-ئاينىڭ 1- كۈنى) چۈشۈش دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىشى بولۇپ ئەمدى كۆپ ساندىكى رايونلارنىڭ بېنزىن باھاسى يەنە «ئالتە يۈەن دەۋرى» گە قايتتى.

كۆپ ساندىكى ئاپتوموبىل بار ئائىلىلەر ئۈچۈن ماي باھاسى بىر پۇڭ چۈشسىمۇ يەنىلا پۇل تېجىگىلى بولىدۇ. ئەمما بەزى «ماي ئىچىدىغان يولۋاس(路虎لەندىروۋېر)» نىڭ ئاپتوموبىل ئىگىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەر قېتىم ماي قاچىلاش جەدۋىلىنى كۆرگەندە يەنىلا ژۈرەك ئاغرىيدۇ. ئەمما ھازىر ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ماي سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ، ئائىلە ئاپتوموبىللىرىمۇ بارغانسېرى ماي تېجەۋاتىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى موتورغا يولۇققاندا ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ماي سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئامالسىز قالىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ دېگەن 14 سىلىندىرلىق ماتور ئەمەسمۇ.

فىنلاندىيەدىكى ۋاشىران شىركىتى ئىشلەپچىقارغان RT-flex96C ماتورى 14 سىلىندىرلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن دىزېل موتور بولۇپ بىر سىلىندىرنىڭ چىقىرىش مىقدارىلا 1820 لىتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن ماتورنىڭ ئايلىنىش ۋاقتىدىكى يېقىلغۇ ماي سەرپىياتى سائىتىگە 15 مىڭ لىتىر، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 80080Kw لىق قۇۋۋەت چىقىرالايدۇ. بۇ تەخمىنەن 109 مىڭ ئات كۈچىگە تەڭ كېلىدۇ. ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى0000760  N·m غا يېتىدۇ. پورشېننى قۇراشتۇرۇشقا تۆت ئادەم ئورتاق ماسلىشىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ماتورنىڭ ئۇزۇنلۇقى 27.3 مېتىر، ئېگىزلىكى 13.5 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ بىر تۆت قەۋەتلىك بىناغا باراۋەر كېلىدۇ.

RT-flex96Cنىڭ مەخسۇس پورشېنى

RT-flex96Cنىڭ مەخسۇس تۇربىنىسى

لېكىن بۇنداق چوڭ ماتور قانداق قاچىلىنىدۇ؟

ۋاشىرانRT-flex96Cماتورى ئايرىم گەۋدىلىك قۇراشتۇرۇش شەكلىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولغاچقا ھەر قايسى زاپچاسلارنى لايىھىلەش ۋە ياساش تاماملانغاندىن كېيىن كورېيەدىكى باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىغا ئاپىرىلىپ قۇراشتۇرۇلىدۇ، ھەمدە قۇراشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بىۋاسىتە قاچىلاپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارىلىقتىكى توشۇش ھالقىسى تېجەپ قېلىنىدۇ.


RT-flex96Cنىڭ كورېيەدىكى باش قۇراشتۇرۇش لېنىيىسى

RT-flex96Cنىڭ كەسپىي كرانى

بۇ غايەت زور ماتور تېخنىكا جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور يارقىن نۇقتىغا ئىگە. ۋاشىرانRT-flex96C ماتورىغا يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال ئىشلىتىلىپ ئىچكى قۇرۇلما كۈچىنىشى تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى پاراخوت ماتورىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى بىخەتەرلىك ۋە چىدامچانلىققا ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسراش جەھەتتە تېخىمۇ قولاي.

RT-flex96C ماتورى دىزېل ماتور بولۇپ مەخسۇس چوڭ تىپتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك ترانسپورت كېمىسى ئۈچۈن ياسالغان  ئىقتىسادىي تىپتىكى ئىتتىرىش سىستېمىسى. تۇنجى RT-flex96C نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يۈك پاراخوتى بولغان ئېمما مىرسك (Emma Maersk) ناملىق پاراخوتقا سەپلەنگەن. بۇ پاراخوت 11 مىڭ ئۆلچەملىك يۈك بېسىش ساندۇقى بېسىلغان شەرت ئاستىدا سائىتىگە 31 دېڭىز مىلى سۈرئەت بىلەن يۈرەلەيدۇ، جۇڭگودىن ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيەگە بېرىش ۋاقتى ئادەتتىكى يۈك پاراخوتىدىن تۆت كۈن قىسقا بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماتور RT-flex96C نىڭ تۆھپىسىدۇر.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章