يولۋاس ئىنتايىن قورقۇنچلۇق يىرتقۇچ ھايۋان. ئادەتتە بىز يولۋاسنى پەقەت ھايۋاناتلار باغچىسىدا ياكى سېرىك ئۆمىكىدىلا ئۇچرىتالايمىز. ئادەتتىكى ئەھۋالدا يولۋاس ئادەم يېمەيدۇ. چۈنكى يولۋاس ئاساسەن ئورماندا ياكى يايلاقلاردا ياشايدۇ، ئىنسانلار بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىدۇ. ئىنسانلار بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جاي ناھايىتى يىراق، شۇڭا ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلالمايدۇ. بىراق يولۋاس ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئادەم يېگەندىن كېيىن ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز؟
ئىلگىرى ھىندىستان ۋە نېپال چېگرىسىدا بىر يولۋاس بىر ئادەمنى يەۋەتكەندىن كېيىن قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدىلا ھىندىستان ۋە نېپال ئىككى دۆلەتتىكى 436 ئادەمنى يەۋەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئوۋچى جىم كوبىرت بۇ يولۋاسنى ئېتپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئادەم يېيىشتىكى مەخپىيەتلىكىنى بايقىغان.
ئەسلىدە بۇ خىل يولۋاس كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق يىرتقۇچ بولماستىن يېشى ئىنتايىن چوڭ قېرى يولۋاس ئىكەن. يولۋاسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار ئىنسانلار بىلەن ئۇچرىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. پەقەت بىر قىسىم قېرى ياكى يارىلانغان يولۋاسلارلا ئىنسانلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. چۈنكى ئۇلارچە بولغاندا، باشقا ھايۋانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنسانلار بەكرەك ئاجىز، ھېچقانچە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى يوق. شۇنداقلا يەنە باشقا ھايۋانلاردەك ئۇنچە سەزگۈر ۋە چاققان ئەمەس. شۇڭا يولۋاس ئىنسانلارغا بىر قېتىم قول سالغاندىن كېيىنلا ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ مەززىلىك لوق گۆش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ-دە، شۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئولجىغا قىزىقماي ئىنسانلارنىلا ئوۋلايدۇ.
شۇڭا مەيلى ھايۋاناتلار باغچىسى ياكى سېرك ئۆمىكى بولسۇن يولۋاس بىلەن يولۋاس باققۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى بەك ياخشى. لېكىن بۇرۇن ئادەم يەپ باققان يولۋاس بولۇپ قالسا چوقۇم ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، يوۋاسنىڭ ھەرىكەت رايونىدىكى ئىنسانلار ناھايىتى زور خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ.