ياپونىيەگە بارغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى تورخانىدا ياتىدۇ، چۈنكى...

文摘   2024-11-06 21:03   新疆  

نۇرغۇن كىشىلەر ئىقتىسادىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ، ياپونىيىگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ئويلىشىدۇ . ياپونىيە بەزى جەھەتلەردە ھەقىقەتەن يامان ئەمەس ، ئۆزگىچە كارتون مەدەنىيىتى ، جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ، مەززىلىك خام بېلىق پارچىسى ، پاكىز مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ ئادەمنى قىززىقتۇرىدۇ . لېكىن ، ياپونىيەنىڭ ئىستېمالى تۆۋەن ئەمەس . ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى ، تۇرمۇش خىراجىتىمۇ كۆپ ، بۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بەزى يولۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھەقىقەتەن ھېچقانداق پايدىلىق خەۋەر ھېسابلانمايدۇ . بىراق ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بىزگە ياپونىيىدە تۇرىدىغان ياخشى جاينى ئېيتىپ بەردى .  


ئۇ بولسىمۇ ياپونىيەنىڭ تورخانىسى ، نۇرغۇن كىشىلەر :تورخانا تورغا چىقىپ ئويۇن ئوينايدىغان جاي ئەمەسمۇ ، قانداقسىگە ياتاق بولۇپ قالىدۇ؟ دەپ سورايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ياپونىيەنىڭ تورخانىسى دۆلىتىمىزدىكى تورخانىلارغا ئوخشىمايدۇ ، ئۇلار ئۆزگىچە مەدەنىيەتكە ئىگە ھەم يالغۇز كىشىلىك ئۆي بار . ياپونىيىگە ئەمدىلا بارغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار،  كىشىلەر كۆرگەندەك كىيىم - كېچەك ، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم - ئەندىشىسىز  ياشاۋاتقان ئەمەس ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ ، لېكىن ياپونىيەنىڭ ئۆي باھاسى بەك يۇقىرى ، ئۆي ئىجارە ئېلىش خىراجىتى ناھايىتى يۇقىرى ،  ياپونىيەدىكى تورخانىلاردا يالغۇز كىشىلىك ياتاق بار ، ئەڭ ئاخىرىدا ياخشى بىر  تۇرۇش جايى ھېسابلىنىپ قالدى ، شۇڭا ياپونىيىگە بېرىپ ساياھەت  قىلغاندا ، مۇۋاپىق مېھمانخانا تاپالمىسا ، بۇ خىل تورخانىغا بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرسا بولىدۇ . 


总的来说,日本网吧对一个拮据的人来说,的确是一个很好的去处,基本能够满足大部分的要求,如果找不到酒店了,不妨可以去住住看。پەقەت چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار تورخانىدا  تۇرماستىن  ،  يەنە نۇرغۇن ياپونلارمۇ  تورخانىدا  ياتىدۇ  ، چۈنكى باھاسى ئەرزان ، ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ھەم راھەت ، نۇرغۇن ياپونلار يۇقىرى ئۆي باھاسىنى ئۈستىگە ئالالماي ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ ، بۇ يەردە ئىككىنچى ئۆي  قىلىۋالدى.

ياپونىيەنىڭ تورخانىسىمۇ  باھاسىغا ئاساسەن 3 - 6 - 9 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ ، ئەڭ ئازراقىنى خەلق پۇلىغا  ھېسابلىغاندا ئون نەچچە  يۈەن بولىدۇ ، دەرىجىسى يۇقىرىراق بولسا بىر كۈندە تەخمىنەن 200 يۈەن  بولىدۇ ، لېكىن مەيلى قانچىلىك ياخشى بولسۇن ياكى قانچىلىك ناچار بولسۇن ، ھەممىسى مۇشۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان . ئالدى بىلەن ھەقسىز ئىچىملىك ۋە ھەجۋىي رەسىم رايونى بار ، تورغا چىقىپ چارچىغاندا ئاممىۋى رايونلاردا ئارام ئالسا بولىدۇ ،   تورخانىدا يالغۇز كىشىلىك ياتاق بار ، ئانچە چوڭ ئەمەس ، ئەمما ئادەمگە يالغۇز كىشىلىك بوشلۇق يارىتىپ  بېرەلەيدۇ ، ئەگەر ھارغان بولسىڭىز بۇ يەردە يېتىپ ئارام ئالسىڭىز بولىدۇ ، دەرىجىسى يۇقىرىلىرىنىڭ ئىچى ھەتتا بىر مېھمانخانا ياتىقىغا ئوخشايدۇ ، ھەر قانداق مۇلازىمەتنىڭ ھەممىسى بار. ھەتتا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىمۇ بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە ئاممىۋى يۇيۇنۇش مەركىزى بار . تاماق يېيىش ، ئويۇن - تاماشا قىلىش ، ئارام ئېلىش ، يۇيۇنۇشنىڭ  ھەممىسىنى ، بۇ يەردە تاماملىغىلى بولىدۇ  .  بۇ يەرنى باشقا تىپتىكى مېھمانخانا دېسىمۇ  مۇۋاپىق .


بىراق ، ياپونىيەنىڭ تورخانىسىدىمۇ ھەممە نەرسىنى ياخشى  دەپ كەتكىلى بولمايدۇ  ، كومپيۇتېر بىر قەدەر كونا ، بىر قەدەر يېڭى ئويۇن ئوينىغۇسى بار  كىشىلەرگە ،  ئالىي دەرىجىلىك  تورخانىنى ھازىرلىمىسا بولمايدۇ ، باھاسى ئەلۋەتتە بىر قەدەر يۇقىرى .مۇستەقىل تازىلىق ئۆيى يوق ، ھاجەتخانا ئاممىۋى رايوندا ، يالغۇز ئېغىزلق ئۆيى ئانچە چوڭ ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  ھاۋا ئۆتۈشمەيدۇ . 


ئومۇمەن ئېيتقاندا ، ياپونىيە تورخانىسى بىر قىس ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى جاي بولۇپ ، كۆپ قىسىم تەلەپلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ ، ئەگەر مېھمانخانا تاپالمىسا ، بېرىپ تۇرۇپ كۆرسە بولىدۇ . 

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章