ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا زىيادە گۇمانخورلۇق قىلىنسا تىراگېدىيە پەيدا قىلىدۇ. ھىندىستانلىق بىر ئەر كۈنبويى ئايالىنىڭ تاپتىن چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆيىگە 22 كامېرا ئورناتقان. تۇغقىنىنى كۈنبويى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان، ئايالىنىڭ يانفونىغىمۇ كۆزىتىش يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلىۋەتكەن.
نەتىجىدە كۈنبويى كۆزىتىلگەن ئايالى قەتئىي چىدىمىغان: ئۇ كالتەكتە ئېرىنىڭ بېشىنى يېرىۋېتىپ، ساقچىلاردىن ئاجرىشىشقا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنگەن.
ياخۇ ئاخباراتىنىڭ 22-مايدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستانلىق بۇ ئەر-خوتۇن بانگالوردىن بولۇپ، ئەر سۇتاشان 44 ياشلىق يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى ئىكەن، ئايالى ۋىنايادىن 11 ياش چوڭ ئىكەن. سۇتاشان ئەسلىدە ۋىنايانىڭ ئاچىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە چىققانىكەن، لېكىن ئاخىرىدا ۋىنايانى ياقتۇرۇپ قالغان.
سۇتاشان ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ۋىناياغا ئېرىشكەن، ئىككىسى 2010-يىلى توي قىلغانىكەن. لېكىن بۇ بىر نەچچە يىلدا سۇتاشان گۇمانلىنىشقا باشلىغان: ئۇ ۋىنايا ھەمىشە دەم ئېلىپ، ئاتالمىش ئاشنىسىنى ئىزدەپ بارىدۇ، دەپ قارىغان.
ۋىنايا ساقچىلارغا: «سۇتاشاننىڭ كۆزىتىشى بەكمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتتى، ئۆيدىكى كىچىك تىپتىكى كامېرالار 22گە يەتتى، ئاشخانىدىمۇ بار. بۇ كامېرالار ئۇنىڭ يانفونىغا ئۇلاقلىق، ئۇ مېنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىمنى كۆرەلەيدۇ» دېگەن.
سۇتاشان يەنە تۇغقىنىنى ئايالىنىڭ ئىزىغا چۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇ مەخسۇس يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى بىر فوتو ئاپپارات سېتىۋېلىپ ۋىناياغا ھەر ۋاقىت كۆز-قۇلاق بولغان. لېكىن بارلىق كۆزىتىش ئاماللىرىنى ئىشلىتىپمۇ ۋىنايادىن ھېچقانداق بىنورماللىق بايقىمىغان.
ۋىنايامۇ ئېرىگە كۆپ قېتىم: «ئاشنام يوق، سىرتقا چىقىپمۇ ھېچقانداق ئەر بىلەن كۆرۈشمىدىم، لېكىن سىز يەنىلا ماڭا ئىشەنمىدىڭىز» دېگەن. ۋىنايا تېخىمۇ چىداپ تۇرالمىغىنى شۇكى، سۇتاشان ۋىنايانىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا بىر يانفون سوۋغا قىلىپ يالغاندىن ياخشىچاق بولغان، ئەمەلىيەتتە، ئۇ يانفونغا كۆزىتىش يۇمشاق دېتالى قاچىلانغانىكەن.
ۋىنايا ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا كۆزىتىلىشكە قەتئىي بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئىككىسىنىڭ زىددىيىتى ئاخىرى ئېرى ۋىنايانىڭ باشقا بىر ئەر بىلەن سۈرەتكە چۈشكىنىنى بىلگەندىن كېيىن ئاشكارىلانغان، ئۇ ئەر ئەمەلىيەتتە ۋىنايانىڭ جىيەنى ئىكەن.
غەزەپلەنگەن ۋىنايا كالتەك ئېلىپ سۇتاشاننىڭ بېشىغا ئۇرغان، سۇتاشان دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ بېشى تىكىلگەندىن كېيىن ۋىنايانىڭ ئاجرىشىش ئەرزنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. ساقچىلار ئىككىسىنىڭ زىددىيىتىنى كېلىشتۈرمەكچى بولغان، لېكىن ۋىنايا ئاجرىشىش تاللىشىدا چىڭ تۇرغان.
سىزمۇ قىز دوستىڭىز ياكى ئايالىڭىزنى زىيادە كۈنلەمسىز؟