ئېغىرلىقى 1500 كىلوگىرام كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كالا

文摘   2024-11-03 23:16   新疆  

كالا بىز دائىم ئۇچرىتىدىغان چوڭ تىپتىكى ھايۋان، شۇنداقلا ئىنسانلار باقىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆي ھايۋىنى، يۇۋاش، چىدامچانلىقى بىلەن نام چىقارغان، ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن. گەۋدىسىمۇ چوڭ بولغاچقا دائىم تېرىقچىلىق، ھارۋا سۆرەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، دۇنيادا كالىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن: ئېلىمىزدىكى سېرىق كالا، سۇ كالىسى، قوتاز قاتارلىقلار، ئۇنداقتا دۇنيادا قايسى خىل كالا ئەڭ چوڭ؟

ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا بېقىلىدىغان كالا ئاساسلىقى سېرىق كالا بولۇپ، بۇ خىل كالىنىڭ ئېغىرلىقى 500 كىلوگىرامغا يەتمەيدۇ، ئادەتتە «500 كىلوگىراملىق چوشقا بار، 500 كىلوگىراملىق كالا يوق» دېگەن سۆزدە كۆزدە تۇتۇلغىنى دەل مۇشۇ خىل كالا، ئەمما بەزىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى دەرۋەقە 500 كىلوگىرامدىنئېشىپ كېتىدۇ، ھەتتا 1000 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، ئەمما بەكلا ئاز كۆرۈلىدۇ. جەنۇبتىكى سۇ كالىسىنىڭ گەۋدىسى سېرىق كالىدىن چوڭراق، ئېغىرلىقى ئادەتتە 500 كىلوگىرامدىن ئېغىر، ئايرىملىرىنىڭ ئېغىرلىقى 1000 كىلوگىرامدىن ئېغىر. قوتاز ئاساسلىقى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ياشايدۇ، ئېغىرلىقى سۇ كالىسىدىن پەرقلەنمەيدۇ.

ئادەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كالا ھىندىستان ياۋا كالىسى (ئاق پۇتلۇق ياۋا كالا) دەپ قارىلىدۇ، ئەمما بەزى سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن سىيىر ياكى گۆش كالىسىنىڭ گەۋدىسىمۇ ئىنتايىن چوڭ، ئەمما ئادەتتە كالىنىڭ تۈرىگە نىسبەتەن گەۋدىسى ئەڭ چوڭ بولغىنى ھىندىستان ياۋا كالىسى دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل كالىنىڭ تۈكلىرى قوڭۇر، قارا رەڭدە، بۇرنى ۋە ئاغزى كۈلرەڭدە، ئەمما كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى تۆت پۇتىنىڭ تىزىنىڭ ئاستى ئاق رەڭدە، شۇڭا ئاق پۇتلۇق ياۋا كالا، ئاق پايپاقلىق كالا، ئاسىيا ياۋا كالىسى قاتارلىق ناملاردا ئاتىلىدۇ.

ھىندىستان ياۋا كالىسى ئاساسلىقى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا ياشايدۇ، ئېلىمىزدىكى يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى بار، گەۋدىسى چوڭ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.5~3.3 مېتىر ئارىلىقىدا، گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1.9~2.2 مېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 0.9~1 مېتىر، سىيىرنىڭ ئېغىرلىقى 750 كىلوگىرام ئەتراپىدا، بۇقىنىڭ ئېغىرلىقى 1000 كىلوگىرام ئەتراپىدا، چوڭراقلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 1500 كىلوگىرام ئەتراپىدا.

ھىندىستان ياۋا كالىسىنىڭ ياشاش دائىرىسى كەڭرى، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەمما ئاساسلىقى ئېگىزلىك رايونىدا ياشايدۇ، پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تىك يۆنىلىشلىك كۆچىدۇ، ياز پەسلىدە كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلاردا ياشايدۇ، ھاۋا سوۋۇغاندا تۆۋەنگە كۆچىدۇ، ئۇلار توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما توپى ئانچە چوڭ ئەمەس، كۆپىنچە 20~30 كالا بىر توپ بولىدۇ، توپى ئاساسلىقى سىيىر، موزاي ۋە يېتىلىش ئالدىدا تۇرغان كالىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا تېنى چوڭراق سىيىر رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ۋە پۇراش سەزگۈسى ئىنتايىن ئۆتكۈر، ئەگەر خەتەر قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللارنى سەزسە بۇرنىدا پۇشقىتىدۇ، كالا توپى دەرھال قېچىپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭ گەۋدىسى چوڭ بولغاچقا تەبىئىي كۈشەندىلىرىمۇ ئاز، پەقەت بېنگال يولۋىسى ۋە ھىندىستان شىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ، ئەمما ئاساسلىقى تېنى كىچىك ياكى ئاجىز ۋە كېسەل كالىلارنى ئوۋلايدۇ، بەستىلىك بۇقىلارغا يېقىن كېلەلمەيدۇ، بۇقا بېنگال يولۋىسىنى قاچۇرۇۋېتەلەيدۇ.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章