پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى شۇنداقلا ئىلگىرىكىدەك پەقەت سودا ھەرىكىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. بەلكىم كۆپ ساندىكى كىشىلەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ماشىنا ئادەمگە ئىشلىتىشنىڭ يەنىلا قېيىن بولغان خىزمەت مۇھىتلىرىدا ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن دەپ ئويلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار قانچىلىك زېرىكىشلىك خىزمەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرگىزمۇ قاقشىماي بۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، تەقلىد قىلىنغان ماشىنا ئادەملەر بارغانسېرى ئىنسانلارغا ئوخشىتىلىپ ياسىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار رەسمىي ھالدا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئومۇملىشىشقا باشلىدى.
ئالدىنقى مەزگىلدە ياپونىيەنىڭ ئايال ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ سىرتقى شەكلى ناھايىتى ئەينەن ياسالغان بولۇپ، ھەتتا تېرىسىمۇ ئىنسانلارنىڭ تېرىسىدىن پەرقلەنمەيدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئايال ماشىنا ئادەم سىزگە ياردەملىشىپ بىر قىسىم ئاددىي ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدۇ، مەسىلەن: سىزگە لۆڭگە سۇنۇپ بېرىش، ئەخلەت تۆكۈش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ھەتتا سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بولالايدىغان بولۇپ، پەقەت سىز مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلارنى ئۇنىڭغا كىرگۈزسىڭىزلا، ئۇ سىز بىلەن پاراڭلىشالايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل خەجلەپ سوۋغات سېتىۋېلىپ قارشى تەرەپكە ياخشىچاق بولۇشقا ۋە پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى قوغداشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ ماشىنا ئادەملەرگە پەقەت مۇناسىۋەتلىك پروگراممىنى كىرگۈزسىڭىزلا، ھاجىتىڭىز چۈشكەن ھەرقانداق ۋاقىتتا سىزنىڭ «يۇۋاش قىز دوستىڭىز» بولالايدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزەك تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ماشىنا ئادەملەرمۇ «ئەقىل-پاراسەتكە» ئىگە بولدى، ھەتتا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇقىنى چۈشىنەلەيدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى ماشىنا ئادەم ياساش سودىگەرلىرى، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ماشىنا ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ياسايدىغان بولۇپ، بۇ ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: سىز قايسى چولپاننى ياخشى كۆرسىڭىز بۇ چولپانغا ئوخشايدىغان ماشىنا ئادەم سىزگە تەئەللۇق بولىدۇ دېگەندەك...
يېقىندا چەت ئەلدە ئەر ماشىنا ئادەممۇ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلىمۇ ھەقىقىي ئادەمگە تېخىمۇ ئوخشايدۇ، يەنە كېلىپ بەدەن شەكلى ئۆلچەملىك، قورساق قىسمىدا تېخى «سەككىز پارچە قورساق مۇسكۇلى»مۇ بار ئىكەن. سودىگەرلەرنىڭ ئەتراپلىق بىر تەرەپ قىلىشى ئارقىلىق، چەت ئەل بازارلىرىدا بۇ خىل ماشىنا ئادەم نۇرغۇنلىغان ئايال ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. نۇرغۇن ئايال ئىستېمالچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەر ماشىنا ئادەم ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىكەن. چۈنكى ئەر ماشىنا ئادەملەر ناھايىتى گەپ ئاڭلايدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ماشىنا ئادەملەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆزەكنىڭ تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، كىشىگە سوغۇق تەسىر بەرمەيدىكەن. ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى خۇددى ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئىنتايىن ئوخشايدىكەن.
ماشىنا ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك تەقلىدىي ئەمەلىي قوللىنىش، ئىزچىل پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى تەرەققىيات تېمىسى بولۇپ كەلدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ماشىنا ئادەملەر ھەتتا پىشىپ يېتىلگەن تېخنىكا مەشغۇلاتى ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئالالايدىكەن. لېكىن بۇنداق كېتىۋەرسە ئىنسانلار ماشىنا ئادەمنىڭ ھەمراھ بولۇشىغا خۇمار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ماشىنا ئادەملەر مەڭگۈ سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈدىغان بولۇپ، سىزنى مەڭگۈ رەت قىلمايدۇ. ئەگەردە ئىنسانلار راستىنلا ماشىنا ئادەملەرگە خۇمار بولۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا ئېزىپ قېلىشى شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئالاقە ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ماشىنا ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قاراشقا توغرا كېلىدۇ.