گېرمانىيەلىك ئەرنىڭ سپورت ئاپتوموبىلىنى ئېشەك غاجىۋەتتى

文摘   2024-11-06 21:03   新疆  

تۇرمۇشتا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان ئىشنىڭ باش جىنايەتچىسى بىر ئېشەك بولۇپ، بۇ قىزىقارلىق ئىش گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن. Markus Zahn ئىسىملىك گېرمانىيەلىك ئەر ئۆزىنىڭ قىممىتى 310 مىڭ ياۋرو بولغان مەكلارىن ماركىلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك دەرىجىدىن تاشقىرى سپورت ئاپتوموبىلىنى فوگېلسبۇرگقا جايلاشقان بىر دېھقانچىلىق مەيدانى ئەتراپىغا توختىتىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەندە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرگەن.

Markusماشىنا قۇيرۇقىدىكى سىر ۋە كاربون تالاسى قىسمىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ ئەسلىدە ئىنتايىن غەزەپلەنگەن بولسىمۇ «باش جىنايەتچى» نى كۆرگەندە ئامالسىز قالغان. ئەسلىدە بۇ «باش جىنايەتچى» بىر ئېشەك بولۇپ، Markus  ئۇنى بايقىغاندا ئۇ ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىك لىمىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىكەن.

سۈرەتتىكى بۇ بۇزغۇنچى ئېشەكنىڭ ئىسمى Vitus بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇرىدىكەن. دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنىنىڭ دېيىشىچە، Vitus  سەۋزە يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا Markus نىڭ سېرىق رەڭلىك ماشىنىسىنى كۆرۈپ ئۇنى سەۋزە دەپ ئويلاپ قېلىپ ئۇقۇشماي غاجىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

ئىشتىن كېيىن Markus ماشىنا رېمونت قىلىش ئۈچۈن 30 مىڭ فوندستېرلىڭ خەجلىگەن. لېكىن سۇغۇرتا شىركىتى بۇ پۇلنى تۆلەشنى رەت قىلغاچقا ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئامالسىز دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئېشەك ئىگىسىمۇ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ماركوس ماشىنىنى دېھقانچىلىق مەيدانى ئەتراپىدا توختاتمىغان بولسا Vitus مۇ ئۇنىڭ ماشىنىسىنى غاجىۋەتمەيدىكەن. سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى ھۆكۈمىدە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنىنى ماركوسقا 5800 فوندستېرلىڭ تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章