ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەن يىگىت ئۆزىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغىلا ئۈلگۈردى

文摘   2024-11-21 21:51   新疆  


ماتېرىيال سۈرەت

19-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا زامبىيەلىك يىگىت باندا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقان، لېكىن ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقان نۇرغۇن ئادەم يىغىلغانلىقىنى كۆرگەن. سوراپ باقسا ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانىكەن، بۇ زادى قانداق ئىش؟ باندا دەرھال ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرگەن، باندانى ئۆلۈپ كەتتى دەپ قالغان ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ تىنچ-ئامان قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندىن كېيىن يىغىدىن توختاپ كۈلۈپ كەتكەن، دەپنە مۇراسىمى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئايلاندۇرغان.

باندانىڭ دادىسى: «باندا 18-ماي چۈشتىن كېيىن ئىشقا كەتكەن، ئەسلىدە كەچتە قايتىپ كېلەتتى، لېكىن كېچىچە قايتمىدى، 19-ماي ئەتىگەندە ئايالىم ئەتراپتىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بىر جەسەت تېپىلغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ، بېرىپ كۆرۈپ بېقىپ تونۇغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، لېكىن ئايالىم ئۇنى ئوغلىمىز دەپ قارىدى، بەك ئازابلانغان بولساقمۇ، يەنىلا ئاۋۋال جەسەتنى دەپنە قىلىشتا چىڭ تۇردۇق» دېگەن.

باندا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، «شۇ كۈنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىشىم تەلەپ قىلىندى، لېكىن ئاتا-ئانام ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىدى، مەن سەھەردە ئىشتىن چۈشتۈم، لېكىن كېچىدە يول مېڭىشتىن قورقۇپ زاۋۇتتا ئۇخلاپ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا ئۆيگە قايتتىم. ئۆينىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە نۇرغۇن ئادەمنى كۆردۈم، بېرىپ بىردەم قاراپ باقتىم، ئاندىن باشقىلاردىن نېمىش بولغانلىقىنى سورىدىم، بىرسى ماڭا <ئۇلارنىڭ ئوغلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ> دېدى، قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم، مەن ھويلىغا كىرسەم ھەممىلا ئادەم ھەيران قالدى، ئاتا-ئانام مېنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى.»

باندانىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلگۈچىنى بىزنىڭ ئوغلىمىز دەپ تۇرۇۋالغاچقا ساقچىلار ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى باندا دەپ تىزىملىغانىكەن، شۇڭا باندا قانۇندا «ئۆلۈك» ئادەم ئىكەن، يەرلىك ساقچىلار خاتىرىنى ئۆزگەرتىشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章