ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىكمۇ بارغانسېرى تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى ساياھەت ئورۇنلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە نۇرغۇنلىغان ئاماللارنى تېپىپ چىقىدۇ، كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان ئىشتىياقى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان غەلىتە لاھىيەلەرمۇ بارلىققا كەلگەن، تۆۋەندە تاماق يېيىشتىن بۇرۇن «ئۆلۈم كېلىشىمنامىسى» تۈزگىلى سالىدىغان ئاشخانىنى چۈشىنىپ باقايلى.
بۇ ئاشخانىنىڭ نامى ئىنتايىن داڭلىق بولۇپ، ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەيدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، ھەتتا ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تاماق يېيىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يېيىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كىشىلەر بۇ يەردە تاماق يېيىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ، مۇسابىقىدە يەڭسە ئېسىل سوۋغاتلارغا ئېرىشەلەيدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار بىر سائەت ئىچىدە 13.5 كىلوگىرام كېلىدىغان قاتلىمىنى يەپ بولۇپ، ئاخىرىدا ئالاھىدە تەييارلانغان بىر ئىستاكان ئىچىملىكنى ئىچىپ بولسا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن «ئۆلۈم كېلىشىمناسىسى» تۈزۈش كېرەك، بولمىسا كىشىلەر مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلسا ئاشخانا بۇنداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بولالمايدۇ، مۇسابىقىدە يەڭگەنلەر شىركەتنىڭ 10 پىرسەنت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئۇنداقتا مۇسابىقە ئۈچۈن تەييارلانغان 13.5 كىلوگىرام كېلىدىغان قاتلىمىنىڭ ئىچىدە نېمىلەر بار؟ بۇ قاتلىمىنىڭ ئىچىگە سېلىنغان خۇرۇچلار ئىنتايىن كۆپ، بۇ خۇرۇچلارنىڭ ئىچىدە كالا قوۋرۇغىسى، توخۇ گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكلەر بار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئازراق يەپلا تويۇپ قالىدۇ، بۇنداق چوڭ قاتلىمىنى يەپ خوجايىن ئالاھىدە تەييارلىغان بىر ئىستاكان ئىچىملىكنى ئىچىپ تۈگىتىش راستىنلا ئاسان ئىش ئەمەس.
بۇ مۇسابىقە ئاشخانىنىڭ ئىناۋىتىنى ناھايىتى تېزلا كۆتۈرۈۋەتكەن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مەخسۇس مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئارىلىقنى يىراق دېمەي بۇ ئاشخانىغا كېلىدۇ، سىزنىڭچە ئاشخانىنىڭ سودا قىلىش ئۇسۇلى بولامدىكەن؟