بەزى كىنولاردا باش پىرسوناژ كائىناتتىكى مەلۇم جايغا بارغاندىن كىيىن، بارغان جايىدىكى ۋاقىت بىلەن يەر شارىدىكى ۋاقىتنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ، باش پىرسوناژغا نىسبەتەن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت (نەچچە سائەت) ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەر شارىدا ئاللىقاچان نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. باش پىرسوناژنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قېرىپ كەتسىمۇ، ئەمما باش پىرسوناژ ياپياش تۇرىدۇ.
بۇنداق ۋەقەلىك فانتازىيەلىك كىنولاردا يۈز بېرىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن بۇيانقى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش توغرىسىدىكى ئارزۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى زاماندا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باققان، لېكىن بۇ ئۇسۇللارنىڭ ساختا ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان، بولمىسا پۈتكۈل دۇنيا قالايمىقانلىشىپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ھازىر بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر پەن-تېخنىكىنىڭ شارائىتى يار بەرسە، بەلكىم راستتىنلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىشىمىز مۇمكىن ئىكەن.
خۇددى بۇنداق پەن-تېخنىكىلىق فىلىملەردە تىلغا ئېلىنغىنىغا ئوخشاش، ئالەم بوشلۇقىدىكى ۋاقىت بىلەن يەر شارىدىكى ۋاقىت ئوخشىماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
زامان-ماكاننىڭ تولغىنىشى كائىناتتا ھەقىقەتەن مەۋجۇت، بولۇپمۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئەتراپىدا. ئىنسانلارنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ھەققىدىكى تەتقىقاتى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ، لېكىن بىزگە ئايانكى، ئۇنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر دەپ ئاتلىشىدىكى سەۋەپ ئۇ بارلىق ماددىلارنى سۈمۈرىۋالىدۇ، ھەتتا نۇرنىمۇ سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ سۈمۈرۈۋالغان نەرسىلەر قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھازىرغىچە بىزگە نامەلۇم. لېكىن جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى شۇكى، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بىر ناھايىتى ئالاھىدە نەرسە، ئۇ يۇقىرى زىچلىقتىكى ئاسمان جىسمى، ئۇ ئەتراپىدىكى بوشلۇق بىلەن ۋاقىتنى تولغىيالايدۇ.
ئالىملار بۇرۇن تەجرىبە ئىشلەپ باققان بولۇپ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئەتراپىدا ۋاقىت راستتىنلا يەر شارىدىكىدىن كۆپ ئاستا ئىكەن، ھەتتا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئەتراپىدىكى بىر نەچچە سائەت يەر شارىدىكى بىر نەچچە يىلغا باراۋەر ئىكەن، بۇ يەكۈن بارلىق كىشىلەرنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغان. ئۇنداقتا، ئىنسانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلاشسا ئۆمرى راستتىنلا ئۇزۇرامدۇ؟
لېكىن ھازىرقى پەن-تېخنىكا سەۋىيەرىمىزدىن قارىغاندا، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرمۇش كەچۈرەلمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك، بەلكىم كەلگۈسىدىكى نەچچە يۈز يىل، ھەتتا نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن، خۇددى ھازىرقى بەزى رومان ياكى كىنولاردا تەسۋىرلەنگىنىگە ئوخشاش، بۇنى راستتىنلا ئەمەلگە ئاشۇرالىشىمىز مۇمكىن، بۇ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان يازغۇچى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا قول قويماي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىنسانلار سەييارىلەر ئارا ياشايدۇ، دۆلەت ئايرىمىسى بولمايدۇ، مەدەنىيەت پەرقى بولمايدۇ، پەن-تېخنىكا ناھايىتى ئىلغار بولۇپ، ماشىنا ئادەملەر كەڭ ئومۇملىشىدۇ، ئىنسانلار دائىم باشقا ئاسمان جىسىملىرىدا ساياھەت قىلىدۇ، بەلكىم بۇنداق مەنزىرىنى كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن، گەرچە بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرەلمىسەكمۇ، لېكىن يەنىلا كۈتۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.