كېنىيەلىك ئەر 35 ئاشنىسى بار ئايالىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى

文摘   2024-10-31 23:51   新疆  

يېقىندا كېنىيەلىك بىر ئەر سوتقا ئايالىدىن ئاجرىشىش ئەرزى سۇندى، چۈنكى ئۇ توي قىلغان تۆت يىلدىن بۇيان ئايالىنىڭ 35 ئاشنىسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە تېخى يېزنىسى ۋە بىر جىنايەتچى بارلىقىنى بايقىغان ئىدى. ئانجېلا مىۋاخاكى كېنىيەنىڭ نايروبىدىن، ئۇ يولدىشى جوئېل جاچانىيا بىلەن توي قىلغىنىغا تۆت يىل بولغان. يېقىندا جوئېل سوتقا ئايالىدىن ئاجرىشىش ئىلتىماسى سۇندى، ئۇ ئايالى بىلەن مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىدىيىتى بارلىقىنى، قارشى تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم يولدىن چىقىپ، تۆت يىلدا ئارىلاشقان ئاشنىسى 35 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سوتنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئانجېلا بۇزۇلغان ئوبېيكىتلار زەيتۇن توپ تەنھەرىكەتچىسى، تەنتەربىيە قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى، بالىلار دوختۇرى، ئۈچ ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى، كارخانا خوجايىنى، كۈلدۈرگە ئارتىسى، كۇلۇب DJ قويغۇچىسى، شىركەتتىكى خىزمەتدىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تىزىملىك ئىچىدە يەنە ئانجېلانىڭ يېزنىسى ھەمدە يېزنىسىنىڭ ئىككى دوستى ۋە بىر ھىندىستانلىق بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئانجېلا يەنە توردا بىر جىنايەتچى بىلەن تونۇشقان. جوئېل بىر قىسىم رەسىملىك ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، ئايالىنىڭ يانفون يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق بىرقانچە ئەر بىلەن بىللە چۈشكەن خۇپىيانە سۈرەتلەرنى ھەمبەھرىلىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جوئېل مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدا توي قىلغان ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئىپپەت ھايا ۋە شەرەپ يوق، دائىم دېگۈدەك خۇپىيانە سۈرەتلەرنى يوللاپ ناتونۇش ئەرلەر بىلەن ئىشىقۋازلىق قىلىشىدۇ.»

جوئېل ئايالىنىڭ ھەممە يوشۇرۇن ئاشنىدارچىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بەزىدە ئۇ ئۆزىنى شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يەنە بەزىدە شىركەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. بىر قېتىم ئۇ يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلدى، مەن ئۇنىڭ نەگە بارغانلىقىنى سورىسام، ئۇ قاتتىق ئاچچىقلاندى ھەمدە شۇ كۈنى بالىمىزنىڭ دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈشكە بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.» ھازىر ئانجېلا ئاجراشقاندىن كېيىن يولدىشىنىڭ ئۆزىگە بىر قىسىم خىراجەت تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ خىراجەت ئۆي ئىجارە پۇلى، سۇ-توك پۇلى، داۋالىنىش پۇلى، قاتناش پۇلى، بالىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى، كىيىم پۇلى ھەمدە كۆڭۈل ئېچىش خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەر ئايدا جەمئىي 215 مىڭ كېنىيە شىللىڭى (تەخمىنەن 14 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) بولىدىكەن.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章