ئالىملار 42 مىڭ يىل بۇرۇن نەسلى قۇرغان تايچاقنى كىلونلىماقچى

文摘   2024-11-03 23:16   新疆  

ئالىملار نۆۋەتتە 42 مىڭ يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن تايچاقتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ بۇ تايچاقنى كىلونلاپ چىقماقچى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئىشەنچىسى بار ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاچ سېرىق رەڭلىك تايچاق تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىگە قالمايلا ئۆلۈپ كەتكەن. ئەمما ئۇنىڭ گەۋدىسى سىبىرىيە توڭ تۇپرىقىدا مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ۋاقتى 42170 يىلغا يەتكەن.

رۇسىيە ۋە كورېيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر تەتقىقات ئەترىتى توڭلاپ قېتىپ كەتكەن بۇ تايچاقنى نەچچە ئاي تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىپ بۇ تايچاقتىن ئېرىشكەن ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ خىل سوغۇققا چىداملىق نەسلى قۇرۇپ كەتكەن تۈرنى كىلونلاپ باقماقچى بولغان. بۇ ۋەزىپە بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ تايچاق ئۈچۈن ھامىلە كۆچۈرىدىغان ئوبېيكىت تاللاشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. خەلقئارا تەتقىقات ئەترىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر نۆۋەتتە كەركىداننىڭ گەۋدىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ تەتقىقات ئەترىتىدىكى رۇسىيەدىن كەلگەن بىر ئاساسلىق تەتقىقاتچى يەتتە ئالىمنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە قاتناشقانلىقىنى ھەمدە ھەربىر ئادەمنىڭ نەتىجىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ تەتقىقاتچىنىڭ دېيىشىچە، تۇنجى قېتىملىق كىلون سىنىقىدا بىر كورېيە بايتىلىنى ھامىلە كۆچۈرىدىغان ئوبېيكىت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خىل بايتال موڭغۇل ئېتىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ سورتىمۇ ئىنتايىن قەدىمىي ئىكەن.

يەنە بىر تاللاش بولسا ياقۇت ئېتى— شەرقىي سىبىرىيەنىڭ يەرلىك تۈرى بولۇپ، قىشتا تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 60 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندىمۇ ئۇلار يەنىلا ھايات قالالايدۇ.

ياقۇت مامونت مۇزېيىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپ قالغان بولغاچقا ئەۋرىشكە ئېلىپ بىئولوگىيەلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى قىلىشقا پايدىلىق ئىكەن.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章