8-ماي كېنىيەدە ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى، يەرلىكتىكى ئەر پىتىر قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى، تۆت ئايال چىقىپ ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ قانۇنلۇق خوتۇنى دەپ، جەسەتنى تالىشىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چاقىرىپ دوختۇرخانىنىڭ دەپنە ئۆيىدە ئۇرۇشۇپ كەتتى. ساقچى ئىدارىسى بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ كېلىشتۈردى.
پىتىرنىڭ بىر خوتۇنى
ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پىتىر موتسىكىلىت كىرا قىلىپ جان باقىدىكەن، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك قازا قىلغان. ساقچىلار 8-ماي پىتىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە دوختۇرخانىغا كېلىپ جەسەتنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرغان، لېكىن كۈتمىگەندە ئوخشاش بىر كۈندە تۆت ئايال كېلىپ ھەممىسى ئۆزىنى پىتىرنىڭ خوتۇنى، ئۇنىڭغا بالا تۇغۇپ بەردىم دېگەن، تۆتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جېننىت، لىدىيا، سۇسان ۋە سۇرىم ئىكەن. ئۇلارنىڭ تەلىپى پۈتۈنلەي ئوخشاش: ئېرىمنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىپ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىمەن.
تۆت ئايال بىر-بىرىگە يول قويۇشماي، بىردەكلىككە كېلەلمىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئائىلسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، دوختۇرخانىنىڭ دەپنە ئۆيىدە ئۇرۇشۇپ كەتكەن، ئەھۋال ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ، دوختۇرخانا ساقچىلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا ساقچىلارنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن تۆت ئايال ئاران تەستە بىردەكلىككە كېلىپ، پىتىرنىڭ تاغىسى جەسەتنى ئېلىپ كېتىش ۋە دەپنە مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا قوشۇلغان.
دوختۇرخانا خىزمەتچىسى: «ئۇلار كىمنىڭ قانۇنلۇق خوتۇن ئىكەنلىكىنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتى، ساقچىلارنى چاقىرىشقا مەجبۇر بولدۇق، چۈنكى ئەھۋالنى كونترول قىلالمىدۇق، ئۇلاردىن ھېچكىم قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدى. ئۇرۇش بېسىققاندىن كېيىن جەسەتنى ھېچكىمگە بېرەلمىدۇق، ئەڭ ئاخىرىدا جەسەتنى ۋە ئۆلگەنلىك ئىسپاتىنى ئۆلگۈچىنىڭ تاغىسىغا تاپشۇردۇق» دېگەن.
پىتىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەڭ ئاخىرىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇ مەسىلىنى ئىمكانقەدەر دوستانە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق بىر «خوتۇنى»نى چەتلەشتۈرمەيدىغانلىقىنى، ھەممىسى (تۆت خوتۇنى)نىڭ پىتىرنىڭ مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتقان.